大数跨境

يانفون ئويناپ تۇرۇپ بالا ئېمىتمەڭ

يانفون ئويناپ تۇرۇپ بالا ئېمىتمەڭ dastur
2016-02-12
0
导读:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە ئ


 


ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئانا بالىسىنى ئېمىتىۋېتىپ يانفون ئوينىغاندا بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ نورمال يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن، نەتىجىدە كېيىنكى مەزگىللىرىدە كەيپىياتى بىنورمالسىزلىشىپ، قۇرداشلىرى بىلەن بىللە ئويناشنى خالىمايدىغان ۋە ئاسانلا خۇشاللىق تاپالمايدىغان پىسخىك ھالەت شەكىللىنىپ قالىدىكەن.

بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئانىلار بالىسىنى ئېمىتكەندە بىر قىسىم ئىشلار سەۋەبىدىن تېلېفوندا سۆزلىشىشكە، ئۇچۇر يوللاشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. قارىماققا بۇ كىچىك ئىشتەك، ئانچە چوڭ زىيىنى يوقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، لېكىن بۇ ھەرىكەتلەر بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، كەيپىيات توسالغۇسىنىڭ يۈز بېرىشى گېن ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئامىلىغا، بولۇپمۇ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان يېتىلىش باسقۇچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئانىنىڭ بالىسىنى بېقىش جەريانىدىكى ئۆزىنى بېغىشلاش دەرىجىسى، بالىسىنىڭ بالاغەتكە يېتىش دەۋرىدىكى ئىش ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە يانفون ئويناشنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئەكس تەسىرىمۇ ئوخشاشلا يامان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار ياش ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جەريانىدا يانفوننى ئېتىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلدى. بۇنداق بولغاندا ئېنىقسىز ناچار تەسىرلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى ئازايتىپ، بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى دوپامىن رېتسېپتورىنىڭ خوشال مۇھىتتا ياخشى يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662