ئۈنۈملۈك كەيپىيات تەڭشەش ئۇسۇللىرى

ھەممە ئادەمنىڭ خۇشاللىق،قايغۇ دىگەندەك خىلمۇخىل كەيپىياتلىرى بولىدۇ.كەيپىياتنىڭ تۆۋەن بولۇش ياخشى بولمىغان كەيپىيات ھالىتى بولۇپ، ئەگەر ئۈنۈملۈك تەڭشىيەلمىسڭىز، نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە خىلمۇخىل ئاۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. ناچار كەيپىياتنىڭ ئىچىگە ئۇزۇن ۋاقىت پېتىپ قالغاندا،سالامەتلىككىمۇ دەخلىسى بولىدۇ. ئۇنداقتا ناچار كەيپىياتنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟

1. تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىش
تېرىشىپ دىققىتىڭىزنى مەلۇم بىر ئىشقا ياكى بىر ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىشقا يۆتكەڭ، بىراق بۇنىڭ رېتىمى تېزراق بولسۇن، بەك مىس-مىس ئىشلارنى قىلسىڭىز دىققەت يۆتكەلمەيدۇ.
2. ھەركەتنى كۆپرەك قىلىڭ
سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىڭ،مېڭىڭ،ئاستا يۈگىرەڭ،ۋېلسىپىت مىنىڭ،بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزدە ئاز تولا ئىشەنچ تۇيغۇسى ھاسىل قىلىدۇ.ئۆيدە بولسا ئۆي تازىلاڭ، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىڭ. شۇندىلا كەيپىيات ھالىتى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇۋالسىز تېخى.
3. مۇزىكا ئاڭلاڭ
مۇزىكا ئاڭلاش كەيپىياتنى خۇشال قىلىدۇ.مۇزىكىنىڭ ئاۋازى يۈرەكنىڭ تارىنى چىكىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ تۆۋەن كەيپىياتلىرىڭىز مۇزىكا رېتىمى ئىچىدە يوقاپ كىتىشكە باشلايدۇ.

4. باشقىلارغاياردەم قىلىڭ
باشقىلارغا ياردەم قىلىش جەريانىدا ئۆزىڭىزنىڭمۇ قەدىر-قىممىتىنى ھىس قىلىسز. بۇنىڭلىق بىلەن خۇشاللىقىڭىز يۈزلىرىڭىزگە قايتىدىن يامىشىدۇ.
5. ھاياتلىق ھەققىدە تەپەككۇر قىلىڭ
ھاياتىڭىزدا خىلمۇخىل سىزنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارمۇ ئۆتكەن،ھازىرقىدىنمۇ بىئارام ۋاقىتلار بولۇشى مۇمكىن، سىز يەنەنىمە ئىشلاغا كىرىشىۋالدىڭىز؟ ھاياتلىق شۇنچىلىك قىسقا، سىزنىڭ بۇ ئىشلارغاكىرىشىۋېلىپ ھاياتىڭىزنى ئىسراپ قىلىشىڭىز ئەخمەقلىق ئەمەسمۇ؟

6. كەيپىياتنى بوشىتىش تېخنىكىسى
ئۆزىنى ئازادە قىلىش تېخنىكىسى بەكمۇ كۆپ، ئازادىلىشىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ جىددىيلىشىش ، خامۇش ۋە تەشۋىش ھالەتلەردىنمۇ قۇتۇلۇپ چىققىنى بولىدۇ.تۆۋندە مەن تەسەۋۇر قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئازادىلىشش ئۇسۇلىنى ئۈگىتىپ قوياي، بىرىنجىسى: چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ نەپەسنى قويۇپ بېرىسىز، بىراق بۇجەرياندا چوقۇم ناھايتى تەكشى ئالىسىز. ئىككىنجى ،بەدىنىڭىزدىكى ھەربىر يېرىڭىز، مەسىلەن قولىڭىز، پۇتىڭىز، قۇلاقلىرىڭىز ...قاتارلىقلارنىڭ قان ئايلىنىشنى ھىس قىلىڭ،ھەمدە چوڭقۇر ۋە تەڭشى نەپەس ئېلىڭ.


ئەسەرنىڭ مەنبەسى: بامبۇك مۇئەللىم سالۇنى



ئاستىدىكى ئېلاننى دەسسەپ دەسسىۋېتىڭ

