大数跨境

زەنجىۋىل سۈيىنىڭ مۇنداقمۇ شىپالىق رولى بارلىقىنى بىلۋېلىڭ

زەنجىۋىل سۈيىنىڭ  مۇنداقمۇ شىپالىق رولى بارلىقىنى بىلۋېلىڭ dastur
2018-08-19
3
导读:ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ网dasturبارماق ئىزىنى بىسىپ تۇر



ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

زەنجىۋىل سۈيىنىڭ رولىغا سەل قارىماڭ

زەنجىۋىلنىڭ تەبىئىيتى مۆتىدىل، بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەپ تەرلىتىدۇ، بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى توختىتىپ، ئاشقازاننى ئىللىتىپ، قۇسۇشنى توختىتىدۇ. زەنجىۋىلنى قانداق يېگەندە ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟


چىلان زەنجىۋىل سۈيى

چىلاننىڭ تەبىئىيتى مۆتىدىل بولۇپ، قان تولۇقلاپ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە؛ زەنجىۋىلنىڭمۇ تەبىئىيتى مۆتىدىل بولۇپ، يۆتەلنى توختىتىپ، بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەش رولىغا ئىگە. ئىككىسى بىرلەشكەندە زەنجىۋىلنىڭ رولى تولۇق جارى بولۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول-پۇت مۇزلاش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقىغىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.

قارا شېكەر زەنجىۋىل سۈيى

قارا شېكەرنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش رولى بولۇپ، زەنجىۋىل سۈيىگە قوشقاندا، بەدەندىكى ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، شامالداراشتىن بولغان زۇكامنى داۋالايدۇ. زەنجىۋىل قارا شېكەر سۈيى پەقەت سوغۇقتىن بولغان زۇكام ياكى يامغۇردا قالغاندىكى ئاشقازاننىڭ سوغۇقلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا ياكى ئىسسىق زۇكام بولغاندا ئىچمەسلىك كېرەك.


يېشىل چاي زەنجىۋىل سۈيى

يېڭى سىقىلغان زەنجىۋىل سۈيى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بولۇپمۇ ئىسسىقنى ئېلىپ، زەھەر ھەيدەيدىغان، ئىچسە كىشىگە راھەت بېغىشلايدىغان يېشىل چاي بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، ئۈنۈمى تېخىمۇ قالتىس بولىدۇ. يېشىل چاي ۋە زەنجىۋىلدىن بەش گرامنى ئېلىپ، سۇدا ئون مىنۇت ئەتراپىدا قايناتسىلا كۇپايە.

تۇز، ئاچچىقسۇ زەنجىۋىل سۈيى

تومۇز ياز كۈنلىرى كۆپىنچە كىشىلەر «ھاۋا تەڭشىگۈچ كېسىلى»گە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ، مۆرە ۋە بېلى شامال، سوغۇق ۋە نەملىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلار ئاسانلا مۆرە ئەتراپى ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، زەنجىۋىل سۈيى قاينىتىپ، ئۇنىڭغا ئازراق تۇز ۋە ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ئاندىن لۆڭگىنى چىلاپ سىقىپ ئېلىپ، ئاغرىغان جايغا تەكرار قويۇپ بەرگەندە، مۇسكۇللار بوشاپ، كېڭىيىپ، قان ئايلىنىش جانلىنىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.


بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇرۇپ سالوننى قۇشۇڭ




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读2.3k
粉丝0
内容662