پېپتىد ھەقىقەتەن شۇنداق سىرلىق نەرسىمۇ؟ ياكى ئادەم ئالدايدىغان نەرسىمۇ؟ قىزىقسىڭىز يۈرەك بىرىپ ساقلىۋېلىڭ بۇ مەزمۇن بەك مۇھىم بۇلۇپمۇ 4-مەزمۇن ئىنتايىن مۇھىم دېققىتىڭىز داۋاملىق تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن!
پېپتىد ئوزۇقلۇق تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ھەرخىل ئۈنۈم ۋە تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنى ئىستىمال قىلغا كىشىلەر ئۆزىدىكى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئىنكاس قىلىدۇ؟

بىز بۇنى ھەقىقى ئىلمىي ئۇسۇلدىن چىقىش قىلىپ ئىزدىنىپ باقساق بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى سەۋەپ پېپتىدنىڭ رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تۇلۇق ھېس قىلىپ يەتتۇق يەنى پېپتىدنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ساپلىقى يۇقۇرى بولغان پېپتىدلار بەدەنگە كىرىپ تۆۋەندىكى 4خىل رولنى جارى قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن يۇقارقى ئۆزگۈرۈشلەر كېلىپ چىققان.
1-تېزگىنلەش رولى

پېپتىد بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزگۈرۈپ كېتىشنى تېزگىنلەيدۇ ھەم كونتېرول قىلىدۇ. بۇ ھەقتە تەتقىقاتچىلار راك ۋە ئۆسمە كېسەللىك بىمارلىرى ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارغان. ئالدى بىلەن يۇقارقى كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن. بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە خىمىيلىك داۋالاش قىلىشتىن ئىلگىرى پېپتىد ئىچكۈزگەن. يەنە بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە خىمىيلىك داۋالاش قىلىشتىن بۇرۇن پېپتىد ئىچكۈزمەيلا خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بارغان.
نەتىجىدە بىرىنچى گۇرۇپپا كىشىلەردە يەنى پېپتىد ئىستىمال قىلغان كىشىلەردە خىميىلىك داۋالاشتىن كېينكى ئەكىس تەسىرلەر ئازىراق كۆرۈلگەن. يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى پېپتىد ئىستىمال قىلمايلا خىميىلىك داۋالاش قىلغان بىمارلاردا بولسا داۋالاشتىن كېيىنكى ئەكىس تەسىرلەر كۆرىنەرلىك، ئېغىر بولغان. يەنى خىميلىك داۋالاشتىن كېيىن ئادەتتە كۆرۈلىدىغان ئەكىس تەسىرلەر بولسا كەم قانلىق، ئىشتىھاسىزلىق، ئاش تاماق گېلىدىن ئۆتمەيدىغان، بەدەن ئاجىزلىق، بەدەندىكى تۈكلەرنىڭ چۈشۈشى قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
راك ھۈجەيرىللىرنى DNA سىنتىزلەيدۇ. پېپتىد بولسا ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ غەرى شەكىلدە ئۆزگۈرۈپ كېتىشنى تېزگىنلەيدۇ ھەمدە ساغلام ھۈجەيرىلەرنى قوغدايدۇ.
2-رىمونىت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش.


