大数跨境

ئھتىياجىڭىز بولسا ئېلىڭ ئھتياجىڭىز بولمىسائېسىڭ كورلىدا

ئھتىياجىڭىز بولسا ئېلىڭ ئھتياجىڭىز بولمىسائېسىڭ كورلىدا dastur
2016-01-22
4
导读: چوڭ بازاردىكى فىلورىيە توي شەھەرچىسى ئالدىدا ئۈندىدا

 


چوڭ بازاردىكى  فىلورىيە توي شەھەرچىسى ئالدىدا 

ئۈندىداردا تارقالغان تۈركىيەنىڭ «ئېھتىياجىڭ بولسا ئال، بولمىسا ئاس» ناملىق سۈرىتى بىزنىڭ تالاي يېزا، ناھىيە شەھەرلىرىمىزدە ئۆز ئورنىنى تېپىشىغا تېز سۈرئەتتە ئىلھام بولدى؛
بەدىنى كۆيگەن قېرىندىشىمىزنى تېرە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ھەقسىز داۋالاشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ لىمفا راكى بولغان خالىد بالىمىزغا يىغىلغان ئىئانە ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتتى؛
مېھىر تاماقلىرى ئاشخانىلاردا يولغا قويۇلۇشى بىلەنلا باشقىلار ئۈچۈن پۇل تۆلەپ قويۇلغان تاماق ۋاراقچىسى تاختىنى تولدۇرۇۋەتتى... ياشلىق ئاۋازىم بىلەن: «قېنى ئۇيغۇرنىڭ ئىللىتىگە ئېسىلىۋالغانلار؟ ئۇيغۇرنىڭ ئاپئاق كۆڭلىنى، يۇمشاق دىلىنى، ئېرىپ تۇرىدىغان قەلبىنى كۆرمەيۋاتامسىلەر؟!» دېگۈم كەلدى...
ئوقۇيالمىغان ئاتىلار باي بولۇپ نامرات ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يانچۇقىنى ئېچىۋاتىدۇ؛ بىرىمىزنىڭ جىسمى ئاغرىسا پۈتۈن ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى ئاغرىپ، ئېچىشىپ قوللار ھەرىكەتكە كېلىۋاتىدۇ؛ ساخاۋەت داستىخانلىرى «ئېچىلىڭ، داستىخىنىم» بولۇپ ئېچىلىۋاتىدۇ؛ ئىلىم ئىگىلىرىگە بىر ھاردۇق چاي بېرىش ئۈچۈن بايلىرىمىز تالىشىۋاتىدۇ؛ بېشىغا دەرت چۈشكەنلەرنىڭ غېمى ئۈچۈن ھېچبولمىسا بارماقلار ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ....
گۈزەل ئەنئەنە، گۈزەل مەدەنىيەت مىللەتتە ساقلانغان بولىدۇ. گۈزەل ئۇدۇملار داۋاملاشسۇن، ئىللەت ئۆزىمىزدە تۈزەلسۇن. 
مەنبە:دوستلار چەمبىرىكىدىن
بۇئەسەرسىزگە يارىدىمۇ ئۇنداق بولسا دوستلار چەمبىرىگە يوللاپ قۇيۇشنى


ئۇنۇتماڭ

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读4.3k
粉丝0
内容662