
كەلدىباي سالۇننى قوشىۋېلىپ، ساغلاملىق بىلىملىرىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرەيلى، پېپتىد چۈشەنچىمىزنى بىرلىكتە يۇقۇرى كۆتۈرەيلى

ھەممە ئادەم ياخشى دوختۇر ئۆزىگە،
بولسا ساقلىق بىلىمى ھەمراھ كۈنىگە.
ئەمەل قىلسا ۋەدە قىلغان سۆزىگە،
ساغلام ياشاپ بارار ياشنىڭ يۈزىگە.
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئادەم بەدىنىدىكى ئارتىرىيە قان تومۇرى تەدرىجى قېتىشىپ، تومۇر ئىچكى دىۋارى سىلىقلىغى تۆۋەنلەپ، تومۇر دىۋارىغا قان سۇيۇقلىقىدا ئېقىۋاتقان ماي، خولىتسىرۇن قاتارلىق ماددىلار چاپلىشىپ تەدرىجى تارىيىشقا باشلايدۇ. بۇ نۇرمال قانۇنىيەت بۇلۇپ، ئادەم ئۆسمۈرلۈك يېشىدىن ئۆتكەندىن باشلاپ باشلىنىدۇ. 50ياشتىن بۇرۇن يىلىغا بىر پىرسەنىت، 50ياشتىن كېيىن يىلىغا بىر يېرىم پىرسەنىت سۈرئىتىدە تارىيىش داۋاملىشىدۇ. تارىيىش سۈرئىتىنىڭ تىز ئاستا بۇلۇشى يەنە شۇ ئادەمنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە باغلىنىدۇ.

تۇرمۇش ئادىتى، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە، ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلار، ھەركىتى ئازلار، مايلىق، تۇزلۇق، گۆشلۈك تاماققا ئامراقلار، خىمىيەلىك ماددا قوشۇپ ئىشلەنگەن ئىچىملىك ۋە يېمەكلىكلەرگە ئامراقلار، ئاق شىكەر قوشۇپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەيدىغانلارنىڭ تۇمۇر تارىيىش سۈرئىتى تىز بۇلىدۇ.
مىجەزى خارەكتىرىدە ئاساسن ئاچچىقلىنىدىغان، روھى بېسىمى ئېغىر، خۇشاللىق ئىزدىمەيدىغانلارنىڭمۇ تۇمۇر تارىيىش سۈرئىتى تىز بۇلىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشنى تومۇرنىڭ قېرىشى دەيمىز. تومۇر تارىيىش ئېغىرلاشقاندا پەيدا بۇلىدىغان ئەھۋاللار، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت، يۈرەك مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك بۇلۇپ، 240خىلدىن ئارتۇق كېسەللىكلەر قان تومۇر تارىيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ي ۈرەك مىڭە قان تۇمۇرى ئەڭ ئىنچىكە بولغاچقا بۇ ئۇرۇندىكى تارايغان ئورۇندا ئاسانلا توسۇلۇش پەيدا بۇلىدۇ. ئارتىرىيە تومۇرىنىڭ تارىيىش نىسپىتى %75 دىن ئېشىپ كەتسە مۇئەييەن كېسەل بەلگىسى پەيدا بۇلىدۇ.


مىدىتسىنا تېخنىكىسى بىر قەدەر تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ھازىرمۇ تارايغان، توسالغان تومۇرغا كۆۋرۈك سېلىش، تىرەك قويۇش ئۇسۇللىرى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ. دۇنيادا قېرىمايدىغان ئادەم يوق، كونىرىمايدىغان يولمۇ يوق. ھازىر يانفونلاردىكى ئېلانلاردا كوچا رەستىلەردە قانداقتۇ<< قان تومۇرلارنى ئۈزۈل كېسىل تازىلايدۇ، پاك پاكىز قىلىۋىتىدۇ>> دەيدىغان مەھسۇلاتلار پەيدا بۇلىۋاتىدۇ. مەن شۇنىڭغا ھەيران، مۇشۇنداق دۇنياۋى زور ئىجادىيەتلەرگە نېمە ئۈچۈن نوبىل مۇكاپتىنى ئىلتىماس قىلمايدىغاندۇ؟ بۇ خىل مەھسۇلاتلار قايسى تەتقىقات ئورونلىرىدا تەتقىقات قىلىنىپ سىناقتىن ئۆتكەندۇ؟

ھازىر دۇنيادا قان تومۇرنى ئۈزۈل كېسىل تازىلايدىغان دورا ياكى تېخنىكا تېخى بارلىققا كەلمىدى. ئەگەر ئىنسانلار ئۆز قان تومۇرنى ئۈزۈل كېسىل تازلىيالىغان بولسا قېرىماس ئىدى. ئۇنداقتا ھازىرقى داۋالاش تېخنىكىسىدا قان تومۇر توسۇلۇش خەتىرىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ. ئەڭ ئىلغار ئۇسۇل يېمەكلىكتىن كونتىرول قىلىش. قاندىكى ماي ۋە خولىتسىرون نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، تومۇر دىۋارىدىكى بۇتقىسىمان چاپلاشمىلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە پارچىلاش بۇلۇپ، ھازىرغا قەدەر دۇنيا مىقياسىدا نەچچە ئون يىل تۇمۇر دىۋارىغا تەدرىجى يېپىشىپ قېلىراپ كەتكەن ماددىلارنى قانداقتۇر پاك پاكىزە تازلىۋىتەلەيدىغان مۆجىزە ياكى تېخنىكا بارلىققا كەلگىنى يوق. شۇڭا ئالدىنى ئېلىش، سۇ كەلمەستە تۇغان سېلىش، قوي قاچماستا قوتان ياساش لازىم. ھازىرقى تىببى تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى قان تومۇر ئىچكى دىۋارىنىڭ سىلىقلىغىنى ساقلاش، قان تومۇر ئىچكى دىۋارىنىڭ سىلىقلىقىنى ساقلاش، قان تومۇر ئىچىگە قالايمىقان، دارا ئوكۇل ماڭدۇرماسلىق، قان تومرۇ زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل. زەخمىلەنگەن ھۈجەيرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، بىزگە تونۇشلۇق بولغان كوللاگېنلىق ئاقسىلى زەخمىلەنگەن ھۈجەيرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىغا ئىگە. مۇھىمى ئالدىنى ئېلىش، تومۇر تارىيىشنىڭ ئالدى ئېلىنغاندىلا بەش يىل، ئون يىل كېيىن پەيدا بۇلىدىغان كېسەللىكتىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ.

قېنى كىم ھازىر مەن ئۇنداق كېسەل بولمايمەن دەپ ھۆددە قىلالايدۇ. بەزىلەرگە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلساق كۈلۈپلا قويىدۇ پەرۋا قىلمايدۇ. ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە تەمەننا قويىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە پۇشايمان دەدىنى تارتىدۇ. بىز ھازىر يەۋەتقان، ئىچىۋاتقان نەرسىلەرنى ئانالىز قىلىپ بولغۇسى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالىنى چېلىۋاتىمىز. مەركەزدە ئېچىلغان مۇھىم يىغىنلاردا ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرغا قويىۋاتىدۇ. قېنى تەلەي سىنامسىز ياكى خام خىيالدىن ئويغۇنۇپ ھازىردىن باشلاپلا ھاياتىڭىزنى ئاسراشنى باشلامسىلەر بۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ تاللىشىغا باغلىق.
تەبىئەت زىننىتى قۇياش بىلەن،
يەر زىننىتى يېشىللىق بىلەن.
يۇرىتنىڭ زىننىتى ئىناقلىق بىلەن،
ئائىلە زىننىتى مۇھەببەت بىلەن.
ئادەم زىننىتى خۇلقى بىلەن،
تەننىڭ زىننىتى ساقلىقى بىلەن.
-- مۇدىر ۋىراچ مىجىت ئابلىم

