大数跨境
0
0

خام زەنجىۋىلنىڭ مۇنداق رولى بارلىقىنى بىلەمسىز

خام زەنجىۋىلنىڭ مۇنداق رولى بارلىقىنى بىلەمسىز aymehri
2017-12-27
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

خام زەنجىۋىلنى  سىز  پەقەتلا بىر  تەم  تەڭشىگۈچى دەپ  ئويلىغان  بولسىڭىز ئۇنداقتا  خاتالىشىپسىز. بۈگۈن  بىز خام  زەنجىۋىلنىڭ  سىز ئويلاپ  باقمىغان  باشقا مۇھىم  روللىرى  ئۈستىدە توختىلىپ  ئۆتىمىز. 



چاچ ئۈندۈرىدۇ، چاچ چۈشۈشنى تىزگىنلەيدۇ


ھازىر قانچە ياش  بولىشىڭىزدىن  قەتئىينەزەر ئەمدى  پۇل  خەجلەپ چاچ  ئۈندۈرىدىغان، چاچ  بولۇقلاشتۇرىدىغان  مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ  يۈرمەڭ. بۇنىڭغا  خام زەنجىۋىل  ئىشلەتسىڭىزلا  بولدى. 


زەنجىۋىل باش  تېرىسىنىڭ  مىتابولىزىمىنى  ياخشىلاپ، تۈك  تۆشۈكچىلىرىنى  جانلاندۇرىدۇ. چاچ  چۈشۈشنىڭ ئالدىنى  ئالىدۇ،  ئاق چاچنى  يوقىتىپ  چاچ يىلتىزىنى چىڭىتىدۇ.


ھەر قېتىم  چاچنى  يۇيۇپ بولغاندىن  كېيىن  چاچنىڭ ھۆل  ۋاقتىدا  خام زەنجىۋىل  پارچىسىنى  سۈرۈپ باشنىڭ  تېرىسىنى  ئۇۋۇلاپ بەرسىڭىز  بولىدۇ.  بولۇپمۇ چاچ  چۈشۈش  ئېغىر بولغان  قىسىملارنى .  7 كۈن  بىر  داۋالاش باسقۇچى  بولۇپ،  ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ  بەرسىڭىزلا  ئۈنىمىنى كۆرەلەيسىز. 




دانىخورەك ۋە دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىدۇ

بالاغەتكە يېتىش  دەۋرىڭىزدىن  ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ  كەتكەن  بولسىڭىزمۇ يۈزىڭىزگە  يەنە  دانىخورەك چىقىپ  سىزنى  بىزار  قىلىۋاتامدۇ؟خام  زەنجىۋىلنىڭ  قان ئايلىنىشنى  ياخشىلاش  رولى بار  بولۇپ، تېرىنىڭ  ئەسلىگە كېلىشىنى  ئىلگىرى  سۈرىدۇ، سىزنىڭ  ئىشىنىشىڭىزگە  ئەرزىيدىغان ئېسىل  دانىخورەك  يوقىتىش مەھسۇلاتى  ھېساپلىنىدۇ. 


ھەر كۈنى  ئۇخلاشتىن  بۇرۇن يۈزىڭىزنى  ئىلمان  سۇدا  پاكىز  يۇيىۋېتىپ، ئاندىن يالپاقلانغان  يېڭى  خام زەنجىۋىلنى   يۈزىڭىزنىڭ  دانىخورەك چىقان  ئورۇنغا  چاپلاپ 15 مىنۇت  تۇرغۇزسىڭىزلا  بولىدۇ.  



چاپلىغاندىن كېيىن  يۈزىڭىز  قىزىپ ئېچىشقاندەك  بولىدۇ،  ئېلىۋەتكەندىن كېيىن  قەغەز بىلەن  سۈرتىۋەتسىڭىزلا  بولىدۇ. بىرىنجى كۈنىلا  روشەن  ئۈنىمىنى كۆرەلەيسىز. 


 دىققەت   

بۇ ئۇسۇل  ھەممە  ئادەمنىڭ ئىشلىتىشىگە  ماس  كەلمەيدۇ، شۇڭا  ھەر  بىر ئادەم  ئۆزىنىڭ  ئەمەلىي ئەھۋالىغا  قارىتا  ئىشلەتكىنى ياخشى.


يۈز  قىسىمدىكى  چاقىلارنى  يوقىتىدۇ

يۈز قىسىمدىكى  چاقىلار  ئادەمنىڭ گۈزەللىكىگە  ئېغىر  تەسىر كۆرسىتىدۇ.  بىز  تونۇشتۇرماقچى بولغان  بۇ  ئۇسۇل يۈز  قىسىمىدا  داغ بار  دوستلارنىڭمۇ  ئىشلىتىشىگە ماس  كېلىدۇ. 


خام زەنجىۋىلنى  قايناقسۇغا   چىلاپ قول  كۆيمىگۈدەك  بولغاندا  يۈزىڭىزنى  يۇيۇپ بەرسىڭىز  بولىدۇ. 



ھەركۈنى ئەتىگەن  كەچ  ئىككى قېتىمدىن  تەكرارلاپ  بىر ئايغىچە  ئۈزۈلدۈرمەي  داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىڭىز  يۈزىڭىزدىكى  چاقا ۋە  داغلارنىڭ  سۇسلىغانلىقىنى  ھەتتا يوقىغانلىقىنى  ھېس  قىلالايسىز. 


ئۈششۈك يارىسىنى  داۋالايدۇ

قىش كىرىشى  بىلەنلا  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  پۇت قوللىرىدائۈششۈك  يارىسى  پەيدا بولىدۇ  ياكى  كونا ئۈششۈك  يارىسى  قايتا قوزغىلىپ  ئادەمنى  بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ.


خام زەنجىۋىلنى  ئوتتا  قىزدۇرۇپ ئىسسىقىدا يالپاقلاپ  ئۈششۈك  يارىسى بار  ئورۇنغا  سۈرۈپ بەرسىڭىز  بولىدۇ،  ھەر كۈنى  ئىككى  قېتىم تەكرارلاپ  بەرسىڭىز  ئۈششۈك يارىسى  ناھايتى  تېزلا  ساقىيىدۇ.


پۇت -قول مۇزلاشنى ياخشىلايدۇ

قىش كىرىشى بىلەنلا  پۇت- قولىڭىز  مۇزلاپ قانداقلا  قىلسىڭىزمۇ  ئىسسىمايۋاتامدۇ؟  قايناقسۇغا زەنجىۋىل  سېلىپ  پۇتىڭىزنى چىلاپ  بەرسىڭىز  بەدىنىڭىزنىڭ قان  ئايلىنىشنى  ياخشىلاپ بەدىنىڭىزمۇ  ئىسسىپ  قالىدۇ.


ئاخشىمى پۇت  يۇيغاندا  قايناقسۇغا  بىر نەچچە  پارچە  خام زەنجىۋىل  سېلىۋەتسىڭىز  بولىدۇ. سۇ  ئوشۇقىڭىزغىچە  بولسا بولىدۇ.  ئاندىن  ئازراق تۇز   ۋە  ئاچچىقسۇ قۇيۇپ  توختىماستىن  قايناقسۇ قۇيۇپ  بېرىسىز،  پۇتىڭىز قىزارغۇچە  چىلىسىڭىز  بولىدۇ.


ئۇيقۇنى  ياخشىلايدۇ

خام زەنجىۋىلنىڭ  پۇرىقى  نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ  ئۇيقۇنى  ياخشىلايدىغان بولۇپ،  كېچىسى ئۇيقۇسى  ياخشى ئەمەس  دوستلارنىڭ  ئەڭ ياخشى  تاللىشى  بولالايدۇ.


ئۇسۇلى ناھايتى  ئاددىي  بولۇپ زەنجىۋىلنى  ئۇششاق  قىلىپ پارچىلاپ  ھاۋا  ئالمىشىشچانلىقى  ياخشى بولغان  داكىغا  ئوراپ  ياستۇقنىڭ  يېنىغا قويۇپ  قويسىڭىز  بولىدۇ، ئاندىن  خاتىرجەم  ئۇيقۇغا كېتىسىز.


زۇكامنى  داۋالايدۇ

بىر قاچا  زەنجىۋىل  شورپىسى سوغۇقنى  ھەيدەپ  زۇكامنى داۋالايدۇ. دورىدىمۇ  ساقايمىغان  زۇكامغا  زەنجىۋىل  ئىشلىتىپ باقسىڭىز  بولىدۇ.


زەنجىۋىلنى  يالپاقلاپ  قازانغا  سېلىپ  ئۈچ مىنۇتتەك  قاينىتىپ  ئاندىن مۇۋاپىق  مىقداردا  قارا شېكەر  قوشسىڭىزلا  بولىدۇ.


قەھرىتان قىش  كۈنلىرىدە  مۇشۇنداق بىر قاچا  ئىسسىق  زەنجىۋىل شورپىسى  ئىچىۋالسىڭىز  زۇكام سىزنى  ئىككىنجى  تاپالمايدۇ.


بەل مۆرە ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ

زەنجىۋىلنى قايناقسۇغا  سېلىپ  ئۈستىگە ئاشراق  تۇز  ۋە ئاچچىقسۇ  قوشۇپ  ئۇنىڭغا لۆڭگىنى  چىلاپ  ئېلىپ چىڭ سىقىسىز.


ئاندىن لۆڭگىنى  ئاغرىۋاتقان  ئورۇنغا چاپلاپ  بېرىسىز،  بىر نەچچە  قېتىم  تەكرارلاپ بەرسىڭىز  بولىدۇ.  موسكۇللار بوشىشىپ،  ئاغرىقمۇ  پەسىيىدۇ.


-END-





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624