
بەدەندە مەسىلە كۆرۈلگەندە قۇلاقتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىمۇ ئىنكاس كۆرۈنىدىكەن، مەسىلەن: قۇلاق قىزىرىپ ئىششىپ كەتسە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلىقنىڭ ئالامىتى، قۇلاق قۇرغاقلىشىپ پارقىراقلىقى يوقالسا بۆرەككە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ ئالامىتى، قۇلاق ئاقىرىپ قالسا بۇ پۇت قول مۇزلىغانلىقنىڭ ئالامىتى. قۇلاقنى ئۇرۇش ئارقىلىق كىچىك كېسەللەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ: چىش مىلىكى ئاغرىسا، قۇلاق يۇمشىقىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ؛ ھېق تۇتۇپ قالغاندا قۇلاق ئۈستۈنكى ئويمىنىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ھېق تۇتۇش توختايدۇ؛ ئۇيقۇ ياخشى بولمىسا قۇلاقنىڭ ئاستى، ئۈستى ئويمىنىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە،ئۇيقۇ سۈپىتى ئەسلىگە كېلىدىكەن.




