大数跨境

كەچتە ئىلمىي ئوزۇقلانمىسا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرپ چىقىرىدىك

كەچتە ئىلمىي ئوزۇقلانمىسا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرپ چىقىرىدىك dastur
2018-09-23
1
导读:نېرۋا ئاجىزلاش: كەچلىك تاماقنى ھەدىدىن زىيادە تويۇنۇپ



نېرۋا ئاجىزلاش: كەچلىك تاماقنى ھەدىدىن زىيادە تويۇنۇپ يېگەندە، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلاپ، ئۇيقۇسى قېچىش، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى نېرۋا ئاجىزلاش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. 

سېمىزلىك كېسىلى : كەچلىك تاماقنى كۆپ يېگەندە قاندىكى قەنت ماددىسى ، ئامىنو كىسلاتاسى، ياغ كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىدۇ. ئارتۇق ئېنېرگىيە ئىنسۇلىنىنىڭ تەسىرىدە ياغقا ئايلىنىپ، بارا-بارا سەمرىتىۋېتىدۇ. 

قاندا ماي يۇقىرى بولۇش، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى: كەچتە دائىم زىيادە غىزالانغان ھەمدە گۆشلۈك تاماق يېگەن كىشلەرنىڭ قېنىدىكى ماي باشقا كىشلەرگە قارىغاندا ئۈچ-تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، قان بېسىمىمۇ زىيادە يۇقىرى بولىدۇ. 
دىيابېت كېسىلى: ئۇزاق مەزگىل زىيادە تويۇنۇپ غىزالانغاندا ئىنسۇلىن B ھۈجەيرىسىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىپ، دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. 
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى: كەچلىك غىزادا ھەددىدىن ئارتۇق ئېنېرگىيە قوبۇل قىلغاندا، ئارتۇق خولېستېرىن قان تومۇرلارغا يىغىلىۋېلىپ، ئارتېرىيە قېتىشىش، قان تومۇرلار توسۇلۇش ھەم تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەنبە: يارپ تورى 




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662