大数跨境

تۇخۇم ئېقى بىلەن سېرىقىنىڭ قايسىسى بەكرەك قۇۋۋەتلىك

تۇخۇم ئېقى بىلەن سېرىقىنىڭ قايسىسى بەكرەك قۇۋۋەتلىك dastur
2015-12-20
4
导读:1. تۇخۇم ئېقى بىلەن سېرىقىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە


1. تۇخۇم ئېقى بىلەن سېرىقىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قىممىتى،رولى بار بىراق ئوزۇقلۇق تەركىبىدە چوڭ پەرىق بار. تۇخۇم ئېقىدا %90 سۇ تەركىب بولغاندىن باشقا يەنە، %10 ئاقسىل بار. بىراق بۇ ئازغىنە ئاقسىلغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلدىن قالسىلا ئانا سۈتى ئادەم بەدىنىگە ئەڭ پايدىلىق بولۇپ، بارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلغا سېلىشتۇرغاندا تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ.

2. تۇخۇم ئېقىغا سېلىشتۇرغاندا، تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مۇرەككەپ بولىدۇ. تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى بارلىق ماي تۇخۇم سېرىقىدا بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ماي كىسلاتاسى ھەمدە تەركىبىدە زەيتۇن مېيىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى يەنى ماي كىسلاتاسى بولغاچقا يۈرەك كېسىەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋىتامىنE,K,D,A، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مېنرال ماددىلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇخۇم سېرىقىدا بولۇپ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرىلىشى بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ بىراق گۆش يېسە بولمايدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق. تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ئىنتايىن مۇھىم ماددا ـ لېتسىتىن، چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. تۇخۇم سېرىقىنىڭ رەڭگىنىڭ بىر ئوزۇقلۇق مەخپىيىتى بولۇپ، ئېغىز جاۋغايلىرىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تۇخۇمنىڭ سېرىقىنىڭ رەڭگى قانچە قېنىق بولسا، ۋىتامىن تەركىبى شۇنچە يۇقىرى بولغان بولىدۇ.

3. بەزى كىشىلەر تۇخۇم سېرىقىدىكى خولېستېرىندىن بەك قورقىدۇ، بىراق قورقۇش ھاجەتسىز. ئەگەر ياشانغانلارنىڭ قان زەردابىدىكى خولېستىرون بەك تۆۋەن بولسا، ئېممۇنىت كۈچىنىڭ زىيادە تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇرىنىڭ ئىقتىىدارىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ساغلام كىشىلەر كۈنىگە بىر، ئىككى تۇخۇم سېرىقى يەپ بەرسە بەدەنگە ئىنتايىن پايدىلىق، بىراق قاندا ماي يۇقىرى كىشىلەر كۈندە تۇخۇم سېرىقىنىڭ يېرىمىنى يىسە مۇۋاپىق.

نادىر تېملار بۇ يەردە





【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读2.3k
粉丝0
内容662