
ھەزىم قىلىش سېستىمىسى كېسەللىكلىرى توغرىسىدا ئادەتتىكى ساۋات

ئادەم بەدىنىنىڭ ھاياتلىق پائالىيتىنى ئوخشىمىغان مەزمۇنلارغا ئاساسەن توققۇز سېستىما ئايرىم ئايرىم ھالدا ئۆز ئارا ماسلاشقان ھەم بىر بىرىگە تايانغان ھالەتتە ئېلىپ بارىدۇ.
بۈگۈن مەن ھەزىم قىلىش سېستىمىسى توغرىسىدا ئاددى چۈشەنچە بېرەي.
ھەزىم سېستىمىسىنىڭ كىرىش چىقىش ئىككى ئېغىزى بۇلۇپ، كىرىش ئاغزى بىزنىڭ ئېغىزىمىز، چىقىش ئاغزى ئاخىرىقى تەرەت يولىمىز.
ھەزىم سېستىمىسىنىڭ مۇساپىسى 8مىتىر ئۇزۇنلۇقتا بۇلۇپ ئۇ ئېغىز، قىزىل ئۆڭگەچ، ئاشقازان، 12بارماق ئۈچەي، كىچك ئۈچەي، چوڭ ئۈچەي ۋە ئائۇستىن ئىبارەت.

ئاشقازان ئاستى بېزى، جىگەر ھەم ئۆت مۇ ھەزىم سېستىمىسىغا كىرىدۇ.
بىز بەدىنىمىزگە قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇقلارنى ئالدى بىلەن ئاشقازان يۇمشۇتۇپ ئاندىن 12بارماق ئۈچەي ئارقىلىق كىچىك ئۈچەيگە يوللاپ بېرىدۇ. ئاشقازاننىڭ خىزمىتى ئەڭ جاپالىق بۇلۇپ ئاتمىش ياشقا كىرگەن ئادەمنىڭ ئاشقازىنى ئاتمىش يىل ئىچىدە 40توننا ئەتىراپىدىكى ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى ئېزىپ، يۇمشۇتۇپ بۇلىدۇ. ئاشقازانغا ھەرخىل قاتتىق قۇرۇق غىدىقلىغۇچى ھەم خېمىيەلىك ماددىلار كىرىدۇ. ئەگەر ئاشقازاننىڭ ئالاھىدە قۇرۇلمىسى بولمىسا ئۇ ئىككى ھەپتىدىلا ئېزىلىپ يوق بۇلۇپ كېتەتتى. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئاشقازىنىغا بەكمۇ ئۇۋال قىلىدۇ. جىق يەپ زۇلۇم سالىدۇ، قىزىق نەرسە ئىچىپ كۆيدۈرىدۇ. ئاچچىق ھاراق ئىچىدۇ. ئاشقازان ھەزىم قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى مەجبۇرىي يەپ زۇلۇم قىلىدۇ. كەچلىكى جىق يەپ ئاشقازاننى ئارام ئالدۇرمايدۇ. ئاشقازاننىڭ نىرۋىسى بىلەن چىراي نىرۋىسى بىر بولغاچقا چىراي خاپا بولسا ئاشقازانغا قان بارمايدۇ. ئاشقازان زەخمىلىنىدۇ.
ياز ۋاقتى ئادەم قىزىپ كەتسە ئاشقازانغا مۇز سۈيى كىرگۈزۈپ بىگۇناھ ئاشقازاندىن ئۆچ ئالىدۇ. ھېلىمۇ ئاشقازان شۇ ئادەمگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بۇلىدۇ. دېمەك كۆپىنچە ئادەملەر ئۆز ئاشقازىننى قەدىرلىمەيدۇ.

ئۇنداقتا ئاشقازاننى قانداق ئاسىرايمىز؟
تاماقنى بەك تويغۇچە يېمەسلىك، تاماقنى بەك قىزىق يېمەسلىك، ئالدىراپ قاتتىق قۇرۇق يېمەسلىك، يۇمشاق چايناپ يېيىش، بەك سوغاق يېمەسلىك، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان نەرسىلەرنى بىراقلا جىق يېمەسلىك، مەسىلەن: گۆش ئاشقازاندا 4سائەت تۇرۇپ ئاندىن يۇمشاپ ئۈچەيگە ئۆتىدۇ. ئاچ قورساققا خېمىيەلىك ماددىلار بار يېمەكلىك يېمەسلىك. ھەرخىل دورىلارنى تاماقتىن بۇرۇن دېگەنلەردىن باشقا دورىلارنى تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەتتە ئىچىش. ئاچ قورساققا ھاراق ئىچمەسلىك، ياتار قورساققا نەرسە يېمەسلىك، كەچلىك تاماقنى ئاز ھەم بۇرۇنراق يېيىش.
ھەزىم يوللىرى كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىنكا بەلگىللىرى
يۇقارقى قورساق ساھەسى دائىم بىئارام بۇلۇش( بەزىدە يۈرەكتە مەسىلە بولسىمۇ يۇقارقى قۇرساق قىسمى ئاغرىيدۇ)، كۆڭۈل ئېلىشش، مەيدە ئاچچىق بۇلۇپ ئاچچىقسۇ يېنىش، قۇساق ئاچقاندا ياكى تاماقتىن كېيىن ئاشقازان قىسمى ئاغرىش، قۇسۇش قاتارلىقلار.
ئەگەر ئاشقازان پىلۋۇرىس قىسمىدا بۇرمىسىمان تاياقچە مىكروپ پەيدا بولسا ئاخىرىدا يارا پەيدا قىلىدۇ. كۆپىنچە ئاشقازان ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس ئادەملەرنىڭ مىجەزى خۇلىقى تۇراقسىز، ئاسان خاپا بۇلىدىغان ئادىتى بۇلۇپ بۇخىل كەيپىيات ئاشقازان كېسەللىكىنى ئاسان پەيدا قىلىدۇ ياكى ئاسان قايتىلايدۇ. غەزەپلەنسەڭ بىر قېتىم، ئۆمرۈڭ ئون كۈن قىسقىرار، خۇشال غەمسىز ياشىساڭ، ئۆمرۈڭ 90دىن ئاشار. بۇ ئاتا بوۋىلارنىڭ نەسىھىتى بۇلۇپ نۇرغۇن ئادەملەر بۇ نەسىھەتنى قۇلاقتا تۇتماي بەدىننى كېسەل چىرماپ ئازاپلىق كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى
ئاشقازىنىڭىزدا مەسىلە بولسا بىزنى ئىزدەڭ
داۋامىنى كېيىنكى مەزمۇندىن كۆرۈڭ......
قانداق قىلغاندا ساغلام بولغان ئاشقازانغا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن سالۇنىمىزدىكى مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىڭ...


