
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

چاچقا پايدىلىق يېمەكلىك بۇغداي. بۇغداي بىئوتېننىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى بولۇپ، چاچ ئاقىرىش، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چاچنى پارقىراق، ساغلام قىلىدۇ.
كۆزگە پايدىلىق يېمەكلىك تاتلىقياڭيۇ. تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە ۋىتامىنA مول بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، نامازشام قارىغۇسى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۆپكىگە پايدىلىق يېمەكلىك شوخلا ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق شوخلا ئىستېمال قىلسا، نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
تېرىگە پايدىلىق يېمەكلىك چاقما كاۋا. چاقما كاۋا تەركىبىدىكى ۋىتامىنA ئۇل ھۈجەيرە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى%70 ئازايتىدۇ.
يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدىغان يېمەكلىك دۇفۇ. دۇفۇ تەركىبىدىكى ماگنىي قان قېتىشىش ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئاشقازانغا پايدىلىق يېمەكلىك سامساق. چەت ئەللىكلەرنىڭ تەتقىقات مەلۇم بولۇشىچە، يېمەكلىككە سامساقنى دائىم ئارىلاشتۇرۇپ يېگەن كىشلەرنىڭ ئاشقازان راكى بولۇش نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىكەن.
پۇت بارماقلىرىغا پايدىلىق يېمەكلىك مۇقاتىل. مۇقاتىل تەركىبىدە ۋىتامىنلار تولۇق بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىر رولى تىرناقنى ساغلام ئۆستۈرۈشتۇر.

