大数跨境

مارالبېشىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئالتە كىشى قازا قىلدى

مارالبېشىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئالتە كىشى قازا قىلدى dastur
2015-12-22
0
导读:ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 21-دېكابىر سائەت 10:55 لەر



ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 21-دېكابىر سائەت 10:55 لەردە، 33 كىشى ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆلكە يولى 215-لىنىيەسىنىڭ مارالبېشى-يەكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئاچال يول ئېغىزى بۆلىكىگە كەلگەندە، بىر يۈك ماشىنىسى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، ئالتە كىشى قازا قىلىپ، 24 كىشى يارىلانغان.

مۇخبىرنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى سائەت 1:55 لەردە، بۇ ئەترەت ۋەقە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئىككى ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ بەش قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە 23 قۇتقۇزۇش خادىمىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن.

نەق مەيداندا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن بىر يۈك ماشىنىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. قۇتقۇزۇش خادىملىرى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق يۈك ماشىنىسىدا پەقەت شوپۇرنىڭلار بارلىقىنى، يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا 33 يولۇچى بارلىقىنى، ئىچىدە يەنە بەش كىشىنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىنى بىلگەن. ئىككى سائەتتىن كېيىن، قاپسىلىپ قالغانلار قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيداندىن بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئىككىيلەننىڭ نەق مەيداندا قازا قىلغانلىقىنى، تۆتەيلەننىڭ دوختۇرغا ئېلىش بېرىلىش جەريانىدا قازا قىلغانلىقىنى ئىگىلىگەن. يەنە، يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدىكى 24 يولۇچىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

نۆۋەتتە، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662