
كەلدىباي سالۇننى قوشىۋېلىپ، ساغلاملىق بىلىملىرىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرەيلى، پېپتىد چۈشەنچىمىزنى بىرلىكتە يۇقۇرى كۆتۈرەيلى
دىئابىت دىگەن ئاتالغۇ توغرىسىدا
بۇ لاتىنچە ئاتالغۇ بۇلۇپ، تەرجىمە قىلغاندا شىكەر سىيىش كېسىلى دېيىلىدۇ. ئەينى دەۋىردىكى دوختۇرلار ئەگەر ئادەمدە كۆپ يەيدىغان، ئۇسسايدىغان، كۆپ سىيىدىغان، بەدىنى ئورۇقلاشقا باشلىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، شۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتى بويىچە سۈيدۈكنى تېتىپ باققان، سۈيدۈك تاتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ىشكەر سىيىش كېسىلى دەپ ئاتىغان. ھازىرقى دەۋىردە دىئابىت كېسىلى دەپ ئاتىغان. ھازىرقى دەۋىردە دىئابىت كېسىلىگە دىئوگىنوز قويۇش قاننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ.

بىز يىگەن ئوزۇقلۇقلار ئاخىرقى ھېساپتا ئاقسىل، ماي، شىكەردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇققا ئايلىنىپ بەدەندە ئىنىرگىيە ھاسىل قىلىدۇ. بەدەندە ھاسىل بولغان شىكەرنى ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى ئىنسۇلىن ئارالچىسى ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ شىكەرنى پارچىلاپ، ئىنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئادەملەر ئۇزۇن مەزگىل قۇساققا جىق يەپ، سەمرىپ بەدەندە ھاسىل بولغان شىكەر مىقدارى ئېىشپ كەتسە ئەكسىنچە ئىنسۇلىن ئارالچىسى چارچاپ ئىنسۇلىن ئىشلەش ئازايسا قان تەركىۋىدىكى شىكەر ھەزىم بولماي، مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. چەكتىن ئاشقان قىسمى سۈيدۈكتىن چىقىشقا باشلايدۇ. مانا بۇنى دىئابىت دەيمىز.

دىئابىت بۇلۇشتىكى ئاساسى سەۋەپ، ئىنسۇلىن ئىشلەش تۇسالغۇغا ئۇچراپ، ئىنسۇلىن ئىشلەيدىغان ھۈجەيرىلەر زەخمىلىنىشتىن ئىبارەت.
ھازىرقى زامان مىدىتسىناسى دىئابىتنى داۋالاشتا پەقەت ئىنسۇلىن تۇلۇقلاش ئارقىلىق شىكەرنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئەگەر يېڭىلىق بۇلۇپ، زەخمىلەنگەن ھۈجەيرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان تېخنىكىلار بارلىققا كەلگەن بولسا، دىئابىت كېسىلىنى ئىنسانلار بەدىنىدىن ئۈزۈل كېسىل ساقىت قىلغىلى بۇلاتتى. ھازىر دىئابىت كېسەللىرىنىڭ چارىسى دىئابىتنىڭ ئەگەشمە كېسەللىرىنىڭ پەيدا بۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەندىكى شىكەر ماددىسىنىڭ يۇقۇرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەش ئاقنى ئىستىمال قىلىش مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك.

بۇ بەش ئاق بولسا ئاق ئۇن، ئاق گۈرۈچ، ئاق شىكەر، ئاق ماي، ئاق تۇزدىن ئىبارەت بۇلۇپ، ئاساسلىقى بەدەنگە كىرىدىغان ئىنىرگىيەنى كونتىرول قىلىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىش، قان شىكىرىنى كۆپەيتىدىغان يېمەكلىكلەرنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق بەدەن سۈپىتىنى ياخشى ساقلاشتىن ئىبارەت.

