ئانار تەرجىمە يېڭىلاندى: بىر ۋىدېيونى، ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى تىلدا چۈشىنەلەيسىز
ئىلگىرى بىر ۋىدېيونى باشقىلار چۈشىنەلىشى ئۈچۈن ئاۋازنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش، تەرجىمە، ۋاقىت ئوقىنى ماسلاشتۇرۇش، ئاۋاز بېرىش... بىر ئايلىنىپ يېرىم كۈن ئۆتۈپ كېتەتتى
بۇ يېڭىلاش مۇرەككەپ ئەمەس، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر كۈندە ئۇچرايدىغان ئاۋارىچىلىقنى ھەل قىلدى: ئۇيغۇرچە ۋىدېيونى ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغانلارغا كۆرسەتمەكچى ياكى خەنزۇچە ۋىدېيونى ئۆيدىكى چوڭلارغا چۈشىنىشلىك قىلماقچى بولسىڭىز، ئىلگىرى پەقەت ئادەم كۈچى بىلەن بىر جۈملە-بىر جۈملە ئاڭلاپ، بىر جۈملە-بىر جۈملە تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلەتتى.
ئانار تەرجىمانى بۇ ئىشنى ئاسانلاشتۇردى. ۋىدېيو تەرجىمىسى ئىشقا چۈشتى، دەسلەپكى باسقۇچتا ئۇيغۇرچە بىلەن خەنزۇچە ئىككى يۆنىلىشلىك ئۆزئارا تەرجىمىنىقوللايدۇ: ۋىدېيونى يۈكلەيسىز، ئۇ تەرجىمە قىلىدۇ، سىز ئېلىپلا ئىشلىتىسىز.
بۇ ماقالىدە تېخنىكا سۆزلەنمەيدۇ، پەقەت ئۈچ ئىشلا سۆزلىنىدۇ: يېڭى ئىقتىدار نېمە قىلالايدۇ، قانداق ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا ئانار تەرجىمانى ھازىر سىزگە يەنە نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيدۇ. باشتىن ئاخىرىغىچە ئىككىنچى بىر ئەپ قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
01 نېمە يېڭىلاندى
ئانار تەرجىمە ئەسلىدە«بىر جۈملە سۆز، بىر پارچە رەسىم، بىر بۆلەك ئاۋاز»نى تەرجىمە قىلىشقا ماھىر ئىدى. بۇ قېتىم بىر قەدەم ئىلگىرىلىدى: پۈتۈن ۋىدېيودىكى سۆزلەرمۇ تەرجىمە دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. يەككە جۈملىدىن پۈتۈن بۆلەككىچە بولغان پەرق سۆز سانىدا ئەمەس، تېجەلگەن ۋاقىتتا.
كونكرېت ئېيتقاندا، ۋىدېيو تەرجىمىسى سىز ئۈچۈن ئۈچ ئىش قىلىدۇ: كۆرۈنۈشتىكى سۆزلەرنى تونۇيدۇ، نىشان تىلغا تەرجىمە قىلىدۇ، ئاندىن ئەسلىدىكى رىتىم بويىچە قايتا جايىغا قويىدۇ. ئاۋۋال باشقا قورال بىلەن يېزىققا ئايلاندۇرۇشىڭىزنىڭ، شۇنداقلا ۋاقىت ئوقىنى ئۆزىڭىز ماسلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
بۇ قېتىمقى يېڭىلىق: ۋىدېيو تەرجىمىسى كىرىش ئېغىزى، دەسلەپكى باسقۇچتا ئۇيغۇرچە بىلەن خەنزۇچە ئىككى يۆنىلىشلىك ئۆزئارا تەرجىمەنى قوللايدۇ. ئەسلىدىكى يېزىق، رەسىم، ئاۋاز تەرجىمىسى ۋە يەتتە تىل ئۆزئارا تەرجىمە ئىقتىدارىنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقىدەك ئىشلەۋېرىدۇ.
02 بىر ۋىدېيونى ئۈچ باسقۇچتا تەرجىمە قىلىش
جەريان ئەگىلمەيدۇ، ئۈچ باسقۇچتا تۈگەيدۇ: ۋىدېيو سېلىش، تىل تاللاش، نەتىجىنى ئېلىش. تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەندە، بىر نەچچە ئون سېكۇنتلۇق، ئادەم ئاۋازى ئېنىق قىسقا ۋىدېيوبىلەن سىناپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئۈنۈمى قانداق بولغانلىقىنى بىر قاراپلا بىلەلەيسىز.
01|ۋىدېيونى قويۇڭ
ئانار تەرجىمانىنى ئېچىپ، ۋىدېيو تەرجىمىسى كىرىش ئېغىزىغا كىرىپ، بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋىدېيونى تاللاڭ.(قىسقا بۆلەك قانچە پاكىز بولسا، كېيىنكى نەتىجە شۇنچە مۇقىم بولىدۇ)
02|تەرجىمە يۆنىلىشىنى توغرا تاللاڭ
ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ مەنبە تىل ۋە نىشان تىلنى تاللاڭ، ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچەگە، خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىشنىڭ ھەر ئىككىسى قوللىنىدۇ. يۆنىلىش تەتۈر تاللانسا، نەتىجە پۈتۈنلەي باشقىچە چىقىدۇ، بۇ باسقۇچنى ئاتلاپ ئۆتمەڭ.
03|ھاسىل قىلىش، تەكشۈرۈش، چىقىرىپ ئېلىش
ھاسىل بولغاندىن كېيىن ئاۋۋال بېشىدىن ئاخىرىغىچە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ، ئاساسلىقى ئاۋاز بىلەن كۆرۈنۈشنىڭ ماسلاشقان-ماسلاشمىغانلىقىغا، خاس ئاتالغۇلارنىڭ خاتا تەرجىمە قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ؛ مەسىلە يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن چىقىرىپ ئىشلىتىڭ.
دىققەت🕳تەگلىك مۇزىكىسى بەك يۇقىرى، بىر نەچچە كىشى تەڭ سۆزلەيدىغان، يەرلىك شىۋە ئارىلاشقان بۆلەكلەرنى ئاۋۋال قىسقا پارچىلارغا كېسىپ ئاندىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز؛ ھاسىل بولغاندىن كېيىن چوقۇم ئۆزىڭىز بىر قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىڭ، بولۇپمۇ ئىسىم، يەر نامى ۋە سانلارغا دىققەت قىلىڭ. كونكرېت مەشغۇلات ئەپ ئىچىدىكى ئەمەلىي كۆرۈنمە يۈز بويىچە بولسۇن.
03 كىملەرگە ئەڭ ئەسقاتىدۇ
ئىقتىدار مۇرەككەپ ئەمەس، ئەمما كونكرېت ئادەملەرگە كەلگەندە تېجىلىدىغىنى ھەقىقىي ۋاقىت.
باشقا ياردەم كىرىك بولسا ئۈندىداردا ئالاقىلىشىڭ

