
بىر مەسئۇلىيەتچان دوختۇر ھەرقانداق ۋاقىتتا كېسەل كۆرگەندە، بىمارغا تەكشۈرۈش قەغىزى ۋە رىېتسىپ يېزىپ بېرىشنىلا نوقۇل ۋەزىپە قىلىۋالماي، ئۆزىنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا توپلىغان بىلىملىرى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ساغلام ياشاش ھەققىدىكى بىلىملەر بىلەن تەمىنلىشى ۋە بۇلارنى ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرىچى دەپ بىلىشى لازىم.
مەن مۇشۇ نوقتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىببى داۋالاش ئەمەلىييتى جەريانىدا توپلىغان بىلىم ھاسىلاتلىرىم ئاساسىدا كىشىلەرنى ئىلمىي ساغلاملىققا يېتەكلەيدىغان ساغلاملىق ھەققىدىكى يېڭى قاراشلار، غېزالىنىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار، ھەرىكەت قىلىشنىڭ، خۇشال كەيپىياتنىڭ، تۇرمۇشقا تۇتقان ئاكتىپ پوزىتسىيەنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىسى، ھاراق-تاماكا، قايغۇ-ھەسىرەتنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىتى...قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن شېئىر ۋە قاپىيەداش قىلىپ يېزىلغان بۇ كىتابىمنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا سۇندۇم. مۇشۇ كىچىككىنە ئەجرىمنىڭ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ يېقىن دوستى بۇلۇپ قېلىشىنى، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىققا ئېرىشتۈرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
-ئاپتۇر مىجىت ئابلىم
پېشقەدەم دوختۇر مۇدىر ۋىراچ مىجىت ئابلىم 1947-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇرپان ناھىيەسىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1964-يىلى تۇرپان ناھىيەلىك قۇرلۇش شىركىتىدە تەرجىمان بۇلۇپ ئىشلىگەن. 1965-يىلى ئاپتۇنۇم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئاچقۇان يېزا دوختۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىغا بىر يىللىق ئوقۇشقا كەلگەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئانا يۇرتى تۇرپانغا قايتىپ دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان.

مىجىت ئابلىم خىزمەت جەريانىدا پېشقەدەم ئۇستازلاردىن تېرىشىپ ئۈگىنىپ ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۆرۈندى. دوختۇرخانا رەھبەرلىرى ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ 1973-يىلى شىنجاڭ تېببى ئۇنۋېرستىتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتتى. 1978-يىلى كىلىنكىلىق داۋالاش تۇلۇق كۇرسىنى پۈتكۈزگەندىن كېىن تۇرپان ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا تەقسىم قىلىندى. تەشكىل ئۇنى ئامبولاتورىيە مۇدىرلىقىغا تەيىنلەش بىلەن بىللە ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى رەسمىي قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىنى تاپشۇردى.

مىجىت ئابلىم يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ دوختۇرخانىدا شارائىتى ناچار، ئۈسكۈنە-سايمانلار كەمچىل، تەجىرىبىلىك دوختۇرلار ئاز، كۆپىنچىسى ئۆزىگە ئوخشاش يېڭىدىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ياشلار بۇلۇشغا قارىماي، 20نەچچە خادىم بىلەن كەسىپى خىزمەتنى باشلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ھەر كۈنى ھارماي كېسەللەرنىڭ دەردىگە دەرمان بۇلۇش بىلەن قانائەتلەنمەي، دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنىمۇ بىرگە ئېلىپ باردى. 1993-يىلىغا كەلگەندە تۇرپان ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە پارتكومى سېكىرتارى بولدى.

مىجىت ئابلىم دوختۇرخانىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغان بولسىمۇ، ھارماي-تالماي ئىشلەپ كەسىپتىن ئايرىلىپ باقمىدى. 1999-يىلى مۇدىر ۋىراچلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇ بۇ جەرياندا <<ئويمانلىق فىزىيولىگىيەسى ۋە كېلىنكا>>، <<تىببى خادىملارنىڭ پىسخىك ھالىتىنى تەكشۈرۈش>>،<< تېببى خادىملارنى ئۆز ئورنىدا تەربىيلەش>> قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ<< تۇرپان پەن-تېخنىكا>> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىلىرىدا ئوقىدى.

مىجىت ئابلىم ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تىببى داۋالاش ئەمەلىيتى جەريانىدا توپلىغان مول تەجىربىلىرى ۋە كەسپىي ئۆگىنىش جەريانىدا توپلىغان مول بىلىم ھاسىلاتلىرى ئاساسىدا كىشىلەرنى ئىلمىي ساغلاملىققا يېتەكلەيدىغان شېئىرى مىسرالار كىشىتۈرۈلگەن <<ساغلاملىق تەۋسىيەلىرى>> ناملىق بۇ كىتاپنى يېزىپ چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپداشلىرىدىن كۆپ قېتىم پىكىر ئېلىپ، تۈزىتىپ تۇلۇقلاش ئاساسىدا كەڭ خەلق ئاممىسىغا تەقدىم قىلدى.
كەدىباي سالۇنىمىز يېڭىدىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، بىز چىن كۆڭلىمىزدىن تورداشلارغا ھەقىقى ساغلاملىق تەۋسىيەلىرىنى يەتكۈزۈشىنى نىيەت قىلىپ كەلدۇق. تورداشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئەۋەتىپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
بىز كەلدىباي سالۇنى ئارقىلىق ھەقىقى ساغلاملىق بىلىملىرى بىلەن كەڭ تورداشلارنى تەمىنلەيمىز.
شۇنداقلا ھەقىقى پېپتىد بىلىملىرىنى يەتكۈزىمىز. ناۋادا ئۆزىڭىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋاللىرىغا قارىتا پىشقەدەم مىجىت ئابلىم دوختۇردىن مەسلىھەت سورايدىغان دوستلار بولسا << kaldibay>>دېگەن دوۋيىن نۇمۇرىنى قوشىۋېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرتىش ماتېرىياللىرىڭىزنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز مىجىت دوختۇرنىڭ كېسىلىڭىزگە قارىتا مەسلىھەتنى ھەقسىز ئاڭلىيالايسىز....
تاپسىمۇ بىر كىملەر بېھىساب دۇنيا،
تەن ساغلام بولمىسا بەخىتسىز گاداي.
ساغلاملىق بىباھا ئالتۇنغا تەڭداشسىز،
بۇ سۆزلەر ھەر كىمنىڭ قۇلىقىدا تۇرغاي.
قەدىرلە دوستۇم پۈتكۈل ئۆمرۈڭنى،
ھايات گۈلۈڭنى سۇغۇرۇپ ھەردەم.
قايتماس پەللىگە قاراپ ماڭىدۇ،
ھايات كارۋىنى توختاتماي قەدەم.
-مىجىت ئابلىم

