كەسپىي پېپتىد سالۇنىنى قوشىۋېلىڭ پېپتىد ھەققىدىكى بىلىملەردىن ھەرۋاقىت بەھرىمان بۇلالايسىز.
سالۇنىمىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزمۇننى ئوقۇش قۇلايسىزلىقىنى ۋە ۋاقىتنى تىجەپ بىرىش مەقسىتىدە بۇنىڭدىن كېيىن يوللانغان مەزمۇنلارنى يازمىچە ۋە ئاۋازلىق نۇسقىسى بىلەن قوشۇپ يوللاپ بېرىشنى قارار قىلدۇق. يازمىچە مەزمۇننى ئوقۇشقا ۋاقتىڭىز يەتمىسە ئاۋازلىق مەزمۇندىن پايلانغايسىز!

كېسەللىك ۋە قېرىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى بولسا، بەدەندىكى ھەر خىل زەھەرلىك ماددىلارنىڭ يىغىلىپ، بۇ يىغىلغان زەھەرلىك كېرەكسىز ماددىلار ھۈجەيرە تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم سۈمۈرۈلۈشىدۇر. « ئۆزىدىن زەھەرلىنىش تەلىماتى» زەھەرلىك ماددىنىڭ بارلىق كېسەللىكنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەرگەن.
ــ نوبېل فىزئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، رۇسىيە پاتولوگىيە مۇتەخەسسىسى مېچنىكوفنىڭ« ئۆزىدىن زەھەرلىنىش تەلىماتى» ئادەمنىڭ نېمە ئۈچۈن كېسەل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا« ئۆزىدىن زەھەرلىنىش تەلىماتى» دېگەن كىتابىدا: كېسەللىك ۋە قېرىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى بەدەندىكى ھەر خىل توكسىنلارنىڭ يىغىلىپ زەھەرلىك داغ ھاسىل قىلىپ، ھۈجەيرە تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم سۈمۈرۈلۈشىدۇر دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن« ئۆزىدىن زەھەرلىنىش تەلىماتى» زەھەرلىك ماددىنىڭ بارلىق كېسەللىكنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەرگەن.
سېمىز گۆش كۆپ بولۇش، پۇت-قول مۇزلاش، تېرە رەڭگى تۇتۇق بولۇش، داغ، دانىخورەك مۇسكۇلى، قەۋزىيەت، ھەيىز قالايمىقانلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئېغىز پۇراش، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش...بۇلارنىڭ ھەممىسى توكسىننىڭ بەدەندە يىغىلىپ قالغانلىقىنىڭ مۇھىم سىگنالى.
زەھەرلىك ماددىلار يىغىلىپ قالسا، قاننىڭ ئايلىنىشى، روھىي ھالەت، ماددا ئالمىشىش تەڭپۇڭلۇقى، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى، ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
جىگەر، ئۆت، ئۈچەي، ئادەم بەدىنىدىكى توكسىنلارنىڭ تۈپ« يوشۇرۇنىدىغان جايى» .
ئامېرىكا ھاۋاي سەھىيە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى رەڭدار پەردە ئىلمى ۋە ئوزۇقلۇق ئىلمى لېكتورى، تەيۋەن ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور جوۋ يىشىڭ« جىگەر، ئۆت، ئۈچەي، زەھەرنى ھەيدەيدۇ، زەھەرنى تازىلاپ، پۈتۈن بەدەننى پاكىزلايدۇ» دېگەن.
جىگەر، ئۆت ۋە ئۈچەي يولى، لىمفا، بۆرەك، تېرە ئادەم بەدىنىدىكى بەش چوڭ زەھەر تازىلاش ئەزاسى ۋە سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىگەر يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ زەھەر قايتۇرۇش ئەزاسى، شۇڭا زەھەر تازىلاشنى ئالدى بىلەن جىگەر، يۈرەكتىن باشلاش كېرەك.
جىگەردە توسۇلۇپ قالغان كېرەكسىز ماددىلار چىقىرىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئوڭۇشلۇق چىقىرىۋېتىشكە پايدىلىق. جىگەرنىىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ تېز ئەسلىگە كېلىدۇ. جىگەر ئىقتىدارى ياخشى بولسا، نۇرغۇنلىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە قارىتا بىۋاسىتە ۋە روشەن ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ دىئابىت كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى، بۆرەك كېسەللىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سىزنىڭ جىگىرىڭىز زەھەرلەندىمۇ يۇق؟ تۆۋەندىكى ئالامەتلەر سىزدە بولسا جىگىرىڭىزنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.
1. تىرناقنىڭ يۈزىدە چوقچىيىپ چىققان قىرلىق سىزىق بولىدۇ ياكى تۆۋەنگە ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ.
جۇڭيى تېبابىتىدە« جىگەر پەينى باشقۇرىدۇ» ، تىرناق« پەي»نىڭ بىر قىسمى، شۇڭا زەھەر جىگەردە يىغىلىپ قالغاندا، تىرناق ئۈستىدە روشەن سىگنال بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
2. سۈت بېزىدە ئۆسۈش كۆرۈلىدۇ، ھەيىز كېلىشتىن بۇرۇن سۈت بېزىنىڭ كۆپۈپ ئاغرىشى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ.
سۈت بېزى جىگەر ئايلىنىش يولىدىكى مۇھىم قورغانغا تەۋە بولۇپ، جىگەر تومۇرىدا« زەھەر» پەيدا بولغان ھامان سۈت بېزى ئۆسۈپ قالىدۇ، بولۇپمۇ قان ئېقىپ چىقىش ئالدىدا تۇرغاندا، يەل ۋە قان كۆپىيىپ، كۆپۈپ ئاغرىش كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
3.كەيپىياتى ئاسانلا خامۇش بولۇپ قالىدۇ.
جىگەر بەدەندىكى كەيپىياتنى كونترول قىلىدىغان ئەزا بولۇپ، جىگەردىكى زەھەر ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلمىسە، توسۇلۇپ قالغان ھاۋا كۆرۈنەرلىك ناچار كەيپىيات پەيدا قىلىدۇ.
4. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىيدۇ. يۈز قىسمىنىڭ ئىككى تەرىپىگە دانىخورەك چىقىدۇ، يەنە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدۇ.
ئەسكەرتىش: يۇقارقى 4 نۇقتا كۆرۇلسە« جىگەردە زەھەرلىك ماددا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ» . بەيدۇ تورىدىن ئېلىندى.
ئۇنداقتا، تۇرمۇشتا بىز جىگەر زەھىرىنى قانداق تازىلاپ، جىگەرنىىڭ ساغلاملىقىنى قانداق قوغدىشىمىز كېرەك؟
تەيئەيتەي دولانە ۋە ئادەمگىيا بىرىكمە تابلىتى ۋە جىغان پېپتىدى بۇ ھەقتىكى مەسىلىنى ياخشىلايدۇ.
شاختىن چىققان جىغان ئۆسۈملۈكتىكى پولىپېپتىد مىكرو قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ماس قەدەمدە ياغنى ئېرىتىپ، ئادەم بەدىنىدىكى كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرىنى تولۇقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماينى تېز سۈرئەتتە ئېرىتىپ ياغنى چىقىرىۋېتىش، ھۈجەيرىلەرنى ئاكتىپلاشتۇرۇش، نېرۋىلارنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ۋە زەھەرنى تازىلاش، پۈتۈن بەدەندىكى قىل قان تومۇرلارنى راھەتلەندۈرىدۇ

ئۇ بەدەندىكى ئىككىلەمچى ساغلاملىقنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بەدەندىكى يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنى ئالدىن بىلىپ، كېسەللىكنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىدۇ، سوغۇقنى ھەيدەپ، ھۆللۈكنى ھەيدەپ، تۇسالغۇلارنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ماينى ئېرىتىپ، ئىككىلەمچى ساغلاملىقنى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەيدۇ
سەھەر تۇرۇپ ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلىش

نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگەندە كارىۋاتتىن چۈشمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، سىيگۈسى كەلسىمۇ ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، پەقەت چىدىمىغاندا ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇ. لېكىن ياۋروپا جىگەر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دانىل پارادى دوكتور مۇنداق دېدى: سۈيدۈك چىقىرىشمۇ بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.
ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن تېزدىن سۈيدۈك چىقىرىپ، بىر كېچە يىغىلىپ قالغان توكسىننى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش كېرەك. شۇنداق بولغاندا توكسىننىڭ بەدەندە تۇرۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، جىگەرنىڭ زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
بالدۇر ئۇخلاش تۈنىمەسلىك

بىز ھەممىمىز << بالدۇر يېتىپ جىگەرنى بېقىش >> نى بىلىمىز. كەچتە ئادەم بەدىنى ئارام ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىگەرنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر دائىم تۈن بويى كىرپىك قاقمىغاندا، جىگەر ياخشى ئارام ئالالمىسا، ئېغىر زىيان پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دائىم تۈنىگەندە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماي، بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. يەنە جىگەرنىڭ كېچىدە ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەسىر يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، زىيانغا ئۇچرىغان جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تەسكە توختايدۇ ھەمدە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئامال بار يانفون ئوينىماسلىق، كۆزنى ياخشى يۇمۇپ ئارام ئېلىش كېرەك
جىگەرنى ئاسراش پەللىلىرى ـــ جىگەر پەللىسى
جىگەر پەللىسى دۈمبە قىسمىدا بولۇپ، 9-كۆكرەك ئومۇرتقىسى بىسلىق ئۆسۈكچىسىنىڭ ئاستىدا، يان تەرىپى 1.5 سۇڭ ئېچىلىدۇ، بۇ جىگەرنىڭ ئىپتىدائىي قۇۋۋىتىنىڭ بەدەننىڭ دۈمبە قىسمىغا يىغىلىشىدىن ھاسىل بولغان« سۇلۇق كۆل» بولۇپ، جىگەر پەللىسى جىگەرنى ئاسراشتا كەم بولسا بولمايدىغان كۈتۈنۈشتىكى مۇھىم پەللە ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو تېبابىتىدە بۇ پەللىنى دائىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، جىگەرنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، قىزىتمىنى ياندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ
تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى خاتالىق بولسا تۈزۈتۈپ ئوقۇغايسىز!!
سالۇنىمىزدىكى مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز، ئاستىدىكى يۈرەك خو بەلگىسىنى، زەيكەن بەلكىسىنى بېسىپ دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. كەلدىباي سالۇنىمىز ئارقىلىق ئېسىل مەزمۇنلار ھەر ۋاقىت سىز بىلەن يۈز كۆرشۈپ تۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئېلاننى چىكىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.









