大数跨境

خارۋات ئۇنۋىرستىتىنىڭ تېمىغا يېزىلغان خەتلەر...!

خارۋات ئۇنۋىرستىتىنىڭ تېمىغا يېزىلغان خەتلەر...! dastur
2016-01-03
4
导读:...1. ھازىر ئۇخلىسىڭىز چۈش كۆرىسىز، ھازىر كىتاب كۆرسىڭ

...

1. ھازىر ئۇخلىسىڭىز چۈش كۆرىسىز، ھازىر كىتاب كۆرسىڭىز چۈشىڭىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايسىز.

2.. سىز بىكار ئۆتكۈزىۋەتكەن بۈگۈن ـــــــ تۈنۈگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى.

3. بەزى ئىشلاردا كېچىكىپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىز شۇ ئىشنىڭ دەل ۋاقتى-سائىتىدۇر.

4. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ.

5. ئۆگىنىش قىلغاندىكى ئازاب ۋاقىتلىق، ئۆگىنەلمىگەندىكى ئازاب بولسا ئۆمۈرلۈك.

6. ئۆگىنىشتە ۋاقىت كەمچىلىك قىلمايدۇ، كەم بولغىنى تىرىشچانلىق.

7. بەخت دەرىجىگە تىزىلمايدۇ ئەمما مۇۋەپپىقىيەت دەرىجىگە تىزىلماي قالمايدۇ

8. ئۆگىنىش ھاياتنىڭ بارلىقى ئەمەس، بىراق ھاياتنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۆگىنىشنىمۇ باش ئەگدۈرەلمىگەن ئادەمنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كەلمەكچى ئىدى؟

9. ساقلانغىلى بولمايدىغان ئازابتىن ھوزۇرلىنىڭ!

10.باشقىلاردىن بۇرۇن، باشقىلاردىن بەكرەك تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز مۇۋەپپىقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىماي قالمايسىز.

11. ھېچكىم مۇنداقلا ئۇتۇق قازىنىپ قالغان ئەمەس، ئۇ ئۈزۈل-كېسىل ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە مۇستەھكەم ئىرادىدىن كەلگەن.

12. ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ.

13. بۈگۈن ئاققان شالۋاقلىرىڭىز ئەتىدە كۆز يېشىڭىزغا ئايلانغۇسى.

14. ئىتتەك ئۆگىنىپ، ئاقسۆڭەكتەك ئويناڭ.

15. بۈگۈن ماڭمىسىڭىز، ئەتە يۈگۈرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

16. كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغان ئادەم، رېئاللىققا سادىق ئادەمدۇر.

17. تەربىيىلىنىش دەرىجىسى كىرىمگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ.

18. بىر كۈن ئۆتۈپ كەتسە قايتىپ كەلمەيدۇ.

19. ھازىرنىڭ ئۆزىدە رەقىبىڭىزنىڭ قوللىرى توختىماي كىتاب ۋاراقلاۋاتىدۇ.

20. جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق.

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662