大数跨境

قىزلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ھەرىكەتلەر

قىزلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ھەرىكەتلەر dastur
2015-12-19
6
导读:1. چېنىقىش، كىتاب ئوقۇش. كۆپىنچە قىز خىزمەت ۋە تۇرمۇش


1. چېنىقىش، كىتاب ئوقۇش. كۆپىنچە قىز خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى تۈپەيلى كىتابخانىغا، چېنىقىش كۇلۇبىغا بېرىشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. بەزىدە بېسىمنى كىشىلەر مەجبۇرىي شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ، شۇنداق چاغلاردا تۇرمۇش ئادىتىڭىزگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا كىتابخانا بىلەن چېنىقىش كۇلۇبلىرىغا بېرىپ كىتاب ئوقۇش، چېنىقىشقا ئادەتلىنىشىڭىز كېرەك. بۇ ئادەت ئىزچىل داۋاملاشسا، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە يەنىمۇ ساغلام بولالايسىز. 2. مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ئېڭى ھەمدە قابىلىيەت يېتىلدۈرۈش.قىزلاردا مەسئۇلىيەت بىلەن مەجبۇرىيەت ئېڭى يېتىلسە، سەمىمىي بولىدۇ، قابىلىيىتىنى نامايان قىلالىسۇن-قىلالمىسۇن، ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇۋېرىدۇ. قابىلىيەتلىك بولۇپ، باشقىلارغا سەمىمىي بولمىسا، جەمئىيەتتىن، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن شاللىنىپ قالىدۇ.3. زىيان تارتىش، جاپا چېكىشكە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىش. ئەقىللىق قىز زىيان تارتقانسېرى شۇنچە ئەقىللىقلىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى تۇنجى يىگىتىنىڭ تاشلىۋېتىشىگە ئۇچراش قىزلارنىڭ ئىككىنچى قېتىمدا بەختىنى تېپىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، چۈنكى تۇنجى يىگىتى مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلىدە ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كېيىنكى بەختىنى تېپىش مۇساپىسىدە مېغىزىنى ئايرىۋېلىپ، شاكىلىنى تاشلىۋېتىدۇ.4. كەيپىياتىنى ھەر ۋاقىت ياخشى ساقلاش، قىزلار خۇشال يۈرۈشكە ئادەتلىنىشى كېرەك، چۈنكى قىزلارنىڭ جەلپكارلىقى سىرلىقىلىقى بىلەن تەبئىي جىلۋىلەنگەن تەبەسسۇمىغا مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ.5. ساغلاملىقنىڭ مەخپىيىتى ئەتىگەندە، ئۇتۇق قازىنىشنىڭ كەچتە. قىزلار ئەتىگەندە بەدەن چېنىقتۇرۇشى، كەچتە كىتاب ئوقۇشى، تۇرمۇش بىلىملىرى، ئېقىم مەسىللىرىنى تەپەككۇر قىلىشى كېرەك، چۈنكى بوش ۋاقىت بىر كىشىنى ئۇتۇق قازاندۇرسا، يەنە بىر كىشىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.6. ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش. ناپالېئون شۇنداق دېگەن: ئىدىيە قورالى قېلىچتىنمۇ كۈچلۈك. كۆزىتىش، تەپەككۇر قىلىش، ھېس قىلىش ھەر بىر كىشىدە ئەكس ئېتىدىكەن، تۇرمۇش ئاندىن رەڭدار بولىدۇ. 7. ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش. ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى ئادەتتە %3تىن %5گىچە جارى قىلدۇرۇلىدىكەن. يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەڭ زور چەكتە جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ جاپالارغا بەرداشلىق بېرىش روھى بولۇش كېرەك ئىكەن.8. ئارزۇ ۋە كۈچلۈك ئىرادە بولۇش. گۈزەل كېلەچەك ئارزۇ ئاساسىدا نامايان بولىدۇ، كۈچلۈك ئىرادە شۇ ئارزۇنىڭ كاپىتالى. مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读2.3k
粉丝0
内容662