تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاش

تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئېغىز چايقىغاندا ئېغىزدىكى يېمەكلىك قالدۇقىنى تازىلاشقا پايدىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئېغىزدىكى زىيانلىق باكتىرىيە ۋە پارازىت ماددىلارنى تازىلاشقىمۇ پايدىلىق بولۇپ، چىشنى قۇرت يېيىش ۋە چىش ئەتراپى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە. بەزىلەر تاماقتىن كېيىن مەخسۇس ئېغىر چايقاش سۇيۇقلۇقى ئىشلەتسە ياخشىمۇ دەپ سورايدۇ؟ نەنجىڭ شەھەرلىك جۇڭگو ۋە غەرب تىبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جوۋ جۈنبو مۇنداق دېدى: ئېغىز بوشلۇقىدا زىيانداش باكتىرىيەدىن باشقا يەنە پايدىلىق باكتىرىيە تەنچىلىرىمۇ بار، باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە بولغان ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتىرىيە تەنچىلىرى ئاسانلا تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، ئەكسىچە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تاتلىق سۇ، تۇز سۈيى ۋە چاي بىلەن ئېغىز چايقىغاننىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى.
تاماقتىن كېيىن يۈز ۋە قورساق قىسىمنى ئۇۋۇلاش

تاماقتىن كېيىن قورساق قىسىمنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆلۈمدىشى ۋە قورساقتىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا پايدىسى تېگىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: كىندىك قىسمىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، ئالقان بىلەن سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ يۆنىلىشىدە قورساق قىسمى بىر ئاز قىزىغانغا قەدەر قورساقنى يېنىك ئۇۋۇلايمىز. قول بىلەن يۈز قىسمىنى ئۇۋۇلىغاندا شۆلگەينىڭ ئاجرىتىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
تاماقتىن كېيىن مېڭىپ بىرىش

نەنجىڭ شەھەرلىك جۇڭگو ۋە غەرب تىبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش دوختۇرخانىسىنىڭ ھەرىكەت ساغلاملىق مۇتەخەسسىسى، دوتسېنت لى جىڭنىڭ ئېيتىشىچە، تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت ئەتراپىدىكى ۋاقىت ئاستا مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بىر قەدەر ماس كېلىدىكەن، بۇنىڭ ھەزىم قىلىش، ماددا ئالمىشىش، سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشىلاشقا پايدىسى بار ئىكەن. ياشانغانلار ۋە بەدىنى ئاجىز كىشىلەر ھەر مىنۇتتا 60- 70 قەدەم، ئادەتتىكى ئەرلەر ھەر مىنۇتتا 80- 90 قەدەم، ئاياللار ھەر مىنۇتتا 70- 80 قەدەم ماڭسا بولىدىكەن؛ بەدىنى ساغلام ياشلار ھەر مىنۇتتا 120- 130 قەدەم مېڭىپ بەرسە بىر قەدەر مۇۋاپىق ئىكەن.

