
گۆش يىسە قان بېسىمىغا زادى قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا 60ياشتىن ھالقىپغان قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە مېۋە چېۋە،دانلىق زىرائەت،تۆۋەن ئاقسىللىق سۈت مەھسۇلاتلىرى،قۇش ۋە بېلىق گۆشى؛ يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە مېۋە-چېۋە، دانلىق زىرائەت ۋە تۆۋەن ئاقسىللىق سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئورۇق ھايۋان گۆشى بەردى، ئۇلار بۇ خىل تاماقلىنىش ئادىتىنى ئالتە ھەپتە داۋام قىلدى، نەتىجىدە، ھەر ئىككى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ قان بېسىمى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، بىراق يېمەكلىكلەرنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىدە زور پەرق كۆرۈلمىدى. مۇتەخەسسىسلەر ئاخىرىدا مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى: پەقەت قۇش ۋە بېلىق گۆشىنى يېيىش بەدەن قوبۇل قىلىدىغان يېمەكلىك تالاسىنىڭ مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئەمما يېمەكلىك تالاسى ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشتە ھالقىلىق ئامىل ئورۇق ۋە پىششىقلانىمىغان گۆش بەدەننى يېمەكلىك تالاسى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم مەنبە، بۇ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇدىكى، ئورۇق گۆشنى مۇۋاپىق يەپ بېرىشمۇ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئوزۇقلۇق. بىراق گۆش بەك كۆپ بولسىمۇ بولمايدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى كۈندە يېيىلىدىغان گۆش 85 گرامدىن ئېشىپ كەتمىسە، گۆشىنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.
تەييارلىغۇچى:مۇتەللىپجان دوختۇر (سەركە) تىببى شىپاگەر ئۇيغۇرتىبابەتچىلىك شىپاخانسى



