大数跨境
0
0

سىز ، بىزگە نىمە كەم؟

سىز ، بىزگە  نىمە  كەم؟ aymehri
2017-12-20
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

نەچچەكۈن  ئىلگىرى  بىر كىچىك  بالا  دوستلار چەمبىركىنى  لەرزىگە  سالدى. پۇت-قولى  يوق  بۇ  ئۈچ ياشلىق  بالا    كىچىككنە بېلىكى  بىلەن  يىغلاۋاتقان ئۇكىسىغا  ئېمىزگە  ئېمىتىۋاتاتتى، بۇ مەنزىرە  قانچىلىغان ئادەمنىڭ  قەلبىنى  ئىللىتقاندۇ؟


ئۇكىسى  جىمىپ قالغان  بولسىمۇ، ئۇ  ئۇكىسىنىڭ يەنە  يىغلىشىدىن  ئەنسىرەپ كۆزلىرىنى  ئۈزمەي ئۇكىسىغا  قاراپ  ياتتى. بۇ پەرىشتىنىڭ  كۆزىدىن  نۇر ياغاتتى.

بۇ  پەرىشتىنىڭ ئىسمى  كامدىن  بولۇپ، ئامرىكىنىڭ  تېكساس شىتاتىدىن، تۇغۇلىشىدىنلا  پۇت –قولى  يوق. تېخى  ئۈچ  ياشقىمۇ كىرمىگەن  بۇ  بالا ئاپىسىغا  ياردەملىشىپ  ئۇكىسىغا قاراشنى ئۈگىنىپ  بولغان  ئىدى.

ئۈچ  ياشلىق كامدىن  ئۆيدە  بالىنىڭ چوڭى  بولۇپ، ئۇنىڭ  بىر سىڭلىسى ۋە  بىر  ئىنىسى بار، ئۇنىڭ ئىنى – سىڭىللىرى  بەك ساغلام ، پەقەت  ئۇلا  مۇشۇنداق تۇغۇلۇپ   قالغان  ئىدى.

كامدىننىڭ  ئاپىسى كەيتى 18  ياش  ۋاقتىدا كامدىنغا  ھامىلدار  بولغان بولۇپ، بالىنىڭ  ساغلام  تۇغۇلىشىنى بەكمۇ  ئۈمىد  قىلاتتى.كەيتى  ھاراق ئىچمەيتتى،تاماكا  چەكمەيتتى،قالايمىقان  دورىمۇ   يېمەيتتى، پۈتۈن  ئىخلاسى بىلەن  بالىسىنىڭ  بۇ دۇنياغا  ساغلام  كېلىشى كۈتكەن  ئىدى.


لېكىن  بىر قېتىملىق  تەكشۈرۈشتە  دوختۇر ئۇنىڭغا  بالىسىنىڭ  پۇت –قولىنىڭ نورمال  يېتىلمەيۋاتقانلىقىنى  دەيدۇ. تۇيۇقسىز  كەلگەن  بۇ شۇمخەۋەر  كەيتىنىڭ  گۈزەل كەلگۈسىگە  بولغان  ئارزۇ-ئارمانلىرىنى  باربات  قىلىدۇ.بۇنداق  پېشكەللىك  نېمىشقا ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ  بالىسىغىلا  كېلىدۇ؟ كەيتى تولىمۇ  ئازاپلىنىدۇ.

كەيتى  يەنىلا بالىنى  تۇغۇشنى  قارار قىلىدۇ.گەرچە  بالىنىڭ  پۇت – قولى بولمىسىمۇ  لېكىن  ئۇ يەنىلا  كەيتىنىڭ  بالىسى، ھەربىر  ھاياتلىق شۇنچىلىك  قىممەتلىك، ئۇلارنىڭ  ياشاش ھوقۇقىنى  تارتىۋېلىش  بىر بەندىنىڭ  قولىدىن  كېلەتتىمۇ؟" گەرچە  تەڭرى ساڭا  ئادالەتسىزلىك  قىلىپ پۇت-قولۇڭنى  تارتىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن  مەن  مۇھەببىتىم بىلەن  بۇ  بوشلۇقنى  تولدۇرىمەن."كەيتى شۇنداق  ئويلايدۇ.

كامدىن  تۇغۇلغاندا پۇت-قولىنىڭ  يوقلىقىنى  ھېساپقا ئالمىغاندا  باشقا  بالىلاردىن قىلچە  پەرقى  يوق ئىدى.شۇنداقتىمۇ  كىشىلەر  ھەمىشە ئۇنىىڭغا  ھېسداشلىق  نەزىرى بىلەن  قارايتتى.  كىشىلەرنىڭ بۇنداق  نەزەردە   بالىسىغا قارىغىنىنى  كۆرگەندە  كەيتى تېخى ئىش  ئۇقمايدىغان  بالىسىغا قاراپ :"  بالام ، سەن  باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقى  ئىچىدە   چوڭ بولساڭ بولمايدۇ،  چوقۇم  ئۈمىدۋار چوڭ  بولىشىڭ  كېرەك." دەيتتى.

دادىسى-ئاپىسى  كامدىنغا  ئىزچىل نورمال بالىلارغا   مۇئامىلە  قىلغاندەك مۇئامىلە  قىلدى.كامدىنمۇ  ئەزەلدىن ئۆزىنى  باشقا  بالىلاردىن بىرەر  نەرسىسى  كەمدەك ھېس  قىلمايتتى.  شۇنداق قىلىپ  كامدىن  بىر نورمال  بالىنىڭ  ھەرقايسى ياش  باسقۇچىدا   ئۆگىنىشكە تېگىشلىك  ئىشىنىڭ  ھەممىنى ئۈگىنىپ  ماڭدى. 


تاماق يېيىشنى  ئۈگىنىش


كىيىم  كىيىشنى  ئۈگىنىش


ئۇششاق  يېمەكلىك  يېگەچ  تېلىۋېزور  كۆرۈش


كىچىك  دوستلىرى   بىلەن  ياغاچ   پارچىسىنى  دۆۋىلەپ  ئويناش


باشقا  كەپسىز  بالىلارغا  ئوخشاش  ئويۇنچۇقلىرىنى  ھەممە  يەرگە  چېچىۋېتىش


سىيرىلغۇچقا  ئۆزى  يامىشىپ  چىقىش


ئاندىن  پەسكە  سىيرىلىپ  چۈشۈش

ئۇ  ئۆزىگە يېڭىلىق  تۇيۇلغان  ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى  سىناپ  بېقىشقا ئۇرىناتتى، دەماللىققا  قىلالماي قالغان  چاغلاردا،دادىسى،ئانىسىنى  ياردەمگە  چاقىراتتى.ئەزەلدىن  ئۆزىنىڭ قىلالمىغانلىقى  ئۈچۈن  ئارتۇقچە ئۆزىنى   كەمسىتمەيتتى.

ئۇ  ھەربىر كۈننى  كۈلكىسى بىلەن  كۈتىۋالاتتى. خۇددى  باشقىلارغا ماڭا  ھېسداشلىق  نەزىرىڭلار بىلەن  قارىماڭلار، مېنىڭ  سىلەر بىلەن  ھېچقانداق   پەرقىم يوققۇ،  دەۋاتقاندەك  قىلاتتى.

كېيىن  ئانىسى ئۇنىڭغا  يەنە  بىر ئۇكا تۇغۇپ  بېرىدۇ.ئوماق  ئۇكىسىغا قاراپ  كامدىن  تۇنجى قېتىم  ئۆزىنىڭ  ئاكا بولىدىغانلىقىنى، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ  تېخىمۇ  ئېغىرلايدىغانلىقىنى، ئۇكىسىغا  ياخشى مۇئامىلە  قىلمىسا  بولمايدىغانلىقىنى  ھېس قىلىدۇ.


ئۇ  سىڭلىسى  بىللە  چوڭ  بولىدۇ


ئۆمىلەشتىن  تارتىپ  يول  مېڭىشقىچە


بىللە  مېھماندارچىلىق  ئوينايدۇ


بىللە  دادىسىدىن رەسىم  سىزىشنى  ئۈگىنىدۇ


تاكى  ئۇنىڭ  سىڭلىسى  ئۇنىڭدىن ئېگىز  بولۇپ  كەتكەنگە  قەدەر

ھازىر  ئۇنىڭ يەنە  بىر  ئىنىسى بولدى، ئۇ  يەنە  ئىنىس بىلەن  بىللە  چوڭ بولالايدىغان  بولدى.

ئۇ  ئىنىسىنى ئۇخلىتىدۇ،ئىنىسىغا  ئېمىزگە  ئەمدۈرىدۇ، ئىنىسىغا  قاراپ ئارقا – ئارقىدىن "ئۇكام، ئاكاڭ سېنى  بەك  ياخشى كۆرىدۇ."دەيدۇ.

ئەلۋەتتە،ھامان  بىر  كۈنى ئىنىسىمۇ  سىڭلىسىدەك  ئۇنىڭدىن ئېگىزلەپ  كېتىدۇ،كامدىن  ئۆيدىكى ئەڭ  كىچىك  ئەتىۋارلىق بالىغا  ئايلىنىپ قالىدۇ.لېكىن  كامدىن  ئۆزىنىڭ ئەمەلىي  ھەركىتى  ئارقىلىق گەرچە  ئۇلارغا  سېلىشتۇرغاندا ئۆزىنىڭ  بەدەن  قۇرلىشى جەھەتتە  ئازراق  ئوخشىماسلىق بولسىمۇ  لېكىن  ئۆزىنىڭ يەنىلا  ئۇلارنىڭ   ئاكىسى ئىكەنلىكىنى، ئاكىلىق  سۈپىتى  بىلەن  مەڭگۈ  ئۇلارنى ياخشى   كۆرىدىغانلىقىنى  ئىسپاتلىدى. 

ئۇنىڭ  مۇنداق ئۈمىتۋار  چوڭ  بولىشى دادىسى –ئاپىسىنى  تولىمۇخۇشال  قىلدى. ئۇ  ھازىر مۇستەقىل  ھالدا  نۇرغۇن  ئىشلارنى  قىلىپلا  قالماستىن يەنە  باشقىلارنى  قانداق ياخشى  كۆرۈشنى  ئۈگەندى. ئاپىسى   بىر قېتىملىق  زىيارەتتە  مۇنداق دېگەن  ئىدى:"  مەن باشقىلارنىڭ  ئۇنىڭغا  ھېسداشلىق قىلىشنى  خالىمايمەن.گەرچە  ئۇ باشقىلار  بىلەن  ئوخشاش بولمىسىمۇ  لېكىن  بۇ ئۇنىڭ بۇ  ئىشلارنى  قىلالمايدىغانلىقىنى  بىلدۈرمەيدۇ."


كامدىننىڭ  دادىسى – ئانىسى  ئۇ يەتتە ياشقا  كىرگەندە  ئۇنىڭغا يالغان  پۇت-قول  سېلىشنى مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندىلا  ئۇ  بۇنىڭدىن كېيىن  ئۆزى  ياخشى كۆرىدىغان  نۇرغۇن  ئىشلارنى قىلالايدۇ.


بۇ   كىچىك پەرىشتىنىڭ  مەڭگۈ  مۇشۇنداق خۇشال  ياشىشىنى، ھاياتىنى  ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىشىنى  ئۈمىد  قىلىمىز.




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624