

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بەلكىم سىز ئادەتتە ئۇششاق كېسىلى جىق ئادەم ھېچقانداق كېسىلى يوق ئادەمگە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ ، دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن . بۇنداق دېيىشنىڭ راستىنلا ئاساسى بارمۇ ؟
ئۇششاق كېسەلنىڭ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىشى ئىممۇنت كۈچىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ .
ئادەمنىڭ ئىممۇنت كۈچى يىمەكلىك تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن كەلمەيدۇ ، بەلكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھەرخىل ئانتىگىننىڭ غىدىقلىشى ۋە ئورگانىزىم ئىممۇنت سېستىمىسىدىن پەيدا بولىدۇ .
ئاز مىقداردىكى باكتىريە ، كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ بەدىنىمىزنى قايتا - قايتا غىدىقلىشى تەسىرىدە ، بەدىنىمىزدىكى ئىممۇنت سېستىمىسى شۇنىڭغا ماس ھالدا ئالاھىدە ئانتىتىلا ۋە سەزگۈرلەشتۈرگۈچى لىمفا ھۈجەيرىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ . مۇشۇ تەرىقىدە كۆپ مىقداردىكى باكتىريە كېسەللىك مىكروبلىرى بەدىنىمىزگە ھۇجۇم قىلغاندا ،بەدىنىمىز جىددىي جەڭ ھالىتىگە كىرىپ ، قاراتمىلىق مۇداپىئە ئېلىپ بارىدۇ .
بۇ جەرياندا ئەڭ دەسلەپتە بەدىنىمىزگە كىرگەن ئاز مىقداردىكى باكتىريە كېسەللىك مىكروبلىرى بەدىنىمىز ئۈچۈن ۋاكسىنا رولىنى ئوينايدۇ .
ئەكىسچە ، ئەگەر ئادەم بەدىنى ئۇزۇن مەزگىل كېسەلدىن خالىي ھالەتتە تۇرسا ، بىر تەرەپتىن بەدەننىڭ نورمال مۇداپىئە سېستىمىسى جىددىي پەيتتە كاردىماس بولۇپ قالىدۇ ،يەنە بىر تەرەپتىن مۇداپىئە سېستىمىسى ئۇزۇن مەزگىل ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرغانلىقتىن بەدەننىڭ ئىممۇنت ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ ، بەدەنگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن باكتىريىلەرنى تونىمايالمايدىغان ، ئايرىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەرخىل خاتا ئىممۇنىتلىق يەكلەش ، سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىش مەسىللىرى كېلىپ چىقىدۇ .
كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا نۇرغۇن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ئىلگىرى ناھايتى ساغلام بولۇپ ،ئون نەچچە يىلغىچە ناھايتى ئاز كېسەل بولغان ، ھەمدە دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش تارىخىمۇ ناھايتى ئاز بولغان .
بولۇپمۇ بۇنداق كىشىلەر بىر ئۆمرىدە باكتىريە ، كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ تەسىرىگە قارىتا قىزىش ، بېشى ئاغرىش ، بادام بېزى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولمىغان .
ئىممۇنت كۈچى سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولىدىغان بولغاچقا ،بەزى ۋاقىتتا ئادەمنىڭ كېسەل بولۇش مەزگىلى ئەمەلىيەتتە زەھەر ھەيدەش ، بەدەننىڭ كېسەللىك بىلەن تىركىشىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر . شۇڭا زىيادە ئەنسىرەپ ، ھە دېسىلا دوختۇرغا قاتىراشنىڭ ھاجىتى يوق .
كېسەل بولغان ھامانلا دورا ئىچىش بەدەننىڭ ئىممۇنت سېستىمىسىنى ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇيقۇ ھالىتىگە سۆرەيدۇ .بەدەننىڭ دورىغا تايىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۋېتىدۇ ،بۇ بەدىنىمىزنىڭ باكتىريە ، كېسەللىك مىكروبلىرىغا قارىتا ئىممۇنت كۈچى ھاسىل قىلىشىدىكى بىر يوچۇققا ئايلىنىدۇ .
تۇرمۇشتا بۇ بەش خىل كىچىك كېسەللىكلەرنىڭ بولۇپ تۇرغىنى ئەمەلىيەتتە بىر ياخشى ئىش ھېساپلىنىدۇ .شۇڭا ھەرگىز ھودۇقماڭ .
بىرىنجى : يۆتەل
يۆتىلىپ قېلىش بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ .ئۇ نەپەسلىنىش سېستىمىسىدىكى بىر خىل كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بىرى ، بەدەننىڭ بىر خىل قوغداش مىخانىزىمى ، ئورگانىزىمغا پايدىلىق .
نەپەس يولى شىلىمشىق پەردىسى غەيرىي ماددىلار ، ياللۇغ ، ئاجرالما ماددىلار ياكى سەزگۈر ئامىللارنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچىرغاندا ، شۇنىڭغا قارىتا يۆتەل پەيدا بولىدۇ ، بۇنىڭ سىرتتىن نەپەس يولىغا كىرگەن غەيرىي ماددا ياكى ئاجرالمىلارنى تازلاشقا پايدىسى بار بولۇپ ، نەپەس يولىدىكى غىدىقلىغۇچى ئامىللارنى يوقىتىدۇ .
ئەگەر يۆتەل بولۇش ھامانلا يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنى ئىستىمال قىلغاندا ،ھەرخىل قالدۇق ماددىلار داۋاملىق نەپەس يولىدا توختاپ ، ياللۇغنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ .
ئەسكەرتمە : يۆتەل بولغاندا ، بەدەننى ئىسسىق ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىش كېرەك .قىزىل لازا ، پىياز قاتارلىق نەپەس يولىنى غىدىقلايدىغان ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . ئەگەر تەكرار يۆتىلىشكە ئەگىشىپ يەنە قىزىش ، دېمى سىقىلىش ، بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرىنىش كېرەك .
ئىككىنجى : ياندۇرۇش .
ياندۇرۇشمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ داۋاملىق زىيانلىق ماددىلارنى سۈمۈرىشىنى ئازايتىدۇ ، ئورگانىزىمنىڭ مۇداپىئە رېفلىكىسى ھېساپلىنىدۇ .
ياندۇرغاندا دورا ئىشلىتىش ، زىيانلىق ماددىلارنىڭ داۋاملىق بەدەن ئىچىدە تۇرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەگەر پەقەت ياندۇرۇشلا بولسا بەدەنگە كۆپ مىقداردا سۇ تولۇقلاپ بېرىش كېرەك . ياندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۈچەي - ئاشقازان بىئارام بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە سۇ تولۇقلاش بىلەن بىرگە يەنە قورساق قىسىمنى ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك .
ئەسكەرتمە : ياندۇرغاندىن كېيىن ئالدىراپ غىزالانماسلىق ،مۇۋاپىق مىقداردا ھەركەتلىنىش ،بەدەننى سەل ئارام ئالدۇرىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن غىزالىنىش كېرەك . ياندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا قورسىقى ئاغرىش ،قىزىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرىنىش كېرەك .
ئۈچىنچى : ئىچى سۈرۈش .
بۇ بەدەننىڭ يىمەكلىك تەركىبىدىن سۈمۈرىۋالغان زەھەرلىك مادىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش ئۇسۇلى بولۇپ ، ئىچى سۈرگەندە كېسەل داۋالاشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك . مەسىلەن : ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش دورىسى ئىچىش ،ياللۇغ دەپ قاراپ ، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ئىچىش ، ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچىش .
ئەسكەرتمە : ئىچى سۈرگەندە كېسەلگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك ، مەسىلەن ئىلمان قايناقسۇ ئىچىش . ئەگەر ئېغىر بولسا ، ياكى قان ئارلاش ئىچى سۈرگەن بولسا دەرھال دوختۇرغا كۆرىنىش كېرەك .
تۆتىنجى : بۇرنى قاناش .
بۇ بەدەننىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ ،ئادەم سۇنى ئاز ئىچىپ ئاچچىق نەرسىلەرنى كۆپرەك يەۋەتكەندە ھەمدە مۇھىت سەۋەپلىك ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا ئورگانىزم ئاپتوماتىك ھالدا ئەڭ ئاجىز بولغان بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسى ئارقىلىق ئىسسىقلىقنى ياندۇرىدۇ . شۇڭا بۇرۇن قاناپ كەتكەندە جىددىيلىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق .
لېكىن ، ئەگەر بۇرۇن قاناش خېلى بىر مەزگىلگىچە داۋاملاشسا چوقۇم ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك .
ئەسكەرتمە : بۇرۇن قاناپ ئۇزاققىچە توختىمىسا چوقۇم دوختۇرغا كۆرىنىش كېرەك .بۇ بەلكىم بەدەن ئىچىدىكى قان تومۇرلارنىڭ توسىلىشى ،قان بېسىمنىڭ زىيادە ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەپلىك بولىشى مۇمكىن .
بەشىنجى : قىزىش .
ئادەمنىڭ بەدەن تېمپۇراتۇرىسى 37 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسىلا بۇ قىزىشقا تەۋە بولىدۇ .تىببى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە ،ئىممۇنت ھۈجەيرىسىنىڭ ئىقتىدارى بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كۈچىيىدىغان بولۇپ ،بەدەن تېمپۇراتىرىسىنىڭ يۇقىرى كۆتىرلىشى يەنە قان تەركىبىدىكى تۆمۈر ئىئونىنىڭ قويۇقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ ، كېسەللىك تەنچىسىنىڭ يېتىلىشىگە كېرەكلىك بولىدىغان تۆمۈر ماددىنىڭ تەمىنلىنىشىنى ئازايتىدىكەن ، بۇ كېسەلگە قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن .
شۇڭا قىزىغان ھامانلا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى يېيىش كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدىكەن .بەدەن تېمپۇراتۇرىسى 38 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمىسە ، بەدەن روھلۇق بولسا ، ئىشتىھا تەسىرگە ئۇچىرمىغان بولسا پېشانىگە مۇز پارچىسى قويۇش ، كۆپ سۇ ئىچىش ئارقىلىق بەدەنگە يېتەرلىك ۋىتامىن ، مېنىرال ماددىلارنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ .
ئەسكەرتمە : بەدەن تېمپۇراتۇرىسى 38.5 تىن يۇقىرى بولغاندا ،ياكى داۋاملىق قىزىش ھالىتىدە تۇرسا ياكى باش ئاغرىش ، بوغۇم ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرىنىش كېرەك .








