大数跨境

قالقانسىمان بەز ۋە پېپتىد

قالقانسىمان بەز ۋە پېپتىد alimjan电商课堂
2021-08-07
1
导读:قالقانسىمان بەز ئىقتىدار ئۆزگۈرۈش بولسا سەل قارىماڭ
كەسپىي پېپتىد سالۇنىنى قوشىۋېلىڭ پېپتىد ھەققىدىكى بىلىملەردىن  ھەرۋاقىت بەھرىمان بۇلالايسىز

سالۇنىمىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزمۇننى ئوقۇش قۇلايسىزلىقىنى ۋە ۋاقىتنى تىجەپ بىرىش مەقسىتىدە بۇنىڭدىن كېيىن يوللانغان مەزمۇنلارنى يازمىچە ۋە ئاۋازلىق نۇسقىسى بىلەن قوشۇپ يوللاپ بېرىشنى قارار قىلدۇق. يازمىچە مەزمۇننى ئوقۇشقا ۋاقتىڭىز يەتمىسە ئاۋازلىق مەزمۇندىن پايلانغايسىز!

نۇرغۇن كىشىلەر قالقانسىمان بەزنى  ئادەم بەدىنىدىكى ئاسانلا مەسىلە چىقىدىغان بىر ئەزا دەپ قارايدۇ. قالقانسىمان بەز ھورمۇنى ئىشىپ كىتىش بىلەن قالقانسىمان بەز خىزمىتى تۇسالغۇغا ئۇچىراشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

لېكىن ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىككى خىل مەسىلىنىڭ پىرىنسىپى ۋە پەرقىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ.

بۈگۈن تەھرىر كۆپچىلىك بىلەن قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش بىلەن قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەشنىڭ ئادەم بەدىنىدە قانداق كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى بارلىقى، نېمە ئۈچۈن كىچىك مولېكۇلىلىق ئاكتىپ پېپتىدنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھىم رولى بارلىقى توغرىسىدا ئورتاقلىشىپ ئۆتىمەن.

قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش ۋە قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆلەنلەش كېسىلىنىڭ قوزغىلىش پىرىنسىپى

قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئىشىپ كىتىش ۋە قالقانسىمان بەز ئاجىزلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش ياكى قالقانسىمان بەزنىڭ كېمىيىپ كېتىشى قالقانسىمان بەز ھۈجەيرىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى

قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن نۇرغۇن بىمارلار كېيىن تەرەققىي قىلىپ قالقانسىمان چىكىنىشكە باشلايدۇ. چۈنكى قالقانسىمان بەز ھۈجەيرىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئۇ كۆپ مىقداردا قالقانسىمان بەز ھورمۇنى قويۇپ بېرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

ئەمما بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان قالقانسىمان بەز ھۈجەيرىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق مىقداردىكى قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا قالقانسىمان بەز ھورمۇنى كېمىيىپ كېتىدۇ.

قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش بىلەن قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى چىكىنىشنىڭ پەرىقى

قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى بولسا، ئاسان چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىسسىقتا كۆپ تەرلەش، ئورۇقلاش، ئىشتىھاسى ئېشىپ كېتىش، ئۇيقۇسىزلىق، بىئارام بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، جىددىيلىشىش، قول ۋە كۆز قاپىقى تىترەش، ھودۇقۇش، دەم سىقىلىش، تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش، سۇيۇق تەرەت قىلىش، ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مەزگىل ۋاقتى قىسقىراش قاتارلىق ھەر خىل كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

قالقانسىمان بەز ئاجىزلاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئالاھىدە ئالامەتلەر بولمايدۇ. تىپىك بىمارلاردا سوغۇقتىن قورقۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، قول ـ پۇت ئىششىش تۇيغۇسى، ئۇيقۇسىراش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، بوغۇم ئاغرىش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، قەۋزىيەت، ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مەزگىلى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بۇلىدۇ.

قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش ياكى قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز تېنىدىكى ئىممۇنىت كۈچىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئۆز تېنىدىكى ئىممۇنىت كۈچىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبىدىن كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا ئىممونىت سېستىمىسى خاتا غىدىقلىنىدۇ دە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئاجىرلىششىنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېغىر دەرىجىدە ئىممونىت چىكىنىش يۈز بېرىدۇ.

مانا بۇ نېمە ئۈچۈن ئاياللاردىكى قالقانسىمان بەز كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ ئەرلەرنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاياللاردىكى 45 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئارىلىقمۇ زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلىنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلى. شۇنداقلا يۇقىرى قان بېسىمى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ھەمدە دىئابېت كېسىلىنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلى بولۇپ، ئاياللاردىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ داۋالغۇشى، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش، ئېمىتىش ۋە كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ھورمۇن ئاجىرلىششىدا داۋالغۇش بولۇش قاتارلىق سەۋەپلەر ئەرلەرگە قارىغاندا، ئاياللاردا كۆپ بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.

قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىشنىڭ زىيىنى

قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش كېسىلى بەدەن ئۆزلۈكىدىن تەڭشىلىش ئارقىلىق ساقايمايدىغان كېسەللىك بولۇپ، ۋاقتىدا داۋالانمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى تەدرىجىي ئېغىرلىشىپ، تۆۋەندىكىدەك خەۋپلەر كېلىپ چىقىدۇ

قالقانسىمان بەز خىزمىتى ئېشىپ كېتىشنىڭ خەتىرى

بىماردا ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، يۇقىرى قىزىتما، تىت ـ تىت بولۇش، چۆچۈش، ھەتتا ئاڭ توسالغۇغا ئۇچراش، ھاياتىغا خەۋپ يېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

قالقانسىمان بەز كۈچىيىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى: يۈرەك ئىقتىدارى چىكىنىشنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىماردا دېمى سىقىلىش، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇشۇڭا، قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش ئەھۋالى بايقالغان ھامان ئاكتىپ داۋالاپ، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى چىكنىشنىڭ زىيىنى قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش كېسىلى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ

قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلىشىشنىڭ خەتىرى

بىمارنىڭ كالپۇكى قېلىنلاپ، يۈز قىسمىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كىتىدۇ، يەنە بىر قىسىم بىمارلارنىڭ ئىككى كۆزى پولتىيىپ چىقىپ، چاچ ـ قاشلىرى چۈشۈپ، شالاڭ بوپ قالىدۇ، شۇنۇڭ بىلەن ئوبرازى ۋە گۈزەللىكىگە ئېغىر تەسىر يىتىدۇ.

يۈرەك ئىقتىدارى چىكىنىش

بىمارنىڭ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى

يۈرەك رىتىمى ئاستىلاش، يۈرەك ئىقتىدارى  چىكىنىش، يۈرەك زەئىپلىشىش، كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىش ياكى كۆكرەككە سۇ يىغىلىش ياكى پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ئىپادىلىنىدۇ؛مېتابولىزمغا بولغان تەسىرى سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.

كىچىك مولېكۇلالىق پېپتىدنىڭ قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئىشىپ كىتىش ۋە قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى چىكىنىشكە بولغان  تەسىر 

كىچىك مولېكۇلالىق پېپتىد بىرىنجى بۇلۇپ ھۈجەيرىگە  نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھۈجەيرىنى زىياندىن ساقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىممۇنىت فاكتورىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىممۇنىتېت فاكتورى ئەسلىدىنلا  ئاقسىلدىن تەشكىل قىلىنىدىغان بولۇپ، پېپتىد ھۈجەيرىلەرگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، زىيانغا ئۇچرىغان ھۈجەيرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلما سىستېمىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

بۇ سالۇننى قوشىۋېلىپ مەھسۇلات سېتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ


كىچىك مولېكۇلىلىق پېپتىد ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مولېكۇلا مىقدارى كىچىك بولۇپ ھۈجەيرىلەر تەرىپىدىن بىۋاسىتە سۈمۈرلۈپ،  پايدىلىنىپ، ھۈجەيرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاشقا ياردەم بىرىدۇ. ئىچكى ئاجراتما ئەزا ھۈجەيرىلىرىنى ئاكىتىپلاشتۇرۇپ، جارى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا ياردەم بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئىممۇنىتېت فاكتورلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىدۇ، ھۈجەيرە بىلەن ھۈجەيرلىلەر ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدۇ، شۇڭا پېپتىد قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىىنى تەڭشەشكە ياردەم بىرىش ئارقىلىق، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئىشىپ كىتىش ياكى چىكىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن بىمارلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەن  يۇقىرى ئېنېرگىيە سەرپىيات ھالىتىدە تۇرىدۇ. بۇ ۋاقتىدا كىچىك مولېكۇلىلىق پېپتىد بىۋاستە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.  كىچىك مولېكۇلىلىق پېپتىدنىڭ  بەدەندىكى سۈمۈرلۈش جەريانى ئاكىتىپ بولغاچقا، بەدەن كىچىك مولېكۇلا پېپتىدنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەريانىدا ھىچقانداق ئېنېرگىيە سەرپ قىلمايدۇ.

ھازىر جەمىيەتتە ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتىن مۇھىم، بەدەن كىشىلىك ھاياتتىكى قىممەتلىك بايلىق. شۇڭا ھەر كۈنى پېپتىد تولۇقلاپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەڭشەپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھۈجەيرىگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، بەدەن ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى قوغداش، ھازىرقى زامان كۈتۈنۈشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش كېسىلىنى مۇقۇملاشتۇرۇشتىمۇ ناھايىتى زور ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.

بۇ سالۇننى قوشىۋېلىپ مەھسۇلات سېتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ

سالۇننى قوشىۋېلىپ سېتىۋېلىشنى بىلمىسڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ قانداق سېتىۋېلىشىنى سورىسىڭىز بىرمۇ بىر يېتەكلەپ مەشخۇلات قىلىپ بېرىمىز

【声明】内容源于网络
0
0
alimjan电商课堂
1234
内容 103
粉丝 0
alimjan电商课堂 1234
总阅读0
粉丝0
内容103