大数跨境
0
0

ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرسە مۇنداق بولىدۇ...

ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرسە مۇنداق بولىدۇ... aymehri
2018-01-25
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

ساغلاملىق تورى خەۋىرى،:

ھېسسىيات ئىشىدا، مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئىككەيلەن بىر-بىرىنى قانچە ياخشى كۆرگەنسېرى، يۈرەكلىرىمۇ شۇنچە يېقىنلىشىپ، بىر-بىرىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان، بىراق مۇھەببەت قالمىغاندا بولسا، بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بولىدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن، مۇھەببەت تۇيغۇسى ۋە تەپسىلاتىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدىغان بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك سۆيگۈنىگە بارلىق قىزغىنلىقىنى ئاتا قىلىدۇ.

ئەگەر بىر ئەر كىشى ئۆزىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئايالنى ئۇچراتسا، ئۇنداقتا ئۇ ئايالنىڭ قايناق مۇھەببىتىنى ھېس قىلالايدۇ. ئەكسچە بولغاندا، بىر ئايال كىشى سىزگە «ئىلمان سۇ»دەك مۇئامىلە قىلسا، ئۇنداقتا، ئۇ ئاشۇ قايناق ھېسسىياتتىن ۋاز كېچىپ، سىزدىن بىزار بولۇشقا باشلىغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك ئىپادىلەر بولسا، بەلكىم سىلەر ئايرىلىپ كېتىشىڭلار مۇمكىن، چۈنكى ئۇ سىزنى ئاللىبۇرۇنلا ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدى.

1. تۇيۇقسىزلا كۆڭلى بىر يەردە بولمىغاندەك ھالەتتە سىزگە مۇئامىلە قىلسا...

بىر ئايال يەنە بىر ھەمراھىغا كۆڭۈل بۆلمەي ياكى ھەمىشە تاقابىل تۇرۇشتەك ئىپادىدە بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ سىزگە بولغان قىزىقىشىنى يوقاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ ياكى دىققىتى ئۇ ئەردە ئەمەس. ئۇنىڭ سوغۇقلا مۇئامىلە قىلىشى سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى بىلىپ كەينىگە چېكىنشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ياكى سىزگە ھېچقانداق قىزىقىشى قالمىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا قانچە كۆزىگە كىرىۋالغانسېرى شۇنچە ئەكسچە ئۈنۈم بېرىپ قويسىز. بەلكىم بەزى ئاياللار يەنە سىزگە ئاچچىقلىنىشى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئەرلەر مەيلى قانداقلا ئۇسۇلدا تىرىشچانلىق كۆرسەتسۇن ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ. شۇڭا يەنىلا ۋاقىتىدا ۋاز كەچكىنى تۈزۈك. چۈنكى ئۇ سىزدىن ئايرىلىپ كېتىشتە چىڭ تۇرسا، يەنە مەجبۇرلاشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى، مۇھەببەت ئەسلىدىنلا ئىككى ئادەمنىڭ چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ بەدەل تۆلىشى ئەمەسمۇ!

2. مەقسەتلىك سىزدىن يىراقلىشىپ، تېلېفونىڭىزنى ئېلىشنى خالىمىسا...

ئەگەر ئايال كىشى بىر ئەرنى ياخشى كۆرمىسە ياكى ئايرىلىپ كەتكۈسى كەلسە، ئۇنداقتا ھەمىشە مەقسەتلىك يىراقلىشىشتىن باشلايدۇ. ئارقىدىن ئاستا-ئاستا تېلېفونىڭىزنى ئالمايدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ دائىم قوللىنىدىغان ئايرىلىپ كېتىش «تاكتىكىسى». بۇنداق ئەھۋالدا، ئايال كىشىنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى بارا-بارا تۈگەيدۇ، دېگەن گەپ. شۇ سىزگە ئازار بېرىشنى خالىمىغانلا يېرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىللىق ئەرلەرنىڭ يالۋۇرۇپ يۈرۈشىنىڭ ئورنى يوق، سىز ئۇنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ قالسىڭىزمۇ بىراق كۆڭلىنى ئېلىپ قالالمايسىز. ئايال كىشىنىڭ بىر ئەر كىشىگە توختىماستىن سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشى شۇ كىشىنىڭ ۋاز كېچىشى ئۈچۈندۇر. ئايال كىشىنىڭ بىر ئەرنى ياخشى كۆرمەس بولۇشى چوقۇم ئۇنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىپ قارار چىقىرىشىدىن، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق قارار چىقىرىشى ئاز ئۇچرايدۇ. بىر ئايال كىشى ئىنتايىن سوغاققانلىق بىلەن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن سىزدىن يىراقلىشىشى سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

3. سىز ئۇنىڭغا قانچە كۆڭۈل بۆلگەنسېرى، ئۇ شۇنچە بىزار بولىدۇ.

ئەگەر بىر ئايال كىشى بىر ئەرنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرسە، ئۇنداقتا، ئۇ شۇ ئەر كىشىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە ئاسىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ شۇ ئەرنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەكسچە بولغاندا، بىر ئايال كىشى ئەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئاسىرىشىغا نىسبەتەن بىزارلىق كەيپىياتىدا بولسا ئۇنداقتا، بۇ ئۇنىڭ شۇ ئەر كىشىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزنى بېسىم دەپ قاراپ، سىزدىن بىزار بولىدۇ ھەتتا تېخى قېچىپ كېتىشتەك كەيپىياتتىمۇ بولىدۇ. بۇ بىر ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنىڭ روشەن بەلگىسى. بىر ئايال ئەر كىشىنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالسا، ئەر كىشى مەيلى ئۇنى ئەرشكە ئېلىپ چىقسۇن مەيلى قانچىلىك بەدەل تۆلىسۇن ھەممىسى نەتىجىسى چىقمايدىغان ئىشلاردۇر.

مۇھەببەت مانا مۇشۇنداق كىشىنى قىينايدىغان نەرسە. ئۇنىڭ بىر تەرىپىدىن ئىللىق ھارارەت تاپچىپ تۇرسا يەنە بىر تەرىپىدىن رەھمىسزلىك ۋە سوغۇققانلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا «قەدىرلە ياندا بارىنى» دېگەن گەپ بىكارغا تارقالمىغان. بەزىدە كۆز بىلەن كۆرگەندىن كۆڭۈلنىڭ تۇيغىنى يامان. ياخشى كۆرىدىغان شۇ ئادىمىڭىزنى قالايمىقان ئويلارغا باشلاپ، كۆڭلىنىڭ سوۋۇۇپ كېتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، قىز كۆڭلى تاشتىن قاتتىق، گۈلدىن نازۇك.



【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624