

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ

30-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋستىرالىيە ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىكى تىكىپ پەرۋىش قىلغىلى ئون يىل بولغان ئىككى مېتىر ئېگىزلىكىدىكى خنياڭيۇسى گۈلى ئاخىرى ئېچىلغان. بۇ خىل گۈلنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى پەقەت 48 سائەت بولۇپ، ئون يىلدىن بىرى تۇنجى قېتىم ئېچىلغاچقا، قىسقىغىنە ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئون مىڭدىن ئارتۇق زىيارەتچىنى جەلپ قىلغان. بۇ خىل گۈلدىن كىشى چىداپ تۇرالمىغۇدەك چىرىگەن گۆشنىڭ سېسىق پۇرىقى چىقىپ تۇرغاچقا، كىشلەر بۇ خىل گۈلنى يەنە «جەسەت گۈل» دەپمۇ ئاتىغان




