大数跨境

ئادەم نېمە ئۈچۈن كېسەل بۇلۇشتىن خالى بۇلالمايدۇ؟

ئادەم نېمە ئۈچۈن كېسەل بۇلۇشتىن خالى بۇلالمايدۇ؟ alimjan电商课堂
2021-08-01
4
导读:ئازىراقلا دىققەت قىلساق نۇرغۇن كېسەللەردىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ


تەتقىقات نەتىجىسىدە ئادەملەر توپى ئىچىدىكى ساغلاملىق شەرتىگە توشىدىغانلارنىڭ سانى %15 گىلا يېتىدىغان بۇلۇپ، نۇرمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكەنلەرمۇ %15 كە يېتىدىكەن. ساغلام ئادەم بىلەن كېسەل بۇلۇپ دىئاگونوز ئېنىق قويۇلغانلارنى %30 ھېساپلىساق قالغان %70 ئادەمدە ئازدۇر كۆپتۇر سالامەتلىك مەسىلىسى بۇلۇپ بۇ ئادەملەرنى ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدىكى ئادەملەر تۈرىگە كىرىدىكەن. دېمەك ئىنسانلار توپىدا ساغلام ئادەملەر ئاران %15 نىلا ئىگەللەيدىكەن. قالغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە بار ئىكەن.


ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن %85 ئادەمنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە بار بۇلىدۇ؟

بۇنى تۆت ئامىل بەلگىلەيدىكەن.


بىرىنچى، ئېرسىيەت ئامىلى

نۇرغۇن كېسەللەر ئاتا بۇۋا ۋە ئەۋلاتلىرىدىن ئېرسىيەت گېنى ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ بەدىنىدە كۆرۈلىدىكەن. مەسىلەن: ئوخشاش سېمىزلىكتە بەزىلەرنىڭ قان بېسىمى يۇقۇرى بەزىلەردە قان بېسىمى يۇقۇرى بولمايدۇ. دىئابىتمۇ كۆپ ھاللاردا ئېرسىيەت خاراكتىرلىك بۇلىدۇ لىكىن ئېرسىيەت گېنى بەزىدە نەچچە ئەۋلات ئاتلاپ كۆرۈلىدۇ. ئاتىدا بولغانلارنىڭ بالىدا بۇلىشى ناتايىن. بەزىدە ئانىنىڭ گېنى ئاساسلىق ئېرسىيەت بۇلىدۇ.

ئىككىنچى، بەدەن ئىچكى ئامىلى 
بۇنىڭدا مىجەز خۇلىقى تۇراقسىز بولغانلارنىڭ نىرۋا سېستىمىسىنىڭ تەسىرىدە بەدەندىكى ھورمۇنلارنىڭ نۇرمال خىزمىتى بۇزۇلىدۇ. بۇ چاغدا ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ ماددا ئالمىشىشقا تەسىر قىلىدۇ. بەدەن تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلىدۇ دە كېسەللىك پەيدا بۇلىدۇ. شۇڭا تۇرمۇش ئۇسۇلىمۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبى بۇلۇپ قالىدۇ.


ئۈچىنچى، تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرى

مەسىلەن، بىز ياشاۋاتقان مۇھىت، ھاۋا كېلىماتى، تۈرلۈك بۇلغۇنۇشلارنىڭ تەسىرى، ئوزۇقلىنىشنىڭ ئىلمى بولماسلىقى، پاكىز بولماسلىقى قاتارلىق ئامىللارمۇ بىۋاستە بەدەندە كېسەللىك پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ.


تۆتىنچى، تەبىئەتتىكى تۈرلۈك جانلىقلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە ھوجۇم قىلىشى

 بۇ مۇقەررەر بۇلۇپ ئېنسانلارنىڭ ئەتىراپىدا تۈرلۈك تۈمەت جانلىقلار ياشايدۇ. ئىنسانلار بۇ جانلىقلارنى بىلىپ ھەم بىلمەي، كۆرۈپ ھەم كۆرمەي يەپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ چوڭلىرى تۈگە ھەم كالا بولسا كىچىكلىرى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان مىكروپ ۋە ۋىروسلاردىن ئىبارەت. بەزىدە ھايۋانلاردىن كېسەل يۇقسا بەزىدە مىكروپ ۋە ۋىروسلار ئادەم بەدىنىدە بىۋاستە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. ئۇنداقتا بىز قانداق ياشىشىمىز كېرەك؟


دېمەك، ئادەم ساغلام بۇلاي دېسىمۇ ساغلام بولماق قېيىن، ساغلام ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز ئۇنىڭغا قارىتا ئەمەلىي ئالدىنى ئېلىش چارە تەدبىرى قوللىنىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ئېرسىيەت خاراكتىرلىك كېسەللىكتىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ ئۇ كېسەللىكنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىنى كونتىرول قىلىشقا، يەڭگىللىتىشكە بۇلىدۇ. ئىچكى ئامىل سەۋەبىنىمۇ ئادەم ئۆزى كونتىرول قىلالايدۇ. تاشقى ئامىللارنىمۇ ئادەم ئۆزىگەرتەلمىسمۇ لىكىن بار ئاماللارنى قىلىپ، زىياننى ئازايتقىلى بۇلىدۇ. تەبىئەتتىكى جانلىقلارنىڭ ھوجۇمىنىمۇ تامامەن توساشقا بۇلىدۇ. مەسىلەن، بۇ قېتىم بىز تاجىسىمان ۋىروستىن مۇداپىئە قىلىش جېڭىنى قىلىۋاتىمىز. دېمەك ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش يۇلى ئاسان ئەمەس. گەپ بىلىم ئارقىلىق تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارنى يېڭىشتا.


_مىجىت ئابلىم

2021-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى


【声明】内容源于网络
0
0
alimjan电商课堂
1234
内容 103
粉丝 0
alimjan电商课堂 1234
总阅读0
粉丝0
内容103