
تەرجىماندىن:
ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەقىل كۆزىنى قاماشتۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەجداتلىرىمىزنىڭ خوتەن قاشلىرىنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكىنى،باشقا ئەل خەلقلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە ھېرىسمەن ئىكەنلىكنى بىلىۋېلىش تەس بولمىسا كېرەك.تېخى يېقىنقى زامانلارغىچە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەتكەن خوتەن قاشلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىز بىلەن نېمە سەۋەبتىن مۇنچە ياتلىشىپ كەتكەنلىكى ئىزدىنىش،تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىدۇر!

خوتەن قاشلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى رولى دۆلىتىمىزنىڭ خەنزۇ تىبابىتىدىكى بۈيۈك ئەسىرى ‹‹خاسىيەتلىك دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى››(神农本草)ۋە ‹‹دورا ئۆسۈملىكلىرى تىزمىسى››(本草纲目)دا تۆۋەندىكىدەك خاتىرلەنگەن.
خوتەن قاشلىرى-قىزىتمىنى قايتۇرۇپ،ئۇسسۇزلىقنى باسىدۇ.ئۆپكىنى سىلىقلاپ ئاۋازنى ياڭراق قىلىدۇ.چاچنى پارقىرىتىدۇ.بەش ئەزانى كۈچلەندۈرىدۈ.مۇسكۇل،ئۇستىخانلارنى چىڭىتىدۇ.نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ،قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.كۆرۈش،ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
دۆلىتىمىزدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن پادىشاھلاردىن -ۋۇ زېتىيەن،كاڭ شى،چىيەن لوڭ،سىشى تەيخۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قاش ئويما بۇيۇملارنى ئىشلەتكەن.مەسىلەن:قاش ياستۇق،قاش ئىستاكان، قاش ئاسقۇ ۋە بىلەيزۈك قاتارلىقلار....
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزدە خوتەن قاشلىرىغا بولغان تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ خوتەن قاشلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى ئىلمى رولى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاندى.

1.ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە خوتەن قاشلىرى تەركىبىدە مىس،سىنىك،ماگىنىي،سېلىن،خېرۇم،مانگان،كۇبالىت قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ئىلمىنىتلار مول بولۇپ داۋاملىق قاش بۇيۇملارنى ئىشلەتكەندە يۇقارقى ماددىلار تېرە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە شۈمۈرۈلۈپ ئورگانىزىملارنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدىكەن.

2.قاشلارنىڭ ئىسىقلىقنى شۈمۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈش بولۇش ۋە ئىسسىقلىق رېئاكسىيە تارقىتىشتەك فىزىيكىلىق ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ،بۇ ئارقىلىق قاندىكى ئوكسىنىتنىڭ سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.قاندىكى پىرمىنىتنىڭ بۇزۇلىشىنى قوغداپ ھەم قان ھەرىكىتىنى ئەڭ ياخشى ساقلاپ ماددا ئاملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ بەدەننىڭ فىزولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
3.سېپىكتىرلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە خوتەن قاشلىرى تەركىبىدىكى ئالاھىدە دانىچە قۇرۇلما ئادەم بەدىنى قۇبۇل قىلالايدىغان ئىمپىرا قىزىل نۇرلۇق ئىلىكتىرو ماگىنىت تارقىتىدۇ.بۇ خىل ئېلىكتىرو ماگىنىت دولقۇنى 8-15 مىكرو مىتىر بولۇپ ئادەم بەدىنى تارقاتقان ئىمپىرا قىزىل نۇرلۇق ئېلىكتىرو ماگىنىت دولقۇنى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى پايدىلىق.بۇ ھال قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ ئادەم بەدىنىدە مىكروپ ئۆلتۈرۈش يېڭى ھۈجەيرە پەيدا قىلىش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئويناپ كېسەللەرنى ھەيدەپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.
4.كىلىنكىلىق تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە خوتەن قاشلىرى ئادەم بەدىنىدىكى-يۇقىرى قان بېسىم،نېرۋا ئاجىزلىقى،مېڭە قان تۇمۇرى تۇسۇلۇش،ئارتىرىيە تۇمۇرلىرى قېتىشىش قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللەرگە ئالاھىدە مەنپەت قىلىدۇ.بۇلۇپمۇ،بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ئەركلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش،قاننى كۈچلەندۈرۈش،چىرايدىكى قۇرۇق-داغلارنى يوقىتىش جەھەتتە 98% يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە.
داۋاملىق خوتەن قاش بۇيۇملىرىنى ئېسىپ يۈرگەندە ياكى قولدا سىلاپ ئوينىغاندا قولدىكى ئۈگە-پەللىلەر ئارقىلىق بەدەندىكى ئىچكى ئەزالارغا تەسىر قىلىپ ئىمونت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.
قولغا دائىم بىلەيزۈك سېلىپ يۈرگەندە بەدەننى ئۇۋىلاش رولىنى ئويناپلا قالماستىن قېرىلاردىكى دېۋەڭلىك،كۈرۈش قابىلىيىتى ئاجىزلاش قاتارلىقلارغا رەشەن مەنپەئەت قىلىدۇ.ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ.
خوتەن قاشلىرىدىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى رولى ۋە ئۇنى ئىشلەتكەن چاغدىكى روھى ھالەت بىلەن باشقا زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن چاغدىكى ئەھۋال روشەن پەرىقلىق بولۇپ قاشتېشى بۇيۇملىرىدىكى ئەۋزەللىك بىلەن بۇلارنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
مەنبە: قاشتېشى دۇنياسى ئىلىكتۇرۇنلۇق ژۇرنىلى 2-ساندىن تەرجىمە قىلىندى ھەم تو2008-يىلى رداشلارغا قۇلاي بۇلۇشى ئۈچۈن ئەسلى تېكىستى قۇشۇمچە قىلى.

