大数跨境
0
0

بويۇن ئومرۇتقا كېسىلىنىڭ تۆت خىل سەۋەبى

بويۇن ئومرۇتقا كېسىلىنىڭ تۆت خىل سەۋەبى aymehri
2017-12-17
3
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بايقىدىڭىزمىكىن،  ھازىر مەيلى  ياشلار  ياكى ياشانغانلار  بولسۇن ،  بويۇن ئومۇرتقا  كېسەللىكلىرىگە  گىرىپتار بولىدىغانلار  بارغانسىرى  كۆپەيمەكتە . بۇ كېسەللىكنىڭ  كېلىپ چىقىش  سەۋەپلىرىمۇ  ھەرخىل ،  لېكىن  كۆپ قىسىم  ئەھۋاللاردا  بۇنى ئۆزىڭىز  بىر  قوللۇق كەلتۈرۈپ  چىقارغان  بولىسىز .



بويۇن  ئومۇرتقا ياللۇغى  ئېغىر  بولغاندا ئادەمگە  چىدىغۇسىز  ئازاپ ئېلىپ   كېلىدۇ  ، يېنىك  بولغان  تەقدىردىمۇ تۇرمۇشىمىزغا  ئازدۇر  - كۆپتۇر قولايسىزلىقلارنى  ئېلىپكېلىدۇ  . مەيلى  يېنىك  بولسۇن ياكى  ئېغىر  بولسۇن ،داۋالاش  جەريانى  ئاستا ھەم  ئۇزاق  بولىدۇ .

بۈگۈن  بويۇن ئومۇرتقا  كېسەللىكلىرىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان  تۆت  خىل ئامىل  ئۈستىدە  توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز ،  سەۋەبىنى  بىلگەندىلا ئاندىن  ئالدىنى  ئېلىش خىزمەتلىرىنى  ياخشى  ئىشلىگىلى بولىدۇ  .

بىرىنجى  : يۈرۈش - تۇرۇش   ھالىتى خاتا  بولۇش  .



ئەقلىي  -  ئىقتىدارلىق  يان تېلفونلارنىڭ  ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ  ،  بېشىنى تۆۋەن  سېلىپلا  يۈرىيدىغانلارمۇ  بارغانسىرى كۆپەيمەكتە  . ئىشچى  - خىزمەتچىلەر  پۈتۈن  بىر كۈن  كومپىيوتىر  ئالدىدا ئولتۇرىدۇ  ،  ھارغان ۋاقىتلىرىدا  بولسا   ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە  ئۆزىنى  تاشلاپلا ئارام  ئالىدۇ  ، ئارام  ئالغان  ۋاقىتلاردا كىرىسلودا  يېتىپ  تېلىۋىزور كۆرىدۇ  ،  كارۋاتتا يېتىپ  كىتاب  كۆرىدۇ ...  بۇ  خىل يۈرۈش  تۇرۇش  ھالەتلىرىنىڭ بىر  ئورتاق  تەرىپى بار ،  ئۇ  بولسىمۇ بويۇن  قىسمىمىز    ئېگىلگەن ھالەتتە  بولىدۇ  ھەم بۇنداق  ھالەت  ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدۇ  . بۇنداق    قىلىشنىڭ بىۋاستە  ئاقىۋىتى  بولسا ،  موسكۇللار  ئۇزۇن  مەزگىل زىيادە  قىسقىراپ  ، بويۇن  ئومۇرتقا  سۆڭىكىنى چىڭ  تارتىپ  تۇرىدۇ ،  بۇنىڭ  بىلەن ئومۇرتقا  سۆڭىكى  ئۇپىراپ ،سۆڭەك  ئۆسىۋالىدۇ  ،ئومۇرتقا ئارلىق  تەخسىسىنىڭ  شەكلى ئۆزگىرىدۇ     ياكى  ئۆسىۋالىدۇ . 

ئالدىنى  ئېلىش ئۇسۇلى  :  ئۇزۇن مەزگىل  باشنى  ئېگىپ ئولتۇرۇشتىن  ساقلىنىڭ  ،  ئۈستەلدىن  بېشىنى كۆتۈرمەيدىغان  ئىشچى -  خىزمەتچىلەر  بوينىڭىزنى كۆپ   ھەركەتلەندۈرۈپ  بېرىڭ ،  كۈندىلىك  تۇرمۇشتا بويۇن  ئومۇرتقا  موسكۇللىرىغا بولغان  بەدەن  چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ  بېرىڭ  .

ئىككىنجى  :  ياستۇق  زىيادە ئېگىز  ياكى  زىيادە پاكار  بولۇپ  قېلىش .



ياستۇق  ئىشلىتىلىش ئورنى  ئەمەلىيەتتە  باش ئەمەس  بەلكى  بويۇن .  ئەگەر  ياستۇق زىيادە  ئېگىز  بوپ قالسا  ،  بۇ ۋاقىتتىكى  ھالىتىڭىز  بويۇننى ئېگىپ  تۇرغان  بىلەن ئوخشاش  بولىدۇ  . ناۋادا  زىيادە  پاكار  بوپ قالسا، بوينىڭىز  بوشلۇقتا  لەيلەپ قالىدۇ  ، ئەركىن  تۇرالمايدۇ .شۇنداق  دېيىشكە  بولىدۇكى بوينىڭىز  پۈتۈن  كۈنلۈك  خىزمەت  ھالىتىدە  تۇرىدۇ .  بۇنداق  بولىۋەرسە ،  چارچاش  ئېغىر بولغانلىقتىنمۇ  بويۇن  ئومۇرتقا كېسەللىكى  كېلىپ  چىقىدۇ .

ئالدىنى  ئېلىش ئۇسۇلى  :  ياستۇق تاللىغاندا  ئىمكانقەدەر  ئوتتۇرسى چوڭقۇر  ،  ئىككى تەرىپى  ئېگىز ياستۇقنى  تاللاڭ ،  ئومۇرتقىغا  نىسبەتەن ئىنتايىن  ياخشى  بولغان تىرەش  رولىنى  ئوينايدۇ .  ئوڭدىسىغا  ياتقاندا ياستۇقنىڭ  ئېگىزلىكى  ئۆزىڭىزنىڭ مۇشتۇمى  بىلەن  تەڭ بولسا  بولىدۇ  . يانچە  ياتقاندا  بىر يېرىم  مۇش  ئېگىزلىكتە بولسا  مۇۋاپىق  بولىدۇ .

ئۈچىنجى  : شامال  ئۆتۈپ  قېلىش .



ھاۋا  ئىسسىق ،  بىردەم  سىرتقا چىقسىڭىز  پۈتۈن  بەدىنىڭىز تەرگە  چۆمۈلۈپ  كېتىدۇ . بەزىلەر  ئۆيگە قايتىش  بىلەنلە  شامالدۇرغۇچ ،  ھاۋا  تەڭشىگۈچلەرگە بەدىنى  تۇرۇپ  شامالداشنى ياخشى  كۆرىدۇ  .بەك راھەت  بولىدۇ  . لېكلىن  بىردەم ئىسسىق  ، بىردەم سوغۇق  بولسا  ، يېيىلغان  قىل  - قان  تومۇرلار  دەرھال قىسقىراپ قان  ئايلىنىش  ياخشى بولماسلىق ،  كېرەكسىز  ماددىلارنىڭ چىقىرلىشى  توسالغۇغا  ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىپ ، مىكروبسىز  ياللۇغ  پەيدا قىلىدۇ  .

ئالدىنى  ئېلىش ئۇسۇلى  :  ھاۋا ئىسسىغاندا  ،  شامالدۇرغۇچ ،  ھاۋا تەڭشىگۈچلەرگە  بىۋاستە بەدىنىنى  تۇتۇپ  سالقىنداشتىن ھەزەر  ئەيلەش  كېرەك ، بولۇپمۇ  بويۇن  قىسىمىنى . ھاۋا  سوۋىغاندا  ، بويۇن  قىسىمنى  ئىسسىق تۇتۇش  كېرەك  .

 تۆتىنجى :  بويۇن قىسىمدىكى  تاشقى يارا .  

 

تاشقى  يارا بويۇن  قىسىمدىكى  ئەسلىدىنمۇ بار  بولغان  چېكىنىشنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ،  ھەتتا  بىۋاستە ئومۇرۇتقىنىڭ  مۇستەھكەملىكىگە  تەسىر كۆرسىتىپ  ،  بويۇن ئومرۇتقا  كېسەللىكىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ  .

ئالدىنى  ئېلىش تەدبىرى  :  ماشىنىلىق سىرتقا  چىققاندا  بىخەتەرلىك تاسمىسىنى  ياخشى  تاقاڭ .  ماشىنىنى  تورمۇز قىلغاندا  دىققەت  قىلىڭ .  ئېگىز  جايلاردا خەتەرلىك  خىزمەتلەرنىقىلىدىغانلار   ئالدىنى  ئېلىش تەدبىرىنى  ياخشى  قىلىڭ .  مەسىلەن:  ئىش ئورنىغا  كىرگەندە   بىخەتەرلىك  قالپىقىنى ياخشى  تاقاڭ .






【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读485
粉丝0
内容624