
يىگىرمە يېشىدا باش لىدىر بولغان قىزئەسلىد
ە مۇشۇنداق قىلىپتىكەن
ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۆيدە ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق تېلېۋىزور كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئايلىق مائاشى 2000 يۈەندىن ئاشمايدىغان تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەردۇر. ئەگەر 2000يۈەندىن يۇقىرى مائاش ئېلىشنى ئويلىسىڭىز ۋاقتىڭىزنى بىھۇدە ئىشلارغا ئىسراپ قىلماڭ.
30ياشتىن ئاشقاندا ئىگىلىك تىكلەيمەن دەپ ۋاقتىڭىزنى، ياشلىقىڭىزنى سەرپ قىلىۋەتمەڭ، ئادەمدە نىيەت ۋە غەيرەتلا بولىدىكەن 20ياشتىمۇ غەلبە قازانغىلى بولىدۇ.
ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن مەبلەغ يوق
دەپ باھانە كۆرسەتمەڭ. باھانە ئىزدىمەي ئۇسۇل چارە ئىزدەڭ.ئىككى قولىڭىزغا ئىشەنسىڭىزلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش مەجۇت ئەمەس.
ئاز سۆزلەڭ، كۆپ ئاڭلاڭ. چۈنكى بىز يارىلىشىمىزدىنلا بىر ئېغىز ئىككى قۇلاق بىلەن يارالغان، بۇ دەل ئاز سۆزلەش كۆپ ئاڭلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنىڭ ماھىيەتلىك مىسالى.
تېز سۈرئەتتە نام چىقىرىش، داڭق قازىنىشنى ئويلىغان ئادەم ئىنتايىن تېز باش كۆتۈرۈپ ئىنتايىن تېز دومىلاپ چۈشىدۇ. قانچە ئېگىزگە ياماشقانسېرى شۇنچە ئېگىز يەردىن دومىلاپ چۈشىدۇ.
مەغلۇب بولغاندا مەيۈسلەنمەڭ. مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى. مەغلۇبىيەت ھامان بىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
ئىقتىدار≠مۇۋپپەقىيەت.
مۇقىم بىر نىشان بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەڭ.





