سالۇنىمىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزمۇننى ئوقۇش قۇلايسىزلىقىنى ۋە ۋاقىتنى تىجەپ بىرىش مەقسىتىدە بۇنىڭدىن كېيىن يوللانغان مەزمۇنلارنى يازمىچە ۋە ئاۋازلىق نۇسقىسى بىلەن قوشۇپ يوللاپ بېرىشنى قارار قىلدۇق. يازمىچە مەزمۇننى ئوقۇشقا ۋاقتىڭىز يەتمىسە ئاۋازلىق مەزمۇندىن پايلانغايسىز!








پېپتىد دېگەن نېمە؟
ئەسلى توغرىسى پېپتىد
پىت پىت، پىپىت، دېمەيمىز.
ئۇنداقتا پېپتىد دېگەن نېمە؟
ئامىنو كىسلاتا مولىكولا سانى 2دىن يۇقۇرى 10دانىدىن تۆۋەن بولغىنى كىچىك مولىكوللىق پېپتىدنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئامىنو كىسلاتا مولىكولا سانى 10دانىدىن يۇقۇرى 50دانىدىن تۆۋەن بولغىنى پولى پېپتدىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ سانى 51دىن يۇقۇرى بولغانلىرى ئاقسىلنى شەكىللەندۈرىدۇ.

مولىكولا ماسسى 5000دالتوندىن تۆۋەن بولغانلىرى پېپتىد بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن يۇقۇرىسى ئاقسىلغا تەۋە بۇلىدۇ. ئاقسىلنىڭ مولىكولاسى چوڭ بۇلىدۇ. شۇڭا ئادەم بەدىنىگە بىۋاستە سۈمۈرۈلمەيدۇ. ئاقسىل بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن پارچىلىنىپ بەدەن سۈمۈرەلىگۈدەك ھالەتكە كېلەلىسە ئاندىن ھۈجەيرىلەرگە يەتكۈزىلىدۇ. ئۇنداق بولمىسا كۈنىگە بىر كىلو ئاقسىل يېسەكمۇ پايدىسى يوق بەلكى ئەكىس تەسىرى بۇلىدۇ. بەدەنگە يۈك بۇلىدۇ. ئاقسىلدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن مىسال ئالساق، جانلىقلار تېنىدىكى بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى مارجانغا ئوخشاتساق پېپتىد شۇ مارجاننىڭ ھەر بىر دانچىسىنى باغلاپ چىڭ تۇتۇپ تۇرىۋاتقان يىپقا ئوخشايدۇ. مارجاننىڭ يىپى ئۈزۈلۈپ كەتسە مارجان چېچىلىپ كەتكەندەك بەدەندە پېپتىد كەملەپ كەتسە ۋاختىدا تۇلۇقلانمىسا ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەندە تۇرمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى شۇنچە قۇۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېسەكمۇ بەدەنگە قوبۇل بولمايدۇ.

پېپتىد ھەقىقەتەن كېسەل داۋالامدۇ ياكى پەقەت ئوزۇقلۇق تۇلۇقلامدۇ. بۇ مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز ۋە ھەقىقى پېپتىد بىلىملىرىنى تېخىمۇ كۆپ كشى كۆرۈپ پايدىلىنىۋالسۇن ئالدىنىپ كەتمىسۇن دەپ ئويلىسىڭىز باشقىلارغا ئەۋەتىپ قويۇڭ. پېپتىد ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن.
پېپتىدنىڭ رولى
پېپتىد ئوزۇقلۇق تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ھەرخىل ئۈنۈم ۋە تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنى ئىستىمال قىلغا كىشىلەر ئۆزىدىكى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئىنكاس قىلىدۇ؟
بىز بۇنى ھەقىقى ئىلمىي ئۇسۇلدىن چىقىش قىلىپ ئىزدىنىپ باقساق بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى سەۋەپ پېپتىدنىڭ رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تۇلۇق ھېس قىلىپ يەتتۇق يەنى پېپتىدنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ساپلىقى يۇقۇرى بولغان پېپتىدلار بەدەنگە كىرىپ تۆۋەندىكى 4خىل رولنى جارى قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن يۇقارقى ئۆزگۈرۈشلەر كېلىپ چىققان.

پېپتىد بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزگۈرۈپ كېتىشنى تېزگىنلەيدۇ ھەم كونتېرول قىلىدۇ. بۇ ھەقتە تەتقىقاتچىلار راك ۋە ئۆسمە كېسەللىك بىمارلىرى ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارغان. ئالدى بىلەن يۇقارقى كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن. بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە خىمىيلىك داۋالاش قىلىشتىن ئىلگىرى پېپتىد ئىچكۈزگەن. يەنە بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە خىمىيلىك داۋالاش قىلىشتىن بۇرۇن پېپتىد ئىچكۈزمەيلا خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بارغان.

نەتىجىدە بىرىنچى گۇرۇپپا كىشىلەردە يەنى پېپتىد ئىستىمال قىلغان كىشىلەردە خىميىلىك داۋالاشتىن كېينكى ئەكىس تەسىرلەر ئازىراق كۆرۈلگەن. يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى پېپتىد ئىستىمال قىلمايلا خىميىلىك داۋالاش قىلغان بىمارلاردا بولسا داۋالاشتىن كېيىنكى ئەكىس تەسىرلەر كۆرىنەرلىك، ئېغىر بولغان. يەنى خىميلىك داۋالاشتىن كېيىن ئادەتتە كۆرۈلىدىغان ئەكىس تەسىرلەر بولسا كەم قانلىق، ئىشتىھاسىزلىق، ئاش تاماق گېلىدىن ئۆتمەيدىغان، بەدەن ئاجىزلىق، بەدەندىكى تۈكلەرنىڭ چۈشۈشى قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
راك ھۈجەيرىللىرنى DNA سىنتىزلەيدۇ. پېپتىد بولسا ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ غەرى شەكىلدە ئۆزگۈرۈپ كېتىشنى تېزگىنلەيدۇ ھەمدە ساغلام ھۈجەيرىلەرنى قوغدايدۇ.

پېپتىد ئېستىمال قىلغاندىن كېيىن پېپتىد خۇددى ساۋمىياۋ ئاپىراتىغا ئوخشاش بەدەندىكى ئاجىزلاپ كەتكەن، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان ھۈجەيرىلەرنى تېز سۈرئەتتە تېپىپ چىقىپ رىمونىت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئاجىزلىغان ھۈجەيرە كالتسى كەملىكتىن ئاجىزلاپ كەتكەن بولسا ئوزۇقلۇقنىڭ تەركىبىدى كالىتسينى توشۇپ كېلىپ ھۈجەيرىگە كالىتىسي تۇلۇقلايدۇ، تۆمۈر كەملىكىتىن ئاجىزلىغان بولسا تۆمۈرنى توشۇپ كېلىپ ھۈجەيرىگە تۆمۈر تولۇقلاپ ھۈجەيرىنى رىمونىت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاجىزلىغان ھۈجەيرە ۋە توقۇلما ئەزالار ئەسلىگە كېلىدۇ.
ئاشقازان ئاستى بېزى ئىنسولىن ئىشلەش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەن ئەھۋالغا قارىتا پېپتىد تولۇقلىغاندا پېپتىد ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى ئىنسولىن ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان ھۈجەيرىدنى غىدىقلاش ئارقىلىق ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ. ناۋادا ئۇ كىشى ئېرسىيەت خارەكتىرلىك دىئابىت كېسىلى بولغان بولسا ياكى ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى ئىنسولىن ئىشلەپچىقىرىدىغان ھۈجەيرىلەر پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان بولسا پېپتىد ئېستىمال قىلىپ ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. لىكىن پېپتىدنى ئىچىپ بەرگەندە دىئابىت كېسىلىنىڭ سەۋەبىدىن ئەگىشىپ كېلىدىغان كېسەللىكنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بۇلىدۇ. بۇ دېگەنلىك پېپتىد ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ ئەگەشكە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ دېگەن گەپ.

نۇرغۇن كىشىلەر دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش قىلسا ھېچقانداق كېسەل چىقمايدۇ لىكىن بەدەنلىرى ئۇرۇپ چىقىۋەتكەندە ئاغرىيدىغان، ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس، پۇت قوللىرىدا ماغدۇر يوق ئەھۋاللار كۆپ ئۇچىرايدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بەدىنىمزىدىكى ھەرقايسى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى خىزمىتى ياخشى جارى قىلدۇرۇلمىغان، ياخشى ماسلاشمىغان يەنى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتكەن. (بۇ تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى ئادەم نېمە ئۈچۈن كېسەل بولىدۇ دېگەن مەزمۇندا تەپسىلىي سۆزلەيمىز) بەزى ھۈجەيرىلەرگە ئوزۇقلۇق ياخشى يېتەرلىك بارغان بەزى ھۈجەيرىلەرگە ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بارمىغان شۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىنىڭ خىزمىتىدە تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ ھەرخىل بىئاراملىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پېپتىد ئېستىمال قىلغاندىن ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولمىغان ھۈجەيرىلەرگە ئوزۇقلۇقنى تەكشى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ ھۈجەيرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بەدەن جانلىق ھالىتىگە ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىلگىرى سۈرۈش رولى دېگەنلىك پېپتىد ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بەدىنىمىزنىڭ مىتابولىزىم خىزمىتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ دېگەن گەپ. ئەتىراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى قالايمىقان، خىزمەت قىلىش-ئارام ئېلىش ۋاقتى نۇرمال ئەمەس، كېچىللىرى ئۇخلىمايدىغان ياكى بەك كېچىدە ئۇخلايدىغان دېگەندەك بۇنداق قالايمىقان تۇرمۇش ئادەتلىرى بەدەندىكى ئىچىكى ئەزالارنىڭ خىزمىتنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ دە نۇرمال خىزمەت فونكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مەسىلەن: بەدىنىمىزدىكى ئەزالارنىڭمۇ خىزمەت قىلىدىغان ۋە ئارام ئالىدىغان ۋاقتى بار.

جىگەرنى مىسالغا ئالساق بەدەن ئۇيقۇ ھالىتىدە بولغاندا كېچىسى جىگەر بەدەندىكى زەھەرنى تازلاش ئىقتىدارنى ئاندىن جارى قىلدۇرالايدۇ. ئارام ئالىدىغان ۋاقىتتا يەنە ئارام ئالغىلى قويماي يېسىڭىز، ھاراق ئىچسىڭىز جىگەرنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېشىپ كەتتى دېگەن گەپ شۇنىڭ بىلەن جىگەر بەدىنىڭىزدىكى زەھەرنى تازلىيالمىدى دېگەن گەپ. بەدەندىكى چىقىرىپ تاشلاشقا تېگىشلىك ئەخلەتلەر چىقىپ كېتەلمىدى شۇنىڭ بىلەن بەدىنىمىز نۇرمال مىتابولىزىمنى تاماملىيالمىدى دېگەن گەپ. بۇنداق ئەھۋاللار يىغىلىپ، يىغىلىپ بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

پېپتىد ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن پېپتىد بەدىنىمىزنىڭ نۇرمال مىتابولىزىم ئېلىپ بېرىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم ياخشىلايدۇ.
يېغىنچاقلىغاندا ساپلىقى يۇقۇرى بولغان پېپتىد ئېستىمال قىلغاندىن كېيىن يۇقۇرقىدەك 4خىل رولنى جارى قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن بەدىنىمىزىدىكى ھەرخىل كېسەللىك ئەھۋاللىرىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
تېخىمۇ كۆپ پېپتىد بىلىملىرىدىن بەھرىمان بولۇشنى خالىسىڭىز سالۇنىمىزنى ئەتىراپىڭىزدىكىلەرگە كۆپىرەك تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ.
بۇ سالۇننى قوشىۋېلىپ مەھسۇلات سېتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ


سالۇننى قوشىۋېلىپ سېتىۋېلىشنى بىلمىسڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ قانداق سېتىۋېلىشىنى سورىسىڭىز بىرمۇ بىر يېتەكلەپ مەشخۇلات قىلىپ بېرىمىز

ھەر كۈنى يوللاۋاتقان مەزمۇنلار يارىغان بولسا باشقىلارغا ئەۋەتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!

