

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
1
يول مېڭىشقا ئالدىرماسلىق
تاماقتىن كېيىن ئاشقازان توق ھالەتتە بولىدىغان بولۇپ ، ئىنتايىن يېنىك ھەركەتلەرمۇ ئاشقازاننىڭ سىلكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئاشقازاننىڭ بېسىمىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ ، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىدۇ . تاماقتىن كېيىن ئادەمنى ئۇيقۇ باسىدىغان بولۇپ ، بۇ ۋاقىتتا يول ماڭغاندا ، ئاسان كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر چىقىشى مۇمكىن . شۇڭا تاماقتىن كېيىن 30 مىنۇت تىنچ ئولتۇرۇپ ئاندىن يول مېڭىش كېرەك .
2
مېۋە يېيىشكە ئالدىرماسلىق
تاماقتىن كېيىن دەرھال مېۋە يىگەندە ئاسانلا ئاشقازان كۆپۈپ قېلىش ، ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا تاماقتىن كېيىن 1-2 سائەتنى ئۆتكۈزۋېتىپ ئاندىن مېۋە يېيىش كېرەك .
3
يۇيۇنۇشقا ئالدىرماسلىق
تاماقتىن كېيىن ئالدىراپ يۇيۇنغاندا ، تاماقنىىڭ ھەزىم بولىشىغا ، سۈمۈرلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا تاماقتىن كېيىن 1-2 سائەت ئارام ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يۇيۇنۇش كېرەك .
4
چىش چوتكىلاشقا ئالدىرماسلىق
چىشنىڭ سىرتقى قىسمىدا بىر خىل ئىنامىل ماددىسى بار بولۇپ ، ئىماللىق قەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ .ئەگەر تاماقتىن كېيىن دەرھال چىش چوتكىلىغاندا ، ئىماللىق قەۋەت كىرىستالىمۇ بىللە چوتكىلىنىپ كېتىدۇ .ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ، چىشمۇ ئاسان زەخىملىنىدۇ . شۇڭا تاماقتىن كېيىن ئېغىزنى چايقاپ قويسىلا بولىدۇ ، ئاز دېگەندىمۇ 1-2 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن چوتكىلاش كېرەك .
5
چاي ئىچىشكە ئالدىرماسلىق
چاي ئاشقازان سۇيۇقلىقىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ ،ئاشقازاندىكى يىمەكلىكلەرنىڭ نورمال ھەزىم بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا تاماقتىن كېيىن بىر سائەت ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى چاي ئىچمەسلىك كېرەك .
6
تاماكا چېكىشكە ئالدىرماسلىق
بۇ ۋاقىتتا تاماكا چەككەندە ئۆپكىنىڭ نىكوتىن قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈش نىسبىتى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن يۇقىرلاپ كېتىدىغان بولۇپ ، سالامەتلىككە تېخىمۇ زىيانلىق .
7
بەلباغ بوشىتىشقائالدىرماسلىق
تاماقتىن كېيىن بەلباغنى بوشىتىۋەتكەندە ، قورساقنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى بېسىمنى ئازايتىپ ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر قىلىدۇ ، ئاشقازاننىڭ ساڭگىلاپ قېلىشى قاتارلىق ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8
يېتىشقا ئالدىرماسلىق
تاماقتىن كېيىنلا يېتىۋالغاندا ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ ، شۇڭا تاماقتىن كېيىن ئاز دېگەندىمۇ 20 مىنۇتنى ئۆتكۈزۋېتىپ ئاندىن ئۇخلاش كېرەك ، چۈشلۈك تاماقمۇ شۇنداق .














