大数跨境

ئۆت ياللۇغىنى ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە داۋالاش

ئۆت ياللۇغىنى ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە داۋالاش 丝绸之路维医
2017-01-19
0
ئۆت ياللۇغى ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە داۋالاش ئۇسۇلى: ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئادەم بەدىنىكى خىلىتلارنىڭ غەيرى يۈسۇندا ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە ئۆت خالتىسدا ياللۇغلىنش پەيدا قىلىپ ،ئۆت سۇيۇقلىقنىڭ ئۆت خالتىسىنى غىدىقلاپ ،يۇقىرى قىزىتما ،توڭلاپ تىتىرەش ،ئوڭ تەرەپقۇرساقنىڭ يۇقىرى قىسمى ئاغرىش ،كۈڭۈل ئېلىشىش ،قۇرۇق ھۆ بۇلۇش ،دۈمبە ساھەسى ئېچىشىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىغان بىر خىل كىسەللىك ھالىتى بۇلۇپ ،بۇنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە داۋالاش ئۈچۈن :1ـ بىخ بەدىيان 20گىرام ،كاسىنە 20گىرام ،تۇخۇمى كەرەپشە 10گىرام ،شوخلا 30گىرام ،بەدىيان 10گىرام ،تۇخۇمى خەربۇزە 20گىرام ،ئوغرىتىكەن 10گىرام ،پىرسىياۋشان 10گىرام ،بىخ كاسىنە 10،شىكەر 500گىرام .دۇرىلارنى ئېلىپ قاينىتىپ شەربەت تەييارلاپ كۈندە ئۈچ ۋاخ 50گىرامدىن ئىستىمال قىلىدۇ .2ـ بابۇنە،پوستى خەشخەش ،شوخلا ،ئىككىمىلىك ،ئاق لەيلى ئۇرۇقى ،بىنەپشە ،ئارپا قاتارلىقلارنى تەڭ دەرىجىدە ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ گۈل يېغىدا يۇغۇرۇپ مەلھەم قىلىپ ئۆت ساھەسىگە چاپسا ئاغرىق توختايدۇ .3ـ زىخ 20گىرام ،رەۋەن 5گىرام ،سۇمبۇل ھىندى 50گىرام ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ ئىسپىغۇلنىڭ شىرىسدە يۇغۇرۇپ كۇمىلاچ قىلىپ كۈندە ئىككى ۋاخ بەش تالدىن يەيدۇ .4ـ خىياشەنبەر ،پۇنۇس ،كاسىنە سۈيى ،ئارپا بەدىيان ،شوخلا سۈيىگە پۇنۇس ۋە خىياشەنبەرنى دۇرا سۈيىگە چىلاپ قۇيۇپ بىر كىچە تۇرغۇزۇپ ئاندىن سۈزۈپ ئېلىپ كۈندە ئۈچ ۋاخ ئىستىمال قىلىدۇ .5ـ كۈندە بىر تال تۇرۇپنى ئىزىپ سۈيىنى چىقىرىپ ناشتا قىلىشتىن ئىلگىرى 20گىرامدىن ئىچىدۇ. 6ـ ئەگەردە ئاغرىق بەك كۈچلۈك بولسا 100گىرام زەمچىگە سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ ئۆت ساھەسىگە چاپسا ئاغرىق توختايدۇ .تاماقتا ،كۆكتاتلارنى كۆپ يىيىش ،تۇخۇم ،پولو ،ئاچچىق چۈچۈك تاماق ،كالا ،قۇتاز گۆشلىرىنى يىمەسلىك كىرەك .
【声明】内容源于网络
0
0
丝绸之路维医
ئۇيغۇر تىبابىتنى ئاساس قىلغان ھالدا ساقلىقنى ساقلاشقا يىتەكچىلىك قىلىش سالونى
内容 27
粉丝 0
丝绸之路维医 ئۇيغۇر تىبابىتنى ئاساس قىلغان ھالدا ساقلىقنى ساقلاشقا يىتەكچىلىك قىلىش سالونى
总阅读6
粉丝0
内容27