大数跨境

خوتەندە نىمە ئۇچۇن بىرنى بىي دەيدۇ؟ بۇ بىر رىۋايەت

خوتەندە نىمە ئۇچۇن بىرنى بىي دەيدۇ؟ بۇ بىر رىۋايەت dastur
2015-12-11
8
导读:a



ۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، قوينىڭ پۇتى دولىسىدا، كالىنىڭ مۇڭگۇزى يوتىسىدا ئىكەن. كېرىيەنىڭ بېرىسىدە، نېيەنىڭ نېرىسىدە بىر يۇرت بولۇپ، كىشىلىرى ناھايىتى ئىناق-ئىجىل ئۆتىدىكەن، ئۇلارنىڭ بالىلىرى گاھى ياشتا چوڭراقىنىڭ، گاھى كىچىكرەكىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆزى بىلىشىدىغان ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناپ ئۆسۈپ يېتىلىدىكەن. شۇ كۈنلەردە بۇ بالىلار توپىغا باشقا يۇرتتىن يېڭى كۆچۈپ كەلگەن بىر ئائىلىنىڭ ھەيدەر ئىسىملىك بالىسىمۇ قېتىلىپتۇ ، ھەيدەر ئارىلىشىپ ئويناش جەريانىدا يېڭى دوستلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈل، ساددىلىقىنى؛ ئويۇن باشلىقى قانداق ئويۇنغا باشلىسا، شۇنىڭغا ماسلىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئۆزىنى يېڭى دوستلىرىغا بىر كۆرسىتىپ قويۇش ئىستىكى تۇغۇلۇپتۇ ۋە سۆزمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ئويۇن باشلىقى بولۇش مەخسىدىگە ئاسانلا يېتىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ بالىلارغا: بىز يۇرتتا ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان بىر ئويۇن بار، شۇنى ئوينىساق قانداق؟ ــ دەپتۇ، بالىلار ئۆگىنىشكە ئالدىراپتۇ. ئويۇن قائىدىسى مۇنداق ــ دەپتۇ ھەيدەر ــ مەن «1» دېسەم سىلە ئىككى بارمىقىڭلارنى چىقىرىسىلەر، «2» دېسەم بەش بارمىقىڭلارنى، «4» دېسەم ئۈچ بارمىقىڭلارنى، «5» دېسەم تۆت بارمىقىڭلارنى... چىقىرىسىلەر. ئۇتقانلار ئۇتتۇرغانلارنى «ئىشەك» ئېتىپ مىنىپ ئوينايمىز، بولامدۇ؟- دەپتۇ، بالالارنىڭ ھەممىسى بىردەك قوشۇلۇپتۇ ۋە ھەيدەرنىڭ دېگىنى بويىچە ئويناپتۇ، قىسقىغىنە نەچچە كۈندە ھەممە بالىلارنىڭ كاللىسىدا «1» ئىككى بولۇپ، «2» بەش بولۇپ ... ئەكس ئېتىدىغان بولۇپ، ئۇتتۇرىدىغانلار ئازلاپتۇ، ئويۇننىڭ قىزىقى قالمىغاندىن كىيىن سانلارنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۇرۇپ، ئويۇن باشلىقى «11» دېسە باشقىلار دەرھال «26» نى يازىدىغان، «50» دېسە «36» نى يازىدىغان ... قىلىپ ئۆزگەرتىپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، ئويۇن داۋاملىشىپتۇ، يېشى چوڭلىرى بالىلىقى بىلەن خوشلۇشۇپتۇ، كىچىكلەر يېڭىدىن سەپكە قوشۇلۇپتۇ...، ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، باشقا يۇرتتىن مېھماندارچىلىققا كەلگەنلەرنىڭ بالىلىرىمۇ بۇ ئويۇننى ياقتۇرۇپ قاپتۇ ۋە قايتقاندىن كىيىن ئۆز يۇرتلىرىدا بۇ ئويۇننى ئومۇملاشتۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئويۇن پۈتۈن خوتەن دىيارىدا ئومۇملىشىشقا باشلاپتۇ. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن بالىلار ئارىسىدا، ئائىلىلەردە، ھەتتا پۇتكۇل خوتەن دىيارىدا جەڭگە جىدەل قۇرۇمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشكە باشلاپتۇ، بۇ ئىشقا ھەممەيلەن ھەيران قاپتۇ، يۇرت ئىماملىرى بۇ غەيرى ئەھۋالنى تۈزەش ئۈچۈن جۈمە نامىزى، ھىيت نامىزى ۋاقىتلىرىدن پايدىلىنىپ جامائەتكە ئىتتىپاق- ئىناقلىقنىڭ خاسىيىتى توغرىسىدا ئېيتقان ۋەز- نەسىھەتلىرىمۇ كار قىلماپتۇ، ئەھۋال خوتەن پادىشاھىغا ئىنكاس بولۇپتۇ ۋە پادىشاھ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ، دۆلىتىدىكى موللا- ئۆلىمالارنى يىغىپ بۇ زىددىيەتنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبىيىنى ئېنىقلاپ ئاندىن تۈزەشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. موللا- ئۆلىمالار يۇرت- يۇرتقا بېرىپ ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق زىددىيەتنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپتۇ ۋە پۈتۈن خوتەن خەلقىگە دۆلەتتىكى ئىناقسىزلىق، ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى سۆزلەپ، ئاخىرىدا بۇ ئەھۋالنى تۈزەشنىڭ چارىسى «1 نى بىر دەيتمىز، 2 نى ئىككى دەيتمىز» دەپ جاكارلاپتۇ، راست دېگەندەك شۇنىڭدىن كىيىن پۈتكۈل يۇرتتىكى بۇ ئىتتىپاقسىزلىق تەدرىجى تۈگەپ، بۇرۇنقى ئىجىل- ئېناقلىق ئەسلىگە كەپتۇ. شۇڭلاشقا، ھەر خىل دەتالاشلاردىن كېلىپ چىققان ئېناقسىزلىقنىڭ خاپۇچىلىقىنى بولىشىغا تارتقان، كىيىن «1 نى بىر دەيتمىز» نىڭ پايدىسىنى كۆرگەن خوتەن ئەھلى تا ھازىرغىچە «1 نى بىر دەيتمىز» نى زادىلا ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىكەن. ئەقىللىق دوستلار، تېپىپ بېقىڭلارچۇ، سىزلەرنىڭچە خوتەن خەلقىنىڭ تىنچلىقى نېمە سەۋەبتىن بۇزۇلدى ۋە يەنە «1 نى بىر دەيتمىز» دىن كىيىن تىز ئەسلىگە كەلدى؟ جاۋابى ئىنتايىن ئاددى، ئۇ بولسىمۇ: بالىلار يۇقارقى ئويۇننى ئۇزۇن مەزگىل ئويناش جەريانىدا ئۇلارنىڭ كاللىسىدا «1» ئىككى بولۇپ، «2» بولسا بەش بولۇپ، «11» بولسا «26» بولۇپ... ئەكس ئېتىدىغان بولۇپ قالغان، شۇ سەۋەبتىن ئاتا- ئانىلار بالىسىنى ئىككى توخۇ بۇغۇزلا دېسە بەشنى بوغۇزلايدىغان، «نېمىنداق جىق بوغۇزلىدىڭ، ئەمدى تۇخۇمنى سەن تۇغامسەن؟» دېسە، سەن شۇنداق دېگەنغۇ دەيدىغان، بازاردا ساتارمەن بىلەن 50 چارەك ئاشلىقنىڭ نەقىنى دېيىشىپ كەم بەردىڭ دەپ سوقۇشىدىغانغا ئوخشاش ئەھۋاللار كىلىپ چىققان، شۇ سەۋەبتىن پۈتكۈل ئەلنىڭ تىنچلىقى بۇزۇلغان ۋە «1 نى بىر دەيتمىز» دىن كىيىن ۋەزىيەت يەنە تىز ئەسلىگە كەلگەن. ھازىرمۇ ئەتراپىمىزدا بۇ ئويۇن يەنە ئەدەپ قالدىمۇ- قانداق؟ كۈزۈتۈپ بېقىڭ.


ياقتۇرغان بولسڭىز باشقىلارغا يوللاپ قۇيۇڭ

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读2.3k
粉丝0
内容662