大数跨境

زەنجىۋىل سۈيى 8 چوڭ كېسەلگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ

زەنجىۋىل سۈيى 8 چوڭ كېسەلگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ dastur
2019-01-08
0



ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

بىر ئىستاكان ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىنىڭ بەدەنگە بولغان سەككىز خىل پايدىلىق تەرىپى .

1. زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىقى : - تەييارلانغان بىر ئىستاكان زەنجىۋىل سۈيىگە تۇز ، ئاچچىق سۇ قوشېۋتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ، باش ئاغرىقى ، سوغۇقتىن بولغان زۇكام ۋە يۆتەلگە بولغان ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ .



2. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش : - (شەقىقە)  باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغان ۋاقىتتا زەنجىۋىل سۈيىگە ئىككى قولنى چىلاپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزغان ۋاقىتتا باش ئاغرىقى ئاستا - ئاستا قويۇپ بىرىدۇ .

3. يۈز قىسمىغا دانخورەك چىقىپ قىلىش : - ھەركۈنى ئەتىگىنى كەچتە زەنجىۋىل سۈيىدە يۈزنى يۇيۇشنى 60 كۈن ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە ، يۈزدىكى يارا ئېغىزىنى ئاستا -ئاستا يوقاتقىلى ، ھەمدە قۇرغاق تېرىلەرنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .

4. بەل ئاغرىغىقى : - زەنجىۋىل سۈيىگە ئازراق تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئۇنىڭدا لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ بەل قىسمىغا تېڭىپ بىرىمىز ، بۇنى بىر كۈندە نەچچە قېتىم تەكرار ئالماشتۇرۇپ قىلساق بولىدۇ . بەل قىسمىغا ئىسسىق ئۆتۈپ قان ئايلىنىشنى راۋاجلاندۇرۇپ ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ .



5. پۇت پۇراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش :-  زەنجىۋىل سۈيىگە ئازراق تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ پۇتنى 15 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ بەرگەندە پۇتنى راھەتلەندۈرۈپ پۇت پۇراشنى يوقىتىدۇ.

6. چىش ئەتراپىدا ياللۇغلىنىش بولسا : - زەنجىۋىل سۈيىگە ئازراق تۇز قوشۇپ ھەركۈنى ئەتىگىنى، كەچتە ئېغىزنى چايقاپ بەرگەندە چىش ئەتراپى ياللۇغلىنىشقا داۋا بولۇپلا قالماستىن گال ئاغرىقىغېمۇ شىپا بولىدۇ .

7. ئېغىز بوشلۇقى يارا بولۇپ قىلىش : - ھەر كۈنى زەنجىۋىل سۈيىدە ئىككى ئۈچ قېتىم ئەتراپىدا ئېغىزنى چايقاپ بەرگەندە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

8. چاچ كېپەكلىشىش : -  زەنجىۋىل سۈيىدە چاچنى يۇيۇپ بەرگەندە چاچ كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن چاچنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ باش قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .





dastur              دەستۇر             代斯图尔




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662