


سۇنغان كۆڭۈل
بىرەيلەن ئۇستازدىن سوراپتۇ :
- ئۇستاز سىز بىرسىنى چىن دىلىڭىزدىن سۆيۈپ باققانمۇ ؟
-سۆيۈپ باققان
- ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ باققانمۇ ؟
- بېغىشلاپ باققان .
-ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈنلىرى ئۇيقۇدىن بىدار بولۇپ باققانمۇ ؟
- شۇنداق بولۇپ باققان .
- بىراق ، ئۇستاز ئۇ ھازىر يېنىمىزدا يوققۇ كۆڭلىڭىز ئۇسىز كۈنلەردە چۇقۇم سۇنغان بولغىيتتى .
- ئۇ كەتكەن كۈندىن باشلاپ ، كۆڭۈل دەرۋازىم ئېتىلىپ يۈرۈگۈم تىنىق ئېلىشتىن توختىغاندەك بولغان ئىدى توغرا مەن سۇنغان كۆڭۈلنىڭ ئىگىسى .
- ئۇستاز سۇنغان كۆڭۈل سۆيەمدۇ .
- سۆيىدۇ
- خوش ئۇستازىم سىز سۇنغان كۆڭۈلدە سۇ ئىچىپ باققانمۇ ؟
- ئۇنداقتا سەن ئىستاكاننى سۇنۇق ئىكەن دەپ سۇ ئىچىشتىن ۋاز كېچىپ باققانمۇ …

