大数跨境

توردىشى بىلەن ھېسسىيات توقۇنۇشى يۈز بەرگەن ئەر.................

توردىشى بىلەن ھېسسىيات توقۇنۇشى يۈز بەرگەن ئەر................. dastur
2015-12-14
2
导读:جۇڭگو ئاخبارات تورى جۇڭشەن 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىر


جۇڭگو ئاخبارات تورى جۇڭشەن 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ 13-چىسلا جۇڭشەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە 11-چىسلا سائەت 21 ئەتراپىدا مەزكۇر شەھەردىكى بىر ئولتۇاق رايوندا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر نەپەر ئەر پىچاق بىلەن بىر جۈپ قۇرامىغا يەتمىگەن ئاچا-ئىنىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

دېلو يۈز بەرگەندىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى ساقچىلار تېزلىكتە قولغا ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 3 دە ساقچىلار شياۋلەن بازىرى شاكۇدېلەي كەنتى ئەتراپىدا 46 ياشلىق خۇنەنلىك جىنايەت گۇماندارى ۋۇنى قولغا ئالغان.

دەسلەپكى قەدەمدىكى سوراقتا ۋۇ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار 14 ياشلىق قىز چېنxxلىڭ بىلەن 11 ياشلىق ئوغۇل چېن xx بىڭ ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ دېيىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ شياۋلەن بازىرىدا تۇرۇۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولغان بولۇپ، ۋېلىسىپىت رېمونت قىلىپ جان كەچۈرىدىكەن. ۋەقەدىن كېيىن قازا قىلغۇچىنىڭ تاغىسى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. جىنايەت گۇماندارى ۋۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھاممىسىنىڭ توردىشى بولۇپ، ھېسسىيات جەھەتتە توقۇنۇش يۈز بەرگەچكە ئىككى بالىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆچىنى ئالغان.


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662