
💊💊💊®
12-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:00 دە فېد ئۆسۈم ئۆستۈردى، بىر قىسىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار پۇلى «ئېغىر زۇكام» بولدى. دۈشەنبە كۈنى (12-ئاينىڭ 21-كۈنى) ئەزەربەيجان شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆز پۇل ماناتنىڭ 2011-يىلىدىن بۇيان دوللارنىڭ ئىزىغا چۈشىدىغان پېرۋوت تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئەركىن تەۋرىنىشچان پېرۋوت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى ئېلان قىلدى. ماناتنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش پېرۋوت نىسبىتى شۇ كۈنى بىراقلا 1.55 كىچە چۈشۈپ كەتتى، بۇ 1995-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە. بۇندىن ئىلگىرى ئەرزان نېفىت باھاسى باشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى مۇشۇنداق تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر قىلغان. بۇندىن ئىلگىرى ئارگېنتىنا پېسوسىمۇ ئوخشاشلا پېرۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقتىن قىممىتى %41 چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. 
12-ئاينىڭ 21-كۈنى پېرۋوت نىسبىتى 1.55 ماناتنى بىر دوللارغا ئالماشتۇرۇشقا تەڭ بولدى، بۇنى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى پېرۋوت نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا قىممىتى %47.6 چۈشۈپ كەتتى. ئەزەربەيجاننىڭ بۇنداق قارار چىقىرىشىدىكى سەۋەب بولسا سىرتنىڭ زەربىسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، شۇڭا خەلقئارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش، تاشقى پېرۋوت زاپىسى ساقلاپ قېلىش ۋە بۇ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللاندى.نېفىت ۋە تەبئىي گاز ئەزەربايجان ئېكىسپورتىدا %95 نى ئىگەللەيدۇ، ھۆكۈمەت كىرىمىنىڭ %75 نى ئىگەللەيدۇ، بۇ دۆلەت ناھايىتى ئاسانلا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىش زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. 12-ئايدىن بۇيان نېفىت باھاسى %18 دىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتتى. 
ئۆز پۇل پېرۋوت نىسبىتىنى تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئەزەربەيجان يېرىمدىن ئارتۇق تاشقى پېرۋوت زاپىسىنى سەرپ قىلدى. بۇ يىل 2-ئايدا ئەرزان نېفىت باھاسى ھاردۇرۇپ قويدى، بۇ دۆلەت مەركىزى بانكىسى پېرۋوت نىسبىتىنى %25 تۆۋەنلىتىپ تەڭشىدى ھەمدە دوللارنىڭ ئىزىغا چۈشۈش پېرۋوت تۈزۈمىنى دوللار-ياۋرونىڭ ئىزىغا چۈشۈشكە ئۆزگەرتتى. ئالدىنقى ئايدا بۇ دۆلەتنىڭ تاشقى پېرۋوت زاپىسى 6.8 مىلىيارد دوللار، يىل بېشىدى 15 مىلىيارد دوللاردىن ئارتۇق ئىدى. 
بۇ ھادىسىلەر كىشلەرگە 1997-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنى قايتا ئەسلەتتى. 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى تايلاند مۇقىم پېرۋوت نىسبىتى تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئەركىن تەۋرىنىشچان پېرۋوت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىنلا پۈتۈن شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بەردى. 
نۆۋەتتە ئىقتىسادشۇناسلار لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدە ھازىر 1997-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى قايتا تەكرارلىنىۋاتىدۇ دەپ قارىدى. ئارگېنتىنادىن ئەزەربەيجانغىچە، 18-يىل ئىلگىرىكى تارىخ، ئەجىبا راستىنلا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى قايتا تەكرارلىنىۋاتامدۇ؟



