
ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
قارا شېكەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ ، تەركىبىدە ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان رىبوفلاۋىن ، كاروتىن ، ۋىتامىن ، نىكوتىن كىسلاتاسى ۋە كالىتسىي ، سېنىك ، تۆمۈر قاتارلىق نۇرغۇن مېكرو ئېلمېنىتلار بار . قارا شىكەر تەركىبىدىكى كالتسىي ، تۆمۈر ماددىلىرى ئاق شېكەرنىڭكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە يۇقىرى بولۇپ ، كالىي ، ماگنىي ، سىنىك ، ناترىي ، سېلىن قاتارلىق ماددىلارمۇ ئىنتايىن مول . بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار ھامىلدار ئاياللار ، تۇغۇتلۇق ئاياللار ، بالىلارغا ئالاھىدە پايدىلىق . تېنى ئاجىز ، ھەيىز مەزگىلىدە ئاسان توڭلايدىغان ، توق قىزىل رەڭدە قان ئارىلاش خۇن كېلىدىغانلار قارا شېكەرنى چىلان بىلەن بىرگە قاينىتىپ ئىچسە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
تېنى ئاجىز ياكى تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر ئىچىپ بەرسە ، بەدەنگە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپىيىپ ، قان تولۇقلاپ روھنى ئۇرغۇتىدۇ ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، مۇسكۇللارنى چىڭىتىدۇ.
تۇغۇتلۇق ئاياللار قارا شېكەرنى كۆپ ئىچىپ بەرسە بالياتقۇنىڭ تارىيىشىغا ، بالىياتقۇدىكى قالدۇقلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا ، تۇغۇتتىن كېيىن ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق . بالىلار قارا شېكەرنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە ئىشتىھاسىنى ئېچىپ ، زۆرۇر بولغان كالىتسىي ، سېنىك ، تۆمۈر ھەمدە رىبوفلاۋىن قاتارلىق ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلايدۇ.
قارا شېكەر تەركىبىدە گەرچە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدە ئارلاشما ماددىلار كۆپ بولغاچقا ، بىۋاستە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ ، شۇڭا ئۇنى قاينىتىپ ئىچىش كېرەك . ئادەتتە ئائىللەردە شوۋىگۈرۈچ پىشۇرغاندا ئازىراق قارا شېكەر ئارلاشتۇرۋەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

新疆代斯图尔国际贸易有限公司


