سالام تور دۇنياسىدىكى بارلىق دوستلار ياخشىمۇ سىلەر!
بۈگۈندىن باشلاپ كەلدىباي سالۇنىدا يېڭىلىق بار

يېقىندىن بېرى پېپتىد، كوللاگېنلىق ئاقسىل، كىچىك مولكولالىق پېپتىد دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن مەھسۇلاتلار ئاينىپ كەتتى. بىز پىكىر قىلمىساق بولمىدى دەپ ئويلاپ مەزكۇر ماقالىنى يېزىپ ئولتۇرىۋاتىمىز.
تور تەشۋىقاتلاردا ئۆزى پېپتىدنى قىلچىلىكمۇ چۈشەنمەي تۇرۇپ، ھەممىگە قادىر مەھسۇلات، ئۆلۈكنى <<تىرىلدۈرىدۇ>> دېگەندەك ئاشۇرۇپ، كۆككە كۆتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ پۇل مال-دۇنياسىنى ئالداپ ئېلىۋاتقان، خەلقىمىزنىڭ پېپتىدقا بولغان چۈشەنچىسىنى خاتا بۇرمىلاپ تەشۋېقات قىلىۋاتقان كىشلەر ۋە شۇنىڭدەك ئەھۋاللار ئېغىرلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەزكۇر ماقالىنى يوللاشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالدۇق. ھەم يوللاش بىزنىڭ مەجبۇريىتىمىز دەپ ئويلايمىز.
بىز ھەر ۋاقىت ئېستىمالچىنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ كەلدۇق، يەنى دورا ئىچىشكە تېگىشلىك كىشىلەرنى دورا ئىچىشكە تەۋسىيە قىلدۇق، ھەتتا نوپۇزلۇق دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ شۇ ئىستىمالچىغا دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسىنى يەتكۈزىۋاتىمىز. ئۇ كىشى پېپتىد ئېستىمال قىلىشقا تېگىشلىك بولسا پېپتىدنى تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ھېچقانداق ۋاقىتتا پېپتىدنىڭ ھەممىگە قادىر مەھسۇلات دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمىدۇق.

مەزكۇر ماقالىنى يوللاشتىكى سەۋەپ: بىز بۈگۈندىن باشلاپ مۇشۇ <<كەلدىباي سالۇنى>>، <<keldibay >> دوۋيىن نۇمۇرى ئارقىلىق پېپتىد ھەۋەسكارلىرىغا ۋە پېپتىد ئېستىمال قىلىشنى ئويلىشۋاتقان ياكى ئىچىۋاتقان كىشىلەرگە پېپتىد ھەققىدە سېستىمىلىق بولغان مەزمۇنلارنى يەتكۈزىمىز. بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارغا قىزىقساڭلار قوشىۋېلىڭلار.

ئەتىراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش <<پېپتىد>>، <<ھەممىگە قادىر مەھسۇلات>>لارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى، ئارتۇقچە زىيان تارتىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سالۇنىمىزنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ قويىشىڭىزنى سورايمىز. باشقىلارمۇ پايدىلانسۇن.

سالۇنىمىزنى باشقىلارغا ئەۋەتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

