大数跨境
0
0

ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى بىر سائەت ـــ ئالتۇن بىر سائەت

ئۇخلاشتىن  بۇرۇنقى  بىر  سائەت ـــ  ئالتۇن  بىر  سائەت aymehri
2018-02-08
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

ئۇخلاشتىن  بۇرۇنقى بىر  سائەت،  ئاڭلىماققا ھېچقانچە  ئىش  قىلغىلى بولمايدىغاندەك  تۇيۇلىدۇ،  ئەمەلىيەتتە ئۇخلاشتىن   بۇرۇنقى بىر  سائەت  كېسەللىكنىڭ ئالدىنى  ئېلىش  ۋە  ساقلىقنى  ساقلاشتىكى ئالتۇن  بىر  سائەت ھېساپلىنىدۇ.

بىرىنجى :  پۇتنى چىلاش: قاننى  جانلاندۇرۇپ، قانئايلىنىشنى  ئىلگىرى  سۈرىدۇ.

پۇت  يۈرەككە ئەڭ  يىراق  ئەزا بولۇپ، ئوزۇقلۇق  ماددىلار  ۋە  قاننىڭ  يېتىپ كېلىشى  بىر  قەدەر تەس. ئۇخلاشتىن  بۇرۇن  ئىسسىق سۇغا  پۇتنى  چىلاپ بەرگەندە، بەدەننىڭ  قانئايلىنىشىنى  ئىلگىرى  سۈرۈشكە پايدىسى  بار. مىتابولىزىمنىمۇ   ياخشىلايدۇ. بولۇپمۇ  قەھرىتان قىش  كۈنلىرىدە  ھەر كۈنى   40-50  سېلسىيە گىرادۇسلۇق  سۇغا  پۇتنى چىلاپ  بېرىدىغان  ئادەتنى يېتىلدۈرۈش  كېرەك. ھەمدە  پۇتنىڭ ئالقىنى  ۋە  بارماقلىرىنى ئۇۋۇلاپ  بېرىش  كېرەك. 

ھەركۈنى  كەچ  سائەت  9-11  گىچە  بولغان  ۋاقىتتا  پۇتنى  ئىسسىق  سۇغا  چىلاپ  بېرىش  ئەڭ   ياخشى.  

ئىككىنجى : چىشنى  چوتكىلاپ  بېرىش: يۈرەك  كېسىلىنىڭ  ئالدىنى  ئالىدۇ

ئۇخلاشتىن  بۇرۇن چىش  چوتكىلاش  بىر قەدەر  مۇھىم، بۇنداق  بولغاندا ئېغىزدىكى  قاەلدۇق  ماددىلار تازلىنىپلا  قالماستىن  يەنە چىشنى  ئاسراشقىمۇ  پايدىلىق. يەنە  راھەت  ئۇخلىغىلى بولىدۇ.

ئەڭ  مۇھىمى ئۇخلاشتىن  بۇرۇن  چىشنى پاكىز  چوتكىلاپ  بەرگەندە ،  يۈرەك  كېسىلىنىڭ ئالدىنى  ئېلىش  رولىنى ئوينايدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، يۈرەك  كېسىلى  بىولەن چىشنىڭ   بىۋاستە  مۇناسىۋىتى بار  ئىكەن. چىش  كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدىغان  مىكروببلار ئوخشاشلا  يەنە  يۈرەك كېسىلىنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرالايدىكەن. 

                                                      

ئۈچىنجى : باشنى  تاراپ بېرىش:مېڭە ، يۈرەككە  پايدىلىق،ئۇۇزن  ئۆمۈر  كۆرۈشكە ياردىمى  بار.

باشنى  تاراش ئارقىلىق  باش  تېرىسىنى ئۇۋۇلاش  ۋە  غىدىقلاش مەقسىتىگە  يەتكىلى  بولىدىغان بولۇپ،يەنە  چوڭ  مېڭىنىڭ تەپەككۇرى  ۋە  ئەھتە ساقلاش  ئىقتىدارىنى  ئاشۇرىدۇ. چاچ يىلتىزىغا  ئوزۇقلۇق  تولۇقلاپ، چاچ چۈشۈشنى  تىزگىنلەيدۇ،چوڭ  مېڭىدىكى چارچاشنى  تۈگىتىدۇ.

تۆتىنجى :  بىر ئىستاكان سۇ  ئىچىش: قاننىڭ  يېپىشقاقلىقىنى  تۆۋەنلىتىدۇ. ئادەم  ئۇخلىغان ۋاقىتتا  تەرلەيدىغان  بولۇپ، بۇ قان  تەركىبىدىكى  سۇنىڭ ئازىيىشىنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ، بۇنىڭ  بىلەن  قاننىڭ يېپىشقاقلىقى  ئاشىدۇ.                                           بۇ  يۈرەك قان  تومۇر  كېسەللىكلىرى بىمارلىرىغا  نىسبەتەن  بەكمۇ خەتەرلىك. ئۇخلاشتىن  بۇرۇن   بىر ئىستاكان  سۇ  ئىچىشنىڭ پايدىلىق  تەرىپى  بولسا: قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى   تۆۋەنلىتىدۇ.شۇڭا  ئۇخلاشتىن  بۇرۇن ئۇسسمىسىڭىزمۇ  بىر  ئىستاكان  سۇ  ئىچىۋالغىنىڭىز   ياخشى. قاننىڭ  يېپىشقاقلىقى تۆۋەنلىسە، يۈرەك  موسكۇل  تىقىلمىسى، يۈرەك  سانجىقى، سەكتە  قاتارلىق تۇيۇقسىز  يۈر  بېرىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ  كۆرۈلۈش  نىسبىتى ئازىيىدۇ.

يۈرەك  مېڭە قان  تومۇر  كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ  ئۇخلاشتىن  بۇرۇن كارۋىتىنىڭ  بېشىغا   بىر ئىستاكان  سۇ   تەييارلاپ قويۇپ  يېتىشىنى  تەۋسىيە قىلىمىز. دىئابىت  كېسىلى  بىمارلىرىغا نىسبەتەن، بۇنداق  قىلىش  يەنە قان  قەنتىنى  كونتىرول قىلىشقا  پايدىسى  بار.  

بەشىنجى : پۇتنى  ئۇۋۇلاپ بېرىش: قان  تومۇرلارنى   ئاچىدۇ.

 پاقالچەكتە ۋىنا  قان  تومۇرلىرى بار  بولۇپ، پۇتنى  ئۇۋۇلاپ بېرىشنىڭ  پايدىلىق  تەرىپى بولسا  ۋىنا  قان تومۇرلارنى  ئاچىدۇ، يۇقىرى  قان بېسىم،  قاندا  ماي  مىقدارى  يۇقىرلاپ كەتكەن  بىمارلارغا  نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق  قىلىش  بەلگىلىك داۋالاش  رولىنى  ئوينايدۇ، يەنە  يۈرەك كېسىلىنىڭمۇ  ئالدىنى  ئالغىلى بولىدۇ.





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624