



كېسەللىك سەۋەبى: سۇ چېچەك-بەلۋاغسىمان قوقاق ۋىرۇسى(VZV) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋىرۇس بىلەن ئىممۇنت كۈچى بولمىغان بالىلار تۇنجى قېتىم يۇقۇملانغاندا كلىنىكىدا سۇ چېچەك بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ ياكى يوشۇرۇن يۇقۇملىنىش بولۇپ قالىدۇ. كېيىن مەزكۇر ۋىرۇس سەزگۈ نېرۋا تۈگۈنىنىڭ نېۋرونى ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنت ئىقتىدار تۆۋەنلىگەندە جانلىنىپ ھەمدە ئەتراپ نېرۋا تالالىرىنى بويلاپ مەزكۇر روايوننىىڭ تېرىلىرىگە يۆتكىلىپ، بەلۋاغسىمان قوقاق يۈز بېرىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش، سىرتقى زەخىملىنىش، رادىئوئاكتىپ نۇرى بىلەن داۋالاش، دورا (ئېغىر مېتال تۈرىدىكىلەر) ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلار ئادەەت مەزكۇر كېسەلنىڭ قوزغاتقۇچىسى بولىدۇ. ساقايغاندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك ئىممۇنت پەيدا بولۇپ، ئىنتايىن ئاز قوزغىلىدۇ.
كلىنىك ئىپادىلىرى: ئەتىياز، كۈز پەسلىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. بىر قىسىم كېسەللەردە ئەسۋە چىقىشتىن 1~3 كۈن بۇرۇن يېنىك دەرىجىدە قىزىتما، يېقىمسىزلىنىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، يەرلىك ئورۇننىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ، كۆيۈپ قىزىش ياكى نېرۋا ئاغرىش قاتارلىق ئالدىنقى دەۋرلىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە دائىم قورساق جىددىي كېسەللىكلىرى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى ياكى قوۋۇرغا ئارىلىق نېرۋىسى ئاغرىش قاتارلىقلاردىن گۇمانلىنىپ خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ. نېرۋا ئاغرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ياكى ئۇنىڭدىن سەل كېيىنرەك كېسەللەنگەن ئورۇندا پارچە-پارچە قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ، كېيىن توپ-توپ دۆڭچە قاپارتقۇلار كۆرۈلۈپ، سۇلۇق قاپارتمىغا ئايلىنىدۇ. قاپارتما سۈيى سۈزۈك، دىۋارى چىڭقىلىپ مەرۋايىتتەك پارقىرايدۇ، تېگى ئازراق قىزىرىپ، تۆت ئەتراپى قىزىل چەمبەر بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. بەزىلىرىنىڭ مەركىزى كىندىكتەك ئازراق ئويمانلىشىدۇ. ئەسۋە بىر تەرەپ بويلاپ ئەتراپ نېرۋىسىغا تارقىلىپ بەلۋاغسىمان تىزىلىدۇ. بۇنىڭ ئالدى-كەينى ئادەتتە ئوتتۇرا سىزىقىدىن ئاشمايدۇ، توپلار ئارىسىدىكى تېرە نورمال بولىدۇ. يېقىن ئەتراپىدىكى لىمفا تۈگۈنلىرى ئىششىيدۇ ۋە باسقاندا ئاغرىيدۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قاپارتقۇنىڭ سۈيى قۇرۇپ قاقاچلىنىپ تەخمىنەن 2~4 ھەپتىدىن كېيىن ساقىيىپ كېتىدۇ. بىر قىسىم كېسەللەردە (بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلاردا) قوقاقتىن كېيىنكى نېرۋا ئاغرىش ئادەتتە ئالتە ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ.
ياشانغان، تېنى ئاجىز، ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ناچار ياكى ئۆسمە بولغان كېسەللەردە تىپىك بولمىغان تېرە زەخىملىنىشى ئاسان يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن: قانلىق قاپارتقۇ، گانگرېنا، يارا ياكى بىرىككەن چوڭ قاپارتقۇ قاتارلىقلار. بۇلار ئايرىم-ئايرىم قاناشلىق، گانگرېنالىق ياكى چوڭ قاپارتقۇلۇق بەلۋاغسىمان قوقاق دەپ ئاتىلىدۇ. پەقەت قىزىل داغ، دۆڭچە ئەسۋىلا بولۇپ، تىپىك سۇلۇق قاپارتقۇ بولمىغانلار تولۇق بولمىغان بەلۋاغسىمان قوقاق، نېرۋا ئاغرىش بولۇپ تېرە زەخىملىنىشى بولمىغانلار ئەسۋىسىز بەلۋاغسىمان قوقاق دەپ ئاتىلىدۇ.
بەلۋاغسىمان قوقاق قوۋۇرغا ئارىلىق نېرۋىسىغا ئاسانلا تاجاۋۇز قىلغانلىقتىن گەۋدىدە كۆپ پەيدا بولىدۇ. ئەگەر ئۈچلۈك نېرۋا يۇقىرىقى شېخىغا تاجاۋۇز قىلسا، باشنىڭ ماڭلاي قىسمى زەخىملىنىدۇ ھەمدە كۆز ئالمىسىغا تەسىر قىلىدۇ، بۇ كۆز بەلۋاغسىمان قوقىقى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا شىددەتلىك ئاغرىشتىن سىرت، مۈڭگۈز پەردە يارىلىق ياللۇغى، كۆز ئالمىسى ياللۇغى، ھەتتا مېڭە ياللۇغى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئەمالىقنى ياكى ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۈتۈن بەدەندە كەڭ كۆلەمدە تېرە زەخىملىنىشى بولغان ئېغىر ئالامەتلىكلەر كەڭ كۆلەملىك بەلۋاغسىمان قوقاق دەپ ئاتىلىدۇ.
دىئاگنوزى ۋە سېلىشتۇرما دىئاگنوزى: توپلانغان ياللۇغلۇق سۇلۇق قاپارتقۇ نېرۋىنىڭ بىر تەرىپىنى بويلاپ تارقىلىش، بەلۋاغسىمان تىزىلىش، نېرۋا ئاغرىش كۆرۈنەرلىك بولۇش مەزكۇر كېسەلنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇنى ئاددىي قوقاق، يېقىنلىشىشتىن بولغان تېرە ياللۇغى بىلەن پەرقلەندۈرۈش لازىم. ئەسۋىسىز بەلۋاغسىمان قوقاقنى ئۆت خالتا ئۆتكۈر ياللۇغى ھەم قوۋۇرغا ئارىلىق نېرۋىسى ئاغرىش قاتارلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈش لازىم.
داۋالاش: ئاغرىق توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەللىك جەريانىنى قىسقارتىش قاتارلىق داۋالاش پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ.
1. ئىچىدىغان دورىلار: ئاغرىق توختاتقۇچى ھەر خىل دورىلار ۋە نېرۋىنى قوغدىغۇچى دورىلاردىن ئاسپىرىن، پاراتسېتامول، پېروفېنازىن، ۋىتامىن B1، B2، E قاتارلىقلار تاللاپ ئوكۇل قىلىنىدۇ ياكى ئىچكۈزۈلىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى جىددىي ياكى يېشى چوڭ كېسەللەرگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالدۇرراق ئاز مىقداردا كورتىكوستروئىدنى قوشۇپ ئىشلىتىش لازىم. كەڭ كۆلەملىك، ئېغىر ئالامەتلىك كېسەللەرگە ئالدى بىلەن سىتارابىن، ئادرېنىن ئارابىنوزىد، ئاتسىكلىك گۋانوزىن، ترانسىفېر فاكتور ياكى ئىنتېرفېرون قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئانتىبىئوتىكلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.
جۇڭيىدا قىزىتمىنى قايتۇرۇپ نەملىكنى ھەيدەش، ئىسسىقنى سۈرۈپ، زەھەر قايتۇرۇش داۋالاش پىرىنسىپى قىلىنىدۇ. ئادەتتە لوڭدەنشې گەنتاڭ قايناتمىسى، سەيخۇشۇ گەنتاڭ قايناتمىسى ياكى ۋى لىڭتاڭ قايناتمىسى تەركىبى قوشۇپ ياكى ئازايتىپ ئىشلىتىلىدۇ.
2. سىرتىدىن دورا ئىشلىتىش: قورۇش، قۇرۇتۇش، سۈركىلىشنى ئازايتىش ۋە ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشلار پىرىنسىپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ٪5لىك ئىدوكسۇرىدىن دىمېتىل سۇلفوكسىد ئېرىتمىسى، ٪3 لىك ئاتسىكلىك گۋانوزىن زىمادى، تىررامىتسىن گلىتسېرىد ياكى گىنتىئان ۋېئولىت ئېرىتمىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. كۆزدىكى بەلۋاغسىمان قوقاققا ٪0.1~0.5 لىك ئىدوكسۇرىدىن دىمېتىل سۇلفۇكسىد كۆز سۈيى ياكى ٪0.1 لىك فوتىبۇزون كۆز سۈيى كۆزگە تېمىتىلىدۇ.
يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا ئاۋاز چاستوتىلىق توك بىلەن داۋالاش، گېلىي نېئون جۇلالىق نۇرى، ماگنىت بىلەن ماسساژ قىلىش ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇرىدا نۇرلاندۇرۇش قاتارلىقلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
تېرە كېسەللىكلەر ئىلمى ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.




