ئىممونىت كۈچى ۋە پېپتىد ھەققىدە


ئىممۇنىتېت كۈچى تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپچىلىك بۇنىڭ بەدىنىمىزدىكى بىر قىسىم ھۈجەيرە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىر قىسىم ئەزالار بەدىنىمزىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىت، باكتېرىيە قاتارلىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ھاسىل قىلغان بىر توسۇق.
كۆپ قىسىم كىشىلەر تەپسىلىي ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ دېسەك چۈشەندۈرەلمەسلىكى مۇمكىن. بۈگۈن بىز مەزكۇر ماقالە ئارقىلىق بەدىنىمىزنى قوغداۋاتقان بەدىنىمىزنىڭ قوغداش ئىلاھى بولغان <<ئىممونىت كۈچى>> بىلەن تەپسىلىي چۈشىنىپ چىقىمىز.
مەزمۇنلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز باشقىلارغا ئەۋەتىپ قويۇڭ. ئاستىدىكى <<زەيكەن>> دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ!
كەسپىي پېپتىد سالۇننى قوشىۋېلىپ پېپتىد بىلىملىرىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرەلەيلى
ساپلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان، 24يىلدىن بېرى پېپتىد تەتقىقاتى بىلەنلا شۇغۇللانغان شىركەتنىڭ پېپتىدىنى چۈشۈنۈپ باقاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى سالۇننى قوشىۋېلىڭ!
1-ئىممونىت كۈچى دېگەن نېمە؟
<<ئىممونىت>> خەت مەنىسى، ئەمەلىيەتتە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش، يەنى سالامەتلىكتىن چاتاق چىقىشتىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر. بۇ سۆزنىڭ مەنىسىدىن ئۇنىڭ رولىنى كۆرىۋالغىلى بۇلىدۇ. ئاممىباپ قىلىپ ئېيىتقاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىت سېستىمىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىممونىت سېستىمىسىنىڭ ماھىيتى بولسا<< ئۆزى>>بىلەن <<ئۆزى ئەمەس>> نى پەرىقلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇ <<ئۆزىنى>> ساقلاپ قالىدۇ. <<ئۆزى ئەمەسنى>> يوقىتىدۇ.
2. ئىممونىت توقۇلمىللىرى ۋە ئەزالىرى
بادام تەنچە، لىمفا تۈگۈنى، تال، يىلىك، تۆش بىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىممونىت ئەزالىرى بۇلۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇداپىئەدە تۇرىدىغان قىسىملارنىڭ <<لاگىرى>> ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئەزالارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئىممونىت ھۈجەيلىرى بار بۇلۇپ، بىزنىڭ بەدەن ئەزالىرىمىز بىلەن تولغان بۇلىدۇ.
ئىممونىت سېستىمىسىنىڭ زاپاس قوشىنى بولغان( كۆپ ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرە) يىلىكتە ياسىلىدۇ. ئىممونىت سېستىمىسىنىڭ تەربىيلەش سېستىمىسى ئۇنىڭ <<ھەربىي مەكتىپى>> دە ئېلىپ بېرىلىدۇ. Tلىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ يېتىلىشى بولسا تۆش بېزىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. B لىمفا ھۈجەيرىسى بولسا يىلىكتە تاماملىنىدۇ.

تەبئىي قىرغۇچى ھۈجەيرە (NKھۈجەيرىسى) ئۆسمە ھۈجەيرىسى ۋە ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغان ھۈجەيرىنى بىۋاستە ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل ئاق قان ھۈجەيرىسى ھېساپلىدۇ. ئۇ يىلىك، جىگەر، ئۈچەي يولى، لىمفا تۈگۈنى، تۆش بېزى قاتارلىق كۆپلىگەن <<ھەربىي مەكتەپ>> لەرنى پۈتتۈرگەن بۇلىدۇ.
نېتىرال دانچىلىق ھۈجەيرە ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ 60-%70 نى ئىگەللەيدىغان بۇلۇپ، ئەتىراپ قان ئايلىنىش ۋە ئىممونىت سېستىمىسىدا مىقدارى مول بولغان ئاق قان ھۈجەيرىسى ھېساپلىنىدۇ. ئۇ يىلىكتىن كېلىدۇ. يىلىكتە پىشىپ يېتىلىدۇ. ھاسىل بۇلىشىمۇ ناھايىتى تېز بۇلىدۇ. ھەر مىنۇتتا تەخمىنەن 10مىلىيۇن دانە ھاسىل بۇلالايدۇ. ئەمما ياشاش ۋاقتى پەقەت 2-3كۈنلا بۇلىدۇ.

بۇ يېتىلگەن ئىممونىت ھۈجەيرىلەر ئادەتتە قاننىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى توقۇلما، ئەزالار ئىچىدە چارلىشىغا ئەگىشىپ، تاجاۋۇزچىلارنى ۋە ئىچكى قىسىمدىكى شەكلى ئۆزگۈرىۋاتقان بىنۇرمالسىزلىقنى ھەر ۋاقىت بايقاپ ئۆلتۈرۈپ تۇرىدۇ. سىز ھەر كۈنى خىزمەت قىلغاندا، ئۇخلىغاندا، تاماق يېگەندە ھەر ۋاقىت سىز ئۈچۈن پوستا تۇرۇپ مۇداپىئە قىلىپ تۇرىدۇ.
3. ئىممونىت كۈچى تۆۋەن بۇلۇشنىڭ ئىپادىللىرى
1) روھى چۈشكىن بۇلۇش
ئادەتتە نۇرمال كىشىلەرنىڭ ئىممونىت كۈچىمۇ مۇقىم بۇلىدۇ. شۇڭا روھىي ھالىتى تەبئىي ھالدا ناھايىتى ياخشى بۇلىدۇ. ئىممونىت كۈچى تۆۋەن بەزى كىشىلەر ھەمىشە روھى چۈشكىن بۇلىدۇ. چۈنكى ئىممونىت كۈچى چوڭ مېڭىنىڭ كونتىروللىقىغا ئۇچىرايدۇ. ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بىر قەدەر زىچ باغلىنىشلىق بۇلۇپ، ئىممونىت كۈچى تۆۋەن بولسا، چوڭ مىڭىگە تەسىر قىلىدۇ.

چوڭ مېڭە يەنە نۇرغۇن نېرۋېلارنى كونتىرول قىلىدۇ، ھەتتا نېمە ئىش قىلىشتىن قەتئىي نەزەر ئۇلاردا روھى چۈشكىنلىك پەيدا بۇلىدۇ. دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ. دەم ئالغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلسىمۇ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە چارچاش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. بېشى قېيىپ، پۈتۈن كۈن روھى چۈشتىن ھالەتتە تۇرىدۇ. مانا بۇ ئېممونىت كۈچى تۆۋەن بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
2) ئاسان كېسەل بۇلۇش
ئىممونىت كۈچى تۆۋەن كىشىلەر ئاسانلا كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىپ، زۇكام ياكى باشقا كېسەللەرگە گىرىپتار بۇلىدۇ. بەزىدە ئازىراق سوغوق ئۆتۈپ، شامالداپ قالسىمۇ ئاسان كېسەل بۇلۇپ قالىدۇ. ھەمدە نۇرمال ئادەملەرگە قارىغاندا ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.

مەسىلەن: ئائىلىسىدىكىلەر ياكى دوستلىرى زۇكام بۇلۇپ قالسا ئاسانلا يۇقۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەدەننىڭ بىرەر يېرى تاساددىبي يارلىنىپ قالغان بولسا، نۇرمال ئادەملەر بىر نەچچە كۈندىلا ساقىيىپ ئەسلىگە كېلىدۇ. ئەمما ئىممونىت كۈچى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ يارىسى ئاسانلا يۇقۇملىنىپ، قىزىرىپ ئىششىپ، يىرىڭ ئاقىدۇ، جاراھەتنىڭ ساقىيشى ئاستا بۇلىدۇ.
3) ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋالى كۆرىلىدۇ
ھەر كۈنى بىر كۈن خىزمەت قىلىپ، ناھايىتى چارچاپ كەتكەن تۇرۇقلۇق، ئۇخلىغاندا ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇخلىيالماسلىق، دائىم ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈش ھەمدە ئۇخلىسىمۇ تۇلا چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش دېگەندە ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئۇيغۇسىزلىق بىلەن ئىممونىت كۈچ ئوتتۇرسىدا باغلىنىش بار بۇلۇپ، ئادەتتە ئۇيقۇسىزلىق بەدەن ھالىتىنىڭ نۇرمال بولماسلىقى، كېسەل بۇلۇش ياكى بىئاراملىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئىممونىت كۈچى تۆۋەن بۇلۇپ، چوڭ مىڭىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. دائىم ئۇخلىيالمايدىغان كىشلەرنىڭ روھى جەھەتتىن بىنۇرماللىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
4. پېپتىدنىڭ ئىممونىت كۈچىگە بولغان تەسىرى
ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىت كۈچى ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرىدۇ. ئادەم يېڭى تۇغۇلغاندا ئىممونىت كۈچى ئاجىز بۇلىدۇ. شۇڭا باللىق مەزگىلىدە ئاسانلا ساغلاملىق مەسىللىرى كۆرۈلىدۇ. كېيىن ئىممونىت كۈچى ئاستا-ئاستا يۇقۇرى پەللىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەپ، ئوتتۇراياش، ياشانغان مەزگىللەرگە كەلگەندە شىددەت بىلەن يەنە تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭ دەل ۋاقىتدا ھۈجەيرىلەرگە ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاپ، ئىممونىت كۈچىنى تەڭشەپ، ئىمموتىن ئىقتىدارنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.

كېچىك مولىكوللىق پېپتىد بولسا ئامىنو كىسلاتا مولىكولىسىنىڭ پېپتىدلىق باغ ھالىتىدە ئۇلىنىشىدىن شەكىللەنگەن بۇلۇپ، ئادەم بەدىنىگە تېخىمۇ تېز سۈمۈرلىدۇ. پېپتىد ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىئولوگىيەلىك ئاكتىپلىققا ۋە كۆپ خىللىققا ئىگە بۇلۇپ، ئادەم بەدىنىدە كۆپ خىل فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرىدۇ. ھەمدە ئىممونىت سېستىمىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئورۇنلاغا ئاجايىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. پېپتىد بولسا بەدىنىمىز ئەڭ ئاسان سۈمۈرىدىغان ماددا ھەمدە ھاياتلىقنىڭ ماددى ئاساسىدۇر.
1) ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ
ئادەم بەدىننىڭ ئىممونىت سېستىمىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىسا ئاققان ھۈجەيرىسى تۆۋەنلەپ زور دەرىجىدە يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ بىزگە بېرىلگەن روشەن بەلگە بۇلۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىڭ قارشىلىق كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ، ھەرخىل ۋىروس ھۈجەيرىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەدىنىمىزگە كىرىۋالىدۇ ھەمدە ھەرخىل ساغلاملىق مەسىللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆسمە ھۈجەيرىللىرىمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ ئېلىپ كېلىدۇ.

كىچىك مولىكوللىق ئاكتىپ بەدىنىمىزگە كىرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئوزۇقلىقى، ئاكتىپلىقى ۋە ئىقتىدارى ئارقىلىق ئاق قان دانچىللىرنى تېز سۈرئەتتە جانلاندۇرىدۇ ھەمدە زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى يۇتىۋېلىش ئىقتىدارىنى غىدىقلاپ، رادىئاتسىيەدىن پەيدا بولغان ئىممونىت ئاجىزلىقنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
2) باكتىرىيە ۋە ۋىروسقا قارشى تۇرىدۇ
ۋىروس ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىسىدىكى ئالاھىدە قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بىلەن بىرىكىپ، ھۈجەيرىلەرنى يېپىشتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئاقسىل ئىنزىمىغا تايىنىپپ ئاقسىلنى پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ ۋە يادرو كېسلاتاسىنى نۇسقىلايدۇ. شۇڭا پېپتىد ئامبىرىدىكى پارازىت ھۈجەيرىسى قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بىلەن بىرىككەن پولى پېپتىد ياكى ۋىروس ئاقسىل فىرمىنىتى قاتارلىق ئاكتىپ ئىلمىنىتلار بىلەن بىرىككەن پولى پېپتىدنى تاللاپ ۋىروسقا قارشى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.
يەنە باشقا تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بەزى يەككە پېپتىد ياكى پولى پېپتىلار جىگەر ھۈجەيرىللىرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، لىمفاTھۈجەيرىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپ، بەدەن سۇيۇقلىقى ئىممونىتى ۋە ھۈجەيرە ئىممونىت ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن. شۇڭا پېپتىد ئادەم بەدىننىڭ ئىممونىت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ھەرخىل جىگەر كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى داۋالايدىغان ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك دورا ھېساپلىنىدىكەن.
شۇڭا ۋاقتىدا پېپتىد تۇلۇقلاش بولسا ئىممونىت كۈچىنى تەڭشەش، قارشىلىق قىلىش كۈچىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بۇلۇپ، بىزنىڭ ساغلام ھالدا تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
مەزمۇنلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز باشقىلارغا ئەۋەتىپ قويۇڭ. ئاستىدىكى <<زەيكەن>> دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ!
كەسپىي پېپتىد سالۇننى قوشىۋېلىپ پېپتىد بىلىملىرىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرەلەيلى
ساپلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان، 24يىلدىن بېرى پېپتىد تەتقىقاتى بىلەنلا شۇغۇللانغان شىركەتنىڭ پېپتىدىنى چۈشۈنۈپ باقاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى سالۇننى قوشىۋېلىڭ!



