大数跨境
0
0

بېلىق قانداق ئۆلدى

بېلىق  قانداق  ئۆلدى aymehri
2017-11-23
0
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ



بېلىق  قانداق  ئۆلدى؟

بېلىق  ئىدىشىدا  تۆت  تال  بېلىق  باقتىم، ھەرقېتىم  ئۇلارغا  يەم  بەرگەندە  ئەڭ  كىچىك  بېلىق   ئۈستىگە  ئۈزۈپ  چىقىپ  تالىشىپ  يۈرۈپ  يەم  يەيتتى. مەن  ئۇنى  كۈچلۈك  بېلىق  دەپ  ئاتىدىم، لېكىن  ھەيران  قالغىنىم  شۇكى  ئۇ  گەرچە  ھەرقېتىم  ئالدىراش  يەم  تالاشسىمۇ  لېكىن  يەيدىغىنى  ساناقلىقلا  ئىدى. 

مەن  بېلىق  ئىدىشىغا  ھاڭۋېقىپ  قاراپ  قالدىم، غەلىتە  ئىش، باشقا  چوڭ  بېلىقلار  ئۇنىڭغا  پۇرسەت  بەرمىدى  ئەمەس، ئۇمۇ  بېلىق  يېمىدىن  بىزار  ئەمەس. نىمىشقا  شۇنچە  ئالدىراشلىق  بىلەن  يەم  تالىشىپ  تۇرۇپمۇ  يەنە  كۆپ  يىيەلمەيدۇ؟

كېيىن  مەن  ئۇنىڭ  بېلىق  يېمىنى  كۆپ  يېيەلمەسلىكىنىڭ  سەۋەبىنى  چۈشىنىپ  يەتتىم. ئۇنىڭ  كۈچلۈك  بولىشى  دەل  ئۇنىڭ  ئاجىزلىقى  ئىدى.  ئۇ  بېلىق  يېمىنىڭ  باشقا بېلىقلارغا  تەۋە  بولۇپ  كېتىشىدىن  ئەنسىرەپ  ھەمىشە  ئۆزى  ماڭا  تەۋە   بولىشى  كېرەك،  دەپ  قارىغان  بېلىق  يېمىنى  ئايلىنىپلا  يۈرىيدىكەن، دەل  مۇشۇنداق  بولغاچقا  ئۆزى  ھېرىپ  قالغاننىڭ  سىرتىدا  يەنە  يېمەكلىكنىمۇ  قولدىن  بېرىپ  قوياتتى.

چوڭ  بېلىقلار  بولسا  تەمتىرمەستىن  بېلىق  ئىدىشىدا  ئۈزەتتى، قارىماققا  بېلىق  يېمىغا  ئانچە  ئېتىبار  قىلمايدىغاندەك  قىلاتتى،  بۇ  جەرياندا  كىچىك  بېلىقنىڭ  قالايمىقان  ئۈزىشى  سەۋەبىدىن  تۆت  ئەتراپقا  چېچىلغان  بېلىق  يېمى  چوڭ  بېلىقنىڭ  ئالدىغا  ئۆزى  كېلىدىكەن.   ئۇ  ئاغزىنى  ئېچىپلا  بەرسە  ئاسانلا 

 قورسىقىنى  تويغۇزالايدىكەن.

بېلىق  ئىدىشىغا  يەم  چاچمىغان  چاغدىمۇ  كۈچلۈك  بېلىق  تىنچ  تۇرمايتتى، توختىماستىن  ئىدىشنىڭ  ئاستىدىكى  رەڭلىك  تاشلارنى  ئوينايتتى، سۈنئىي  ئۆسۈملۈكلەر  ئارىسىدا  ئۇياق -بۇياققا  ئۈزەتتى، بەزى -بەزىدە  سۇ  يۈزىگە  چىقىۋالاتتى. ئۆيگە  مېھمان  كېلىپ  قالسا  بۇ  بېلىق  ماختاپ:  ئەگەر  مەن  بېلىق  سېتىۋالسام  مۇشۇ  ئەڭ  تېز  ئۈزىدىغان  بېلىقنى  سېتىۋالاتتىم، دەيتتى.   كۈچلۈك  بېلىق  ھەممە  ئادەم  ئامراقلىق  قىلىدىغان  بېلىققا  ئايلاندى .

ئەكىسچە  مەن  بۇ  بېلىقنى  ئازراقمۇ  ياقتۇرمايتتىم، ئىچىم  پۇشۇپ  قالغاندا  ئۇنىڭ  سۇدا  پالاقشىپ  يۈرگىنىنى  كۆرسەم  سۈزۈپ  ئېلىۋەتكۈم  كېلەتتى.  ئەڭ  ئاچچىقىمنى  كەلتۈردىغىنى  شۇكى  ھەر  قېتىم  بېلىق  ئىدىشىنىڭ  سۈيىنى  لىقلاپ  ئەتىسى  ئەتىگەندە  ئىدىشنىڭ  ئەتراپىنىڭ  ھۆل  بولۇپ  كەتكەنلىكىنى  كۆرسەم ،بۇنى  چوقۇم  كۈچلۈك   بېلىق  پالاقشىپ  يۈرۈپ  مۇشۇنداق  قىلىۋەتتى،  دەپلا  ئويلايتتىم.  بۇلارنى  يىغىشتۇرغاچ  ئىچىمدە  كۈچلۈك  بېلىقنى  نەچچە  ئېغىز  تىللاپمۇ  قوياتتىم.

بىر  مىنۇتمۇ  جىم  تۇرمايدىغان  كۈچلۈك  بېلىق  شۇ  ئايدىلا  بېلىق  ئىدىشىدا  ئۆلۈپ  قالدى، سەۋەبى  مەن  ئالدىنقى  كۈنى  ئۇلارغا  يەم  بەرگەندە  دىققەتسىزلىكتىن  بەك  كۆپ  بېرىۋېتىپتىمەن،  قالغان  ئۈچ  بېلىق  مىدىرلاشقىمۇ  ھورۇنلۇق  قىلىپ  ئانچە  كۆپ  يىمىگەن  بولسا  كېرەك.  كۈچلۈك  بېلىق  تۇيۇقسىزلا  مۇنداق  كۆپ  بېلىق  يېمىنى  كۆرۈپ  ئۆزىنى  تۇتىۋالالماي  ھەممىنى  يېگەن  بولسا  كېرەك، ئاخىر  قورسىقىم  تويدى،  دەپ  بەخىت  ھېس  قىلىۋاتقان  چېغىدا  جېنىدىن  جۇدا  بولغان  ئىدى.

كۈچلۈك  بېلىققا  ھېسداشلىق  قىلىش  بىلەن  بىر  ۋاقىتتا  مەن  يەنە  نۇرغۇن  ئىشلارنى  چۈشەندىم.

ئەمەلىيەتتە  بېلىقلا  ئەمەس،  ئادەملەرمۇ  مۇشۇنداق.بەزى  ئادەملەر  ئۆزىگە  غايە، نىشان  تىكلەيدۇ، ئاندىن  ئاكتىپلىق  بىلەن  ئەڭ  ئالدىغا  ئۆتۈپ  باشقىلار  بىلەن  تالىشىدۇ، ئاقىۋەتتە  ھېچنىمىگە  ئېرىشەلمەيدۇ.

نېمىشقا  مەن  باشقىلاردەك  كۆپ  پۇل  تاپالمايمەن؟  نىمىشقا  مېنىڭ  ئېرىم  باشقىلارنىڭ  ئېرىدەك  ئىقتىدارلىق  ئەمەس؟ نىمىشقا  مېنىڭ  ياشلىق  گۈلۈم  بالدۇرلا  خازان  بولىدۇ؟  

بۇنداق  كىشىلەر  ئۆزىنى  بەك  ئاجىز ، ئىنكاسىنى  بەك  ئاستا  ھېس  قىلىشىدۇ، شۇڭا  سۈرئىتىنى سەل  تېزلەتسە، يەنە  ئازراق  تىرىشسىلا  چوقۇم  مۇۋەپپىقىيەت  قازىنىمەن،  دەپ  ئويلايدۇ.  شۇڭا  ئۇلار  كۈچەيدۇ، كۈچەيدۇ،  يەنە  كۈچەيدۇ.

ئۇلار  مەسىلىنىڭ  تىرىشىش  ياكى  تىرىشماسلىقىدا  ئەمەس ، بەلكى  ئۆزىنىڭ  ئۆزىنىڭ  زادى  نىمە  ئۈچن  پايپېتەك  بولىۋاتقانلىقىنى  بىلمەيدۇ. 

ئۆزىڭىزنىڭ  ھەقىقىي  ئېھتىياجىڭىزنىڭ  زادى  نىمە  ئىكەنلىكىنى  بىلىپ  ئاندىن  شۇنىڭغا  قارىتا  نىشان  تىكلەپ  ئاندىن  ھەركەتلەنسىڭىز،  ئىىكتىن  كۈلۈپ  چىقىپ  يىغلاپ  قايتىپ  كېلىدىغان  ئەھۋال  بولمايدۇ.

شۇڭا  ئەڭ  كۈچلۈكى  بولىمەن،  دەپ  بەك  زورىقىپ  كەتمەڭ، توختاپ  بېقىڭ، ساقلاپ  بېقىڭ، ئويلىنىپ  بېقىڭ. سىزگە  لازىملىقى  زادى  نىمە؟   ئۇ  راستىنلا  سىزنى   رازى  قىلالامدۇ؟





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624