
مەن بىر ئاكتىپ ئېنىرگىيە بىلەن تولغان، قىزىقىشىم ئىنتايىن كۈچلۈك قىز.
تەلەيلىك مەلىكە بولۇشنى ياقتۇرمايمەن، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئەنئەنىۋى قائىدىلەر بىلەن ياشاشنى خالىمايمەن. جەڭ ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىمەن. بىردىنبىر ئېسىل نەرسە ۋاقىت. پۇلدار بولغان بولسام چەكسىز ۋاقىت سېتىۋالاتتىم.
غەيرىي قالاق ئىدىيەلەرنى ياقتۇرمايمەن «ئايال كىشى بەك كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنى چارچىتىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، ياخشىراق ئەر كىشىگە تېگىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگىنى ياخشى!» مېنىڭچە بۇ خىل تەپەككۇرگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.
مەن جاھاندىكى بارلىق ئايال قەھرىمانلارنى ياخشى كۆرىمەن. مەسىلەن: Anne Sullivan، خۇا مۇلەن، Marie Curie قاتارلىقلار.

مېنىڭ ئىسمىم باھارگۈل رەھمەتۇللا. توغرا! ئىسمىم ئىنتايىن ئۇزۇن، «كۈنسېرى ئىلگىرىلەيلى» پروگراممىسىدىكى رىياسەتچىلەرنىڭ تولۇق ئىسمىمنى ئوقۇپ چىقىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقى ھازىرمۇ ئېسىمدە. چاقچاق!
مەن گۈزەل ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. شىنەن مىللەتلەر داشۆسى ئاكتىيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. مەكتەپ پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا دوڭفاڭ سۈنئىي ھەمراھ قانىلى ئۆتكۈزگەن چوڭ تىپلىق ئاياللار ئۇنىۋېرسال سەنئەت جەھەتتىكى تالانتلىقلارنى تاللاش پروگراممىسى 《加油!东方天使》 گە قاتناشقان ھەمدە شەرەپ بىلەن «دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار ئوبراز ئەلچىسى» ۋە دۇنيا بويىچە بەش كۈچلۈك شەرىپىگە ئېرىشكەن.

شۇنىڭدىن باشلاپ مېنىڭ سەنئەت تۇرمۇشۇم باشلاندى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قانچە كىنو، ئېلان ۋاكالەتچىلىكى قاتارلىقلارغا قاتناشتىم، شۇنداقلا ئىنتايىن شەرەپ بىلەن 2010-يىللىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ باش تېما ناخشىسىنى ئېيتتىم.
2013-يىلى داڭلىق كىنو ئارتىسى ليۇ دېخۇا ئەپەندىم بىلەن بىر كىنوغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، بۇ ئىنتايىن مۇنەۋۋەر كوللېكتىپ مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. بۇ مېنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزۈمنىڭ سەنئەت ھاياتىمدىن ۋاز كېچىپ، ئامېرىكىغا بېرىپ تېخىمۇ كۆپ كىنو توغرىسىدىكى كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشىمگە تۈرتكە بولدى.

كىنو «ماشىنا قىستاڭچىلىقى 2»
ۋاسىتىچىلىك شىركىتىنىڭ توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن مەن ۋاسىتىچىمگە «مەن ئامېرىكىغا بېرىپ ئۆگىنىپ خەلقئارالىق داڭلىق ئارتىس بولىمەن» دېدىم. ۋاسىتىچىم «ھە؟» دەپلا ھاڭۋىقىپ قالدى. لېكىن كىم بىلسۇن، دېمەك ئاسان بولغان بىلەن، قىلماق بەكلا جاپالىق ئىكەن.
باشقا دۆلەتتە، ئۆزۈم يالغۇز ھەممىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگەندىم، پو ئاتقىنىم ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمگە خېللا قول قويىمەن. چەتئەلگە چىقىشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر مېنى كالۋا دېيىشتى، لېكىن مېنىڭچە ھاياتلىقتا چوقۇم يېڭى نەرسىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىش كېرەك.
Life,it is not a destination, it is a journey.

ھاياتلىق مۇساپىسىدە سىز ئۈزلۈكسىز مەغلۇپ بولۇش بىلەن بىرگە ئوخشىمىغان خۇشاللىقلارغىمۇ ئېرىشەلەيسىز، بۇ خىل ھايات مېنىڭچە كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان كىنوغا ئوخشايدۇ.
ئامېرىكىغا يېڭى كېلىپ تىل ئۆگىنىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا، يۈزۈم چۈشكۈدەك نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدىم، پەرىزىمچە بۇ نۇرغۇن چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىغان ئىشلار ھەقىچان.
مەسىلەن، تۇز بىلەن شېكەر ئوخشاش بولغاچقا، تۇزنى شېكەر دەپ قەھۋەگە ساپتىمەن، قايتا بىر ئىستاكان بۇيرۇتۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم. ئۆگەنگەن سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپمۇ چۈشەندۈرەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرىدىم.
ھەقىقىي جۇڭگو ئاشخانىسى تېپىپ بىر ۋاق تاماق يېيىش ئۈچۈن، مېتروغا سانسىز قېتىملاپ خاتا ئولتۇرۇپ قالدىم، يولنى سانسىز قېتىملاپ خاتا ماڭدىم، ھەتتا يولدىن ئېزىپ ئۆينىمۇ تاپالماي قالدىم. نەتىجىدە ئاشخانا ئىزدەشتىن ۋاز كېچىپ، ئۆزۈمنى تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىدىم.
ئىشىنمەنكى %90 تىن ئارتۇق چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، تىلنى ئۆگىنىپ بولۇشتىن بۇرۇن ئۆزىمۇ خالىمغان ھالدا ئاشپەز بولۇپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئامېرىكىغا كېلىشمۇ تىل ئۆگىنىش ئۈچۈندۇر، مەن جاھىل بولغاچقا، يانفونۇمنىڭ خەت شەكلىنىمۇ ئىنگىلىز تىلىغا ئۆزگەرتىۋەتتىم. سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان مەن، بىراقلا دېڭىزغا سەكرەپ، ئۆزۈمگە پەقەت ئىككىلا يول ئېلىپ قويدۇم : يا بولمىسا دېڭىزغا غەرق بولۇپ ئۆلىمەن، يا بولمىسا ياشاش ئۈچۈن سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىمەن.

نەتىجىدە، ئالتە ئايدىن كېيىنلا « I don’t know English» نى تولۇق ھالدا «How can I help you, let me know if you need anything else» دەيدىغان بولدۇم، شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ پۈتۈنلەي ئىنگىلىز تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرغۇدەك بولغىنىمنى ئۆزۈممۇ ھېس قىلماپتىمەن.
لېكىن، كىنو كەسپىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتە، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى بىلگەن بىلەنلا بولمايدۇ، تەتقىقات قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش كېرەك. ماگېستىرلىققا ئىمتىھان بېرىش، مېنىڭ كېيىنكى نىشانىم بولدى. 2016-يىلى، ئاخىرى كەسپىي تەربىيىلەش ئارقىسىدا، ھەر خىل ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئارزۇيۇم بويىچە نيۇيورك كىنو شۆيۈەنىڭ ماگېستىر ئاسپىرانتلىق كىنو ئىشلەش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى كەسپىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالدىم بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىمۇ بار تېخى.
نۇرغۇن ئادەم مېنى تەلەيلىك، سەنئەت ھاياتىدىن ھازىرغىچە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ماڭدى دېيىشتى. لېكىن مەن ئۆزۈمنى بەك تەلەيلىك دەپ قارىمايمەن، مېنىڭ ئېسىمدە ئۆزۈمنىڭ جاپا تارتىشقا ئامراقلىقىملا بار.
باشقا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ھەر خىل بەزمىلەرگە قاتناشقان ۋاقتىمدا، مەن بۇ ساھەنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنى ئۆگىنەتتىم، ئېغىز تىلىم ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلۇمنى مەشىق قىلاتتىم. بۇ ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئىلغارلىقىمنى دېيىش ئەمەس، بەلكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلۇمنى سىلەر بىلەن بەھىرلىنىش خالاس.
ئامەت ئۆزلىكىدىن كەلمەيدۇ، ئامەت سىزنىڭ قولغا كەلتۈرۈشىڭىزدىن كېلىدۇ! پۇرسەتنىمۇ ئۆزىڭىز تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىڭىز كېرەك.

ئىككى يىللىق ئۆگىنىش ھاياتىمدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىمنىڭ ھاياتىمدىكى پەقەتلا بىر كىچىك قەدەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
كونىلار دېگەن «تاغ كەينىدە تاغ بار» دېگەن گەپ بەكلا ئورۇنلۇق، ئۆزىڭىزنى بەك مۇنەۋۋەر دەپ قارىماڭ.
ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ئۇسۇلى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئامېرىكىدىن نۇرغۇن دۇنياغا مەشھۇر مەشھۇر كەشپىياتچىلار، ئالىملار، سەنئەتكارلار چىققان. مائارىپ ساھەسى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتتە ئۆگىنىش مېنىڭچە ئىنتايىن ھوزۇرلىنىدىغان بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.

ئېسىمدە قېلىشىچە، ماگېستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، مەكتەپنىڭ تەلىپى بويىچە، چوقۇم ئۆزىمىز بىر كارخانا ياكى ھوللىۋودتىكى كىنو شىركىتىنى تېپىپ پىراكتېكا قىلىشىمىز كېرەك بولدى.
بۇ يەرلىكلەرگە نىسبەتەنمۇ ئوڭاي خىزمەت ئەمەس، بىزگە ئوخشاش چەتئەللىكلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ تەس ئىدى. مەن نەقمۇ-نەق بىر ئاي سەرپ قىلىپ پىراكتېكا پۇرسىتى ئىزدەپ ئاخىرى بىر مۇۋاپىق كىنو شىركىتى تاپتىم.
مېنىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىپەم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، رېژىسسور Oliver Stone نىڭ كوللېكتىپى بىلەن بىرلىكتە ئەڭ يېڭى كىنونىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش بولدى. ئاڭلىماققا بەك پەيزى بىلىنىدۇ! چۈنكى ھەممىمىز ئوسكار مۇكاپاتىنى بىلىمىز. لېكىن راست گەپنى دېسەم، ئۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ قارارىغا ئازراق پۇشايمان قىلغىنىم ئىدى، مەن دۆلەت ئىچىدىكى سەنئەت ھاياتىمدىن ۋاز كەچكىنىمگە پۇشايمان قىلغان ئىدىم.
چۈنكى بۇ ۋەزىپە ئىنتايىن قىيىن ئىدى! بىرىنچىدىن، مېنىڭ كەسپىي ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەرىم ئانچە ياخشى ئەمەس، قانداقمۇ تەتقىقات ماقالىلىرىنى يازالاي؟ يەنە تېخى مېنى ئامېرىكىنىڭ كىنو بازىرىنى تەتقىق قىل دەيدۇ! مەندە راستىنلا بىر قانچە قېتىم قېچىپ كېتىش ئىستىكى تۇغۇلدى، يالغاندىن قەھۋە سېتىۋېلىشنى باھانە قىلىپ، قايتا بارماسلىقنى، قايتا پىراكتېكا قىلماسلىقنى، قايتا بېرىپ خىزمەت قىلماسلىقنى ئويلىدىم.

لېكىن بىر كۈنى سەھەردە يۈگۈرگەن ۋاقتىمدا بىر قائىدىنى ھېس قىلىپ يەتتىم، ئۇ بولسىمۇ ھەر قانداق ئىشنى قىلغاندا ئوخشىمىغان قىيىنچىلىق ۋە ئازاپ بولىدۇ.
خۇددىي يۈگۈرگەنگە ئوخشاش، بىرىنچى كۈنى يۈگۈرگەندە ئىنتايىن چارچىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز، بارغانسېرى ئاستا يۈگۈرىسىز. لېكىن ھەركۈنى يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بەدىنىڭىز شۇنىڭغا كۆنىدۇ، بارغانسېرى تېز يۈگۈرىدىغان بولسىىز، ئانچە چارچاشمۇ ھېس قىلمايسىز.
ئۆگىنىشمۇ ئوخشاش، باشلىنىشتا قىيىنچىلىق كۆپ بولىدۇ، ئەگەر مەن ھەر قېتىم بۇ قىيىنچىلىق ۋە ئازابلارغا ئۇچرىغان ۋاقتىمدا قېچىشنىلا ئويلىسام، مەن يەنە نېمە قىلالايمەن؟ ھېچقانداق رىقابىتى بولمىغان ئىشنى قىلىپ، ئاستا-ئاستا قېرىپ، جىمجىت ئۆلۈپ كېتىشنى تاللامدىم؟
جاۋابى: ياق، ئارقىدىنلا مەن يۈگۈرۈپ بولۇپ، ناشتىلىقىمنى يەپ، شىركەتكە بېرىپ شۇ كۈنلۈك خىزمىتىمنى بالدۇرلا تاماملاپ بولدۇم.
لېكىن قىلغانلىرىم ياخشى بولدىمۇ؟ خوجايىن مەن يازغان بىر توپ ماقالىنى كۆرۈپ دېگەن بىرىنچى گېپى «نېمە بۇ؟» بولدى، راستلا ئازراقمۇ يۈز بەرمىدى، لېكىن ئۇنىڭغا نېمە ئامال بار؟ خاتا بولسا خاتا بولسۇن، خاتا بولسا قايتىدىن يازسام بولىدۇ، تاكى ياخشى بولغۇچە يازىمەن.

بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۈچ ئايدا، مەن ئۆزۈمدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ماقالىنى يېزىپ بولۇپ، كوللىكتىپقا بەرگىنىمدە، ئۇلار تېخى مېنىڭ ئويۇمنى مۇزاكىرە قىلىشتى. شۇ چاغدا قەلبىممۇ ئىللىپ قالدى!
2018-يىلى 4-ئايدا، مەن ماگېستىر ئاسپىرانتلىقنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈردۈم. ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، مەكتەپ مۇدىرى ئىنتايىن قىيىنىلىپ، تەلەپپۇزى توغرا بولمىغان ھالدا تولۇق ئىسمىمنى ئوقۇغان ۋاقىتتا، مەن راستىنلا ھاياجانلاندىم!

4-ئايدا، مەن كۆڭۈلدىكىدەك بىر خىزمەت تەكلىپىنى تاپشۇرىۋېلىپ، ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رېژىسسور كامېروننىڭ كىنو ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا قاتناشتىم.
يەنە، نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا بىر تەرەپتىن چاۋاك چالغاچ مېنى تەلەيلىك دېيىشتى، مەن ئارتۇق چۈشەندۈرمەي، كۈلۈپلا قويدۇم.
كىنوچىلىق ھاياتى ئىنتايىن ئۇزۇن، پەقەت ئۆزۈمگە «باھارگۈل، ئۆزۈڭگە مەدەت بېرىپ، ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇر»لا دېيەلەيمەن خالاس.
مەنبە:中国维吾尔语广播CNR
دەستۇر dastur

