大数跨境

ھەممىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى نېمە؟

ھەممىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى نېمە؟ alimjan电商课堂
2021-08-26
0
导读:قاپاق تۈرۈك يۈرگەننىڭ، يا ئەقلى يوق، يا ئىچى تار

كەسپى پېپتىد سالۇننى قوشىۋېلىپ، پېپتىد ۋە ساغلاملىق بىلىمىزنى بىرلىكتە يۇقۇرى كۆتۈرەيلى

ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى پەقەت بىرلا

 ئۇ بولسىمۇ ساغلام ياشاش

 

پەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ئىنسانلارنى ئۆز ئارزۇسىغا يەتكۈزمەكتە. ساغلام بەدەن، ئۇزۇن ئۆمۈر ھەممىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھاياتلىقتا ساغلاملىقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئارزۇ بولممىسا كېرەك. چۈنكى ساغلاملىق ئۇ ھاياتلىقنىڭ سۈپىتى ھەم بايلىقى. مەن 50يىل ئاق خالات كىيىپ خەلقنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىدىم.


خۇشخۇي، تىتىك ئادەمدىن،

كەتمەس ياشلىق سالاپەت.

سەپرا، ھورۇن ئادەمگە،

كېسەل يېقىن ئالامەت.

 

سىزگە بولسۇن دالالەت،

ساغلاملىق زور ھالاۋەت.

خۇشخۇي، تىتىك بولسىڭىز،

تەن بولغۇسى سالامەت.

 

ئاچچىقلىنىش زىيانلىق،

جانغا ئىكەك سالغانلىق.

ئەپۇچانلىق، ئىناقلىق،

ئۆمۈرنى ئۇزارتقانلىق.

بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان كېسەللىك ئازابى تارتىۋاتقانلار بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇلارنىڭ ئۆمرى پۇشايمان ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى. ئۇلار نېمىگە پۇشايمان قىلىدۇ؟ ئۇلار ساق ۋاقتىدا نېمە ئۈچۈن ساغلاملىققا ئاساس سالمىغاندىمىز دەپ پۇشايمان قىلىدۇ. قىيان كەلمەستە تۇغان تۇتماي، قىيان كەلگەندە ئامالسىز قالغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ. مەن بۇ ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، كىشىلەرگە ساغلام بۇلۇش ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلىپ كىتاپ يازدىم بۇنى سەھىيە نەشىرىياتى كەڭ خەلىققە تارقاتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەتقىقاتچىلار پېپتىدنىڭ ھاياتلىقتىكى رولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ھەر كۈنى پېپتىد ئىچسە نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدىغانلىقنى ئېلان قىلدى. مەن دوختۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن ساغلاملىققا بەك ئەھمىيەت بېرەتتىم. ھازىر پېپتىد بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن مەن خۇشاللىقىمدا ھەر كۈنى پېپتىد ئىچىدىغان بولدۇم. ھازىر سالامەتلىكىمدە نۇرغۇن خۇشاللىقلار بار. پېپتىد بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنى تۇلۇق ئوزۇقلاندۇرىدىغان ماددا بولغاچقا پېپتىد ئىچىپ بەدىنىمدە كۈچ ماغدۇر كۆپەيدى. ئىممونىت كۈچىم ئاشتى. ئاسان چارچىمايدىغان بولدۇم. مەن پېپتىدنى ئىزچىل ئىچىشنى پىلان قىلىۋاتىمەن. مەن پېپتىدنىڭ ئادەمنىڭ قېرىشنى ئاستىلىدۇ دېگەن ھۆكۈمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم. ياخشىلىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلۇش، خۇشاللىق، خاتىرجەملىكتىن تەڭ بەھرىمان بۇلۇش، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئورتاقلىقىمىز بولغاچقا، مەن بۇ خوش خەۋەردىن بارلىق ئۇرۇق تۇققان، خۇلۇم خوشنا، دوست بۇرادەرلىرىمنى خەۋەردار قىلىشنى لايىق تاپتىم. ياخشى مەنپەئەت ھەممىزگە ئورتاق بولسۇن. پېپتىد ھەممىزنىڭ ئائىلىسگە كىرسۇن.

 

قاپاق تۈرۈك يۈرگەننىڭ،

يا ئەقلى يوق، ئىچى تار.

چىراي ئېچىپ يۈرگەننىڭ،

ساغلاملىقتەك مېلى بار.

 

ئۈمىدسىزلەر كۈلكىسىز،

كۈلكىسىزلەر كۆڭۈلسىز.

ھەمرا بولسا شوخ كۈلكە،

چىراي بولار قورۇقسىز.

 

كۈلكىدىن چىقار ھاردۇق،

ھاردۇقتىن ھەم تىتىكلىك.

غەم تاپار ئاغرىق-سىلاق،

يەنە كىلۇر مېيىپلىق.

 

مۇدىر ۋىراچ: مىجىت ئابلىم



【声明】内容源于网络
0
0
alimjan电商课堂
1234
内容 103
粉丝 0
alimjan电商课堂 1234
总阅读0
粉丝0
内容103