

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
1. ئەينەككە قاراپ بېقىڭ . سىزنىڭ باشقىلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ يېنىدا قويغۇزالىغۇدەك گۈزەل رۇخسارىڭىز بامىكەن ؟
2. بانكا كارتىڭىزنىڭ قالدۇق سوممىسىغا قاراپ بېقىڭ . يېتەرلىك مال – دۇنيارىڭىز بامىكەن ؟
3. يېڭى نىكاھ قانۇنىغا قاراپ بېقىڭ . ئۇ سىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى : باي ئادەمگە ياتلىق بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلىدىغان دەۋر ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى ، ھەممە ئىشتا ئۆزىڭىزگە تايانمىسىڭىز بولمايدۇ .
مۇنداق ياشاڭ ، ھەممە ئادەمنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك
1. تىرىشىپ قانداق پۇل تېپىش ھەققىدە باش قاتۇرىدىغان ئايال بولۇڭ ، قانداق قىلىپ پۇل تېجەشنىڭ كويىدىلا يۈرىدىغان ئەمەس .
2. چىرايلىق گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى راست دەپ قالماڭ ، سەت گەپلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن زىغىرلىشىپ ئولتۇرماڭ .
3.ھازىرقى ھالىتىڭىزنى باتۇرلۇق بىلەن قوبۇل قىلىڭ ھەم ئۈزلۈكسىز ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈڭ.
4. چارچاشلىرىڭىزنى ئۇيقۇ ئارقىلىق تۈگىتىڭ ، لېكىن ئۇيقۇڭىزدىن كۈلۈپ ئويغىنىشنى ئۇنۇتماڭ .
5. ئوقۇش تارىخىڭىز يۇقىرى بولمىسىا ھېچقىسى يوق ، لېكىن چوقۇم تەربىيە كۆرگەن ئايال بولۇڭ .
6. گۈزەل رۇخسارىڭىز بولمىسا ھېچقىسى يوق ، لېكىن چوقۇم ئاقكۆڭۈل بولۇڭ.
7. پۇل راستىنلا مۇھىم ، لېكىن ئەرلەرنى ياكى ئاتا- ئانىڭىزنى بارلىق ئىقتىسادىڭىزنىڭ مەنبەسى قىلىۋالماڭ ، ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ پۇل تاپىدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلاڭ.
8. ئۆتكەن ئىشلارنى ئۆتكىلى قويۇڭ ، ئورۇنسىز ئۆزىڭىزنى چارچىتىۋالماڭ .
9. ھەممە نەرسىڭىزنى ئۇتتۇرۇپ قويسىڭىزمۇ ، كۈلكىڭىزنى ئۇتتۇرۇپ قويماڭ.
10. ئۆزىڭىزنى دۇنيادا بىر دەپ تەمەننا قويۇپ كەتمەڭ ، سىز ئايرىلىشنى تاللىغان ۋاقتىڭىزدا شۇنى بايقايسىزكى ، سىز بولمىسىڭىزمۇ ھاياتنىڭ چاقى ئوخشاش چۆرگىلەۋېرىدۇ.
11.ئەگەر ھازىرقى خىزمتىڭىزنى ياقتۇرمىسىڭىز ، ئىستىپا بېرىپ بىراقلا ئىشلىمەڭ ، ئۇنداق قىلالمىسىڭىز ھەممىلا يەردە خىزمىتىڭىزنىڭ ناچارلىقىدىن زارلاپ يۈرمەڭ .
12.ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ ، ياسىنىشنى ئۇنۇتماڭ .
13. پۇلى بار ئەردىن بىرنى تېپىپ توي قىلىۋالسام ھەممە نەرسەم بار بولىدۇ دەپ ئويلىماڭ . دۇنيادا چىرايلىق قىزلار پۇكەيگە تىزىپ قويغان كولادەك كۆپ ، ئەرلەرنىڭ قايسىسىنى ئىچكۈسى كەلسە شۇنى تاللاپ ئىچىۋېرىدۇ .
14. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆزىڭىز پۇل تېپىپ سېتىۋېلىڭ .
15. ھەرقانچە ئاچچىقىڭىز كەلسىمۇ سوغۇققان بولۇڭ ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىشنى ئۈگىنىڭ ، بار ئاچچىقىنى چىرايىغا چىقىرۋېلىش ، ۋارقىراپ-جارقىراش ئاياللارغا ياراشمايدۇ.
16. مۇۋاپىق تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىڭ . ئۇ سىزنى تېخىمۇ لاتاپەتلىك قىلىدۇ ، سىزنى سىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر دۇنياغا باشلاپ بارىدۇ.
17. باشقىلارنىڭ نەزىرىگە ئىلىنىش ئۈچۈنلا ياشىماڭ ، ئۆزىڭىز بولۇڭ.













