大数跨境

ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشنىڭ مەخپىيىتى

ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشنىڭ مەخپىيىتى alimjan电商课堂
2021-08-28
3
导读:كەلدىباي سالۇننى قوشىۋېلىپ، ساغلاملىق بىلىملىرىمىزنى ي

كەلدىباي سالۇننى قوشىۋېلىپ، ساغلاملىق بىلىملىرىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرەيلى، پېپتىد چۈشەنچىمىزنى بىرلىكتە يۇقۇرى كۆتۈرەيلى

ئۇزۇن ئۆمۈرنىڭ سىرى

ھەممە ئادەم ساغلام، ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لىكىن ئۆمۈر ھەركىمگە ئوخشاش ئەمەس. بەزىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسە، بەزىلەر قىسقىلا ياشاپ كېتىپ قالىدۇ.

ئالىملار بۇ ھەقتە ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلىپ مۇنداق بىر يەكۈننى چىقاردى. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر تاغدىمۇ بار. باغدىمۇ بار. شەھەردىمۇ بار، يېزىدىمۇ بار. پۇلدارمۇ بار، كەمبەغەلمۇ بار. ياشىغان مۇھىتى ھەرخىل، ئۇزۇقلىنىشى ھەر خىل. لىكىن ھەممىسى ئوخشاش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بۇنىڭ سىرى نەدە؟

سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرگەندە بۇلاردا بىرخىل ئورتاقلىق بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇشخۇي مىجەزلىك ئادەملەر ئىكەن. تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى بېسىم ھورمۇنى ناھايىتى نۇرمال چىققان. ئادەم بەدىننىڭ فىزئولوگىيلىك پائالىيتىنى ئادەم بەدىندىكى ھورمۇنلار تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنىدىكى بېسىم ھورمۇنى ئىزچىل يۇقۇرى تۇرسا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، قان بېسىمى يۇقۇرلاش، دىئابىت قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. بېسىم ھورمۇنى روھى تۇراقسىز، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، چارچايدىغان، ئۇخلىيالمايدىغان، ئاسان جىددىيلىشىدىغان روھى بېسىمغا ئۇچرىغان ئەھۋاللاردا يۇقۇرى ئۆرلەيدۇ. شۇڭا مىجەزى ياخشى، خۇشىخۇي غەمسىز ئادەملەردە بېسىم ھورمۇنى نۇرمال بولغاشقا ساغلاملىقى نىسبەتەن ياخشى بۇلۇپ ئۇزۇن ئۆمۈرگە مۇيەسسەر بۇلىدىكەن. مەسىلەن قەشقەر يېڭى شەھەر قۇمۇشئېرىق كەنتىدىكى ئالمىخان سىيىت بۇ يىل 134ياشقا كىرسىمۇ دائىم خۇشال ياشايدىكەن. قايغۇرمايدىكەن، ئاچچىقلانمايدىكەن. شۇڭا كەيپىيات ئۆمۈرنى بەلگىلەيدىغان ئامىل ئىكەن.

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئەڭگۈشتىرى كەيپىيات ئىكەن. لىكىن كەيپىياتنى تەڭشىمەك ئىنتايىن قىين.

ئائىلە دېگەن ئىككى ئوخشىمىغان سازچىنىڭ بىر يەرگە كېلىشى، ئاۋازى ئوخشاش چىقمىسىمۇ بىر قۇقامغا كەلسىلا بولغىنى. ئادەمگە خۇشاللىقمۇ بار خاپىلىقمۇ بار لىكىن، گەپ قايسىنى تاللاشتا خۇشاللىقنى تاللىسىڭىز ساغلام بۇلىسىز، خاپىلىنى تاللىسىڭىز كېسەل بۇلىسىز. قانداق ياشاش ئۆزىمىزدىن.

 مۇشۇ توپتىكى بارلىق ئەزىزلەرنىڭ ئۆز تىنىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ھەر كۈننى خۇشال ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. خۇشاللىقنى ئۆزىمىز ئىزدىمىسەك ئۇ بىزنى ئىزدەپ كەلمەيدۇ.

 

---مىجىت ئابلىم




【声明】内容源于网络
0
0
alimjan电商课堂
1234
内容 103
粉丝 0
alimjan电商课堂 1234
总阅读0
粉丝0
内容103