大数跨境

لوڭقا قويۇپ ئورۇقلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

لوڭقا قويۇپ ئورۇقلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 丝绸之路维医
2017-01-29
1

لوڭقا قويۇپ ئورۇقلاشتا قەۋزىيەت بولۇپ قالماسلىق كېرەك. قەۋزىيەت ھەل بولۇنمىسا، ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا لوڭقا قويدۇرۇشتىن بۇرۇن مىجاز تەڭشەش كېرەك.

تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىك كېرەك. لوڭقا قويدۇرغاندىن كېيىنكى مەيلى دەم ئېلىش، مەيلى يىغىلىش بولسۇن ھەرگىزمۇ ھەددىدىن زىيادە تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىك كېرەك. بولمىسا ماي قاتلاملىرى سىزنى يەنە ئىزدەپ تېپىۋالىدۇ.

ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن يېمەك-ئىچمەكنى توختۇتۇش كېرەك. بۇ قايتا سەمىرىپ كېتىشنى تىزگىنلەشتىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپ بولۇپ، تاماق بىلەن ئۇخلاش ئارىلىقىدا ئۈچ سائەت ۋاقىت قالدۇرۇش سالامەتلىككىمۇ پايدىلىق.

ياخشى يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. لوڭقا قويۇپ ئورۇقلاشتا قايتا سەمىرىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن «ئاچ قالماسلىق، ئاز يېيىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. تەڭپۇڭ ئوزۇقلۇقنىشقا دىققەت قىلىپ، ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .

مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش كېرەك. لوڭقا قويۇپ ئورۇقلاشتا قايتا سەمىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش كەم بولسا بولمايدۇ. كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇرۇقلاشنىڭ ياخشى ربتسبپى،بولۇپمۇ سىرتتا ئوكسېگىنلىق چېنىقىش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر

【声明】内容源于网络
0
0
丝绸之路维医
ئۇيغۇر تىبابىتنى ئاساس قىلغان ھالدا ساقلىقنى ساقلاشقا يىتەكچىلىك قىلىش سالونى
内容 27
粉丝 0
丝绸之路维医 ئۇيغۇر تىبابىتنى ئاساس قىلغان ھالدا ساقلىقنى ساقلاشقا يىتەكچىلىك قىلىش سالونى
总阅读6
粉丝0
内容27