


بىر ئايال مۇنداق ئۆتۈندى:
- بىزگە ئازاب - ئوقۇبەت ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى:
- سېنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىڭ سېنىڭ بىلىملىرىڭنى ئوراپ تۇرغان شاكاللىرىڭنىڭ يېرىلىشىدۇر. مېۋە ئۇرۇقچىلىرىمۇ يېرىلىدۇ، ئۇنىڭ مېغىزلىرى قۇياش نۇرىدا ئاشكارىلىنىدۇ، شۇڭا سىلەرمۇ ئازاب - ئوقۇبەتنى بىلىشىڭلار زۆرۈر.
ئەگەر سەن كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ خاسىيەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، ئۇنداقتا ئازاب - ئۇقۇبەتلىرىڭنىڭ خاسىيتىمۇ شادلىقتىن تۆۋەن تۇرمايدۇ.
سەن خۇددى تەبىئەتنىڭ تۆت پەسلىنى قوبۇل قىلغاندەك، قەلبىڭنىڭ تۆت پەسلىنى قوبۇل قىلغىن.
سەن قەلبىڭدىكى زىمىستاننى جىمجىت ئۆتكۈزگىن.
نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى سەن ئۆزۈڭ تاللىۋالغان.
ئۇلارسېنىڭ جىسمىڭدىكى تېۋىپ، كېسەللىك تەگكەن ئەزايىڭغا شىپا ئاچچىق دورا.
سەن ئۇ تىۋېپقا ئىشەنگىن، ئۇنىڭ دورىسىنى ئۈن - تىنسىز يېگىن.
تېۋىپنىڭ قوللىرى گەرچە قاتتىق ھەم قوپال بولسىمۇ، ئەمما مېھرىبان بىر قول ئۇنى يېتەكلەيدۇ.
ئۇ تېۋىپ ئېلىپ كەلگەن دورا قاچىسى گەرچە لېۋىڭلارنى كۆيدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قاچىنى كۇلالىچى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كۆز ياشلىرى بىلەن يۇغۇرغان ۋە ئوتتا پىشۇرغان.


